hantagri illikdunya.biz sohpat
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
halmurat
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2842
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
شۆھرىتى: 570 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 840 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 64 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئىشقىلىپ، ئاشخانا دېگەنگە قاراپ بېقىپراق..... يېگەن ياخشى. باھاسى قىممەت، ئىچى-تېشى پاكىزە، خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ھەققى يۇقىرى ئاشپۇزۇللاردا چاتاق يوق. نەدە مەينەترەك ئاشخانىلاردا ئىش باشقىچە.. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىشلار:
   كۇچادا بولغان ئىش:
_ مامۇت، كۆمۈر سېلىۋەت _  دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ياز بولغاچقا تالادا ئولتۇرغان، ئاشخانىنىڭ سىرتىدا بىر قانچە ئورۇندۇق باركەن... تالادا يەنە كاۋاپدان ۋە پولو ئېتىدىغان قازان باركەن. بىرسى ئاشخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپلا قازاندىكى پولو ئۇسىدىغان كەپكۈرنى پولودىن ئېلىپلا، مەشكە كۆمۈر ئۇسۇپ سېلىۋېتىپ، يەنە پولوغا سانجىپ قويۇپ كىرىپ كەتتى. مەن بۇنىڭغا قاراپ بىر ھازا ئولتۇرىۋېتىپ، تاماقمۇ يېمەي كەتتىم. بۇ ئاشخانا پىيادىلەر كوچىسى دېگەن يەرگە جايلاشقان خېلى پاكىزە چىراي ئاشخانا ئىكەنتۇق.
قەشقەردە بولغان ئىش:
    ھېيتگاھنىڭ ئۆپچۆرىسىگە جايلاشقان ئەڭ ئاۋات ئاشخانىلارنىڭ بىرىدە، ئارقا ئىشخانا بىلەن تاماق يەيدىغان زال ئوتتۇرسىدا ئەينەك بولغاچقا ئىچدىكى ئىشلار كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن... بۇ ئاشپۇزۇل پاكىزە بولغاچقا خوجايىنلارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى چوڭ. بىز خەقتىن پەرقلىنىمىز، كۆرۈپ قوي دېگەندەك قىلىپ، ئارقا زالنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ، تام سالماي ئەينەك ئورناتقان، ياكى تامنى ئېلىۋېتىپ، ئەينەك ئورناتقان....
   بىرسى يەردىكى سۈپۈرۈپ دۆۋلەپ قويغان سۈپۈندە ئۈستىدە تۇرغان سۈپۈرگىنى ئېلىپلا، پەشخۇننى سۈپۈردى.
ۋۇخەندە بولغان ئىش:
   ئاۋات كوچىلارنىڭ بىرىدە بىر ئۇيغۇر ناۋاي باركەن... نان ئالغىلى بېرىپ، ناننى خالتىغا سېلىۋاتسام، مارتتىدە مىشقىرىۋېتىپ، ماڭقىسىنى پايپيقىغا ئېيتىۋېتىپ كارى يوق،،، يەنە گېزىنىنى پۇلاڭشىتىپ نان يېقىپ كەتتى. ئۈرۈمچىدە بولغان ئىش:
    داڭلىق كاۋاپ چىقىرىدىغان دۇكانمىش، ئاغىنىلەر ئۈچەي كاۋاپمۇ بۇيرۇتتى. مەن ئون نەچچە يىل تاغدا مال باققان بولغاچقا، قوينىڭ ئۈچەي قارنىنى ئۈجۈر - بۈجۈرلىرىگىچە بىلگىنىمدىنمۇ، ياكى سەزگۈرلۈكۈم ئېشىپ كەتكەنتىلىكىدىنمۇ.... بۇ كاۋاپقا باشقا تەمنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بولىشىغا ئارلاشتۇرغان ھاراق كار قىلمىغان چېغى،،،،، ئاغزىمغا يېقىن ئەكەلسەملا پوق پۇرىدى... ئاغىنىلەر يەۋەردى. ئۈچەي دېگەننى ئاسان تازىلاپ-پاكىزلىغىلى بولمايدۇ. بىر خوتۇن بىر قوينىڭ ئۈچەيىنىڭ ئەتىگەندىن كەچكۈچە ئولتۇرسا ئاران يۇيۇپ تازىلاپ بولىدۇ.... مېنىڭچە ئۇنى ماشىنىدا يۇغىلى بولمايدۇ. قوينىڭ ئۈچەيى دېگەن، پـوق ، گەندە تۇرىدىغان ئەزا....
ئاقسۇدا بولغان ئىش:
   ئەتتىگەندە بۇ يۇرتتا تاڭمەن ۋە مانتا دېگەن تاماقلارنى چىقىرىدۇ... ياز ئىدى. بىزمۇ ئەلقاتارى مانتا يېگەن.... تۆتىنچىسىنى چىشلىسەم ، ياق چىشلىمەپتىمەن،،، شۇنداقلا يارسام... ھېلىقى موزاي بېشىدىن بىرى چىقمامدۇ. قۇسىۋەتمىدىم. جىممىدە بولۇپ قالدىم. بۇنداق تاماققا پۇل تۆلىمەيمىزغۇ.... لېكىن ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىمىدىم... پۇلنى تۆلەپ،  دەرھال قاچتۇق. لوپنوردا بولغان ئىش:
  لوپنوردا .... ھە راست، بۇنى ئۆتكەندە بىر تېما يېزىپ دەپ بېرىپ بوپتىكەنمەن...
چوشقا گۆشىنىڭ تەمى دېگەن تېمىنى ئىزدەپ ئوقۇڭلار.
ئۆستەڭ بويىدا بولغان ئىش :
   مەلۇم ياڭاق كۆپ چىقىدىغان يۇرتنىڭ ياڭاق زارلىقلىرىنىڭ بىرىدە... (بۇ خوجايىن ئىلگىرى باشقا سودا قىلاتتى. شىركىتىنى تاقاپ، تۆت ئورۇنغا بېلىق كۆلچىكى ۋە چوشقا فېرمىسى ساپتۇ، بېلىق تۇتقىلى ئويناتقىلى ئاپاردى). بېلىق كۆلچىكىنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدە چوشقا قوتىنى باركەن، ئۇ ياقتىن ماررتتىدە چىچىدىكەن، بۇ ياقتىن پوقنى بېلىقلار يەيدىكەن.... بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىدىكەن.
  ھەرھالدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بۇنداق ئىشلارنى دەرھال بايقاپ، بېلىقنى گەندە بىلەن بېقىشنى قاتتىق چەكلەپتۇ. ئۇنداقتا بېلىق گەندە يېمىسە ... ئەرزان بېلىقلارنى قانداق يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. خېمىيۋى ئوغۇت. ھازىر ھەممە يەردە بېلىقنى ئازوت ۋە ئاممونىي فوسفات دەيدىغان ئوغۇت بىلەن بېقىش مودىكەن.
   دەسلەپتە ئۇلار ماڭا، كۆلچەك بەك قىزىپ كېتىدۇ، سۇنى سوۋۇتۇش ئۈچۈن تۆكىمىز دىگەن، ئەمما قارىسام ئۇلار بېلىقلارغا باشقا يەم بەرمەيدىكەن. بۇنىڭدا تېز سەمىرىيدىكەن.  توپ ئۆتكۈزىدىغانلار ... بېلىقچىلار ئىچىدە گەندە بىلەن باقىدىغانلار يەنىلا يوق بولۇشى ناتايىن، «كىلوسىنى يەتتە كويدىن توپ ئۆتكۈزىدىغان تۇرساق، يىلدا ئاران بىر قېتىم كۆپىيىدۇ، تەلەي كەلمىسە ئۇمۇ يوق، مەخسۇس بېلىق يېمىدە باقساق، ياكى پاكىزە پۇلغا كېلىدىغان نەرسىلەردە باقساق يىگىرمە كوي ساتساق گۇڭ كۆتىرىدۇ، خەق ئەرزان سېتىۋاتسا، بىزنىڭكىنى ئالامدۇ...» خەقنىڭ گېپى.
چىگىت مېيىنى يىگىلى بولمايدۇ...
خوتۇن يەنە مايغا بۇيرۇدى چالۋاقاپ،
_ ئۆتكەندە ئالغان مېيڭ چىگىت مېيىكەن، ماڭ ئالماشتۇرۇپ ئەكەل...
نېمە ئامال، خوتۇننى سودىلىشىپ كەل دەپ ئەۋەتكىلى بولمىغانكىن،،، قـوڭنى قىسىپ ماڭدۇق يەنە. قادىر ياغنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ، ياغ ئالاتتىم دېدىم.
_ چېگىت مېيى بارمۇ.
_ ياق، يوق. بىز قەتئى چىگىت مېيى ئىشلەتمەيمىز.
_ ماڭا بەك زۆرۈر لازىم بولۇپ قالغان، دورىلىق قىلىدىغانغا....
_ ھە، ئۇنداق بولسا... توختاپ تۇرۇڭ، ئۆيدە ئىككى كىلودەك بارمىكى، مەن ئەچىقىپ بېرەي دەپ كۆتۈرۈپ چىقتى.
_ تۇتە ئاداش ما ئۆتكەندە ساتقان يېغىڭنى....
    چىگىت مېيىنى يېگىلى بولمايدۇ. ئۆسۈملۈك مېيى تۇرسا دېدىڭىزما؟ بۇرۇن شۇنداقتى، ھازىر ئۇنداق ئەمەس. ھازىر كېۋەزنىڭ كېسەللىكلىرى ناھايىتى كۆپ، تاكى 4 ئايدىن تاكى 11 ئايغىچە بىر تۈپ كېۋەزگە يۈز قېتىمدەك دورا چېچىلىدۇ، بۇ دورىلارنىڭ ئاز بىر قىسىمى زەھەرسىز بولغاندىن باشقا، كۆپ قىسىمى ئادەم پۇراپ قويسىمۇ ئۆلىدىغان زەھەرلىك. بۇلار كېۋەزنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا تارايدۇ. چىگىتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.... قەتئى يېمەڭ. كېسەل قىلىدۇ. بالىلار ساغلام تۇغۇلمايدۇ.
قوشنامنىڭ قويى :
    قوشنامنىڭ خوتۇنى يۈگرەپ چىقىپتۇ، ۋوي بىر قوي تىركاڭشىپ قالدى،،،، نىم بولغانكىن ئۇقمۇدۇم... ئۆيدە ئۇ يوقتى دەپ. پىچاقنى كۆتۈرۈپ كىرسەم قوي ئۆلۈپتۇ.
   بۇ قوي ئۆلۈپتۇ دېدىم. ۋە مۇسىبەت تارتقان خوشنامغا بىر ھازا تەسەللى بېرىپ، كۆڭلىنى ياساپ، خوشلاشتىم.
چۈشتىن كېيىن قارىسام «ئۇ» قايتىپ كېلىپ، ھېلىقى قوينى سويغىلى تۇرۇپتۇ، نېمە قىلىۋاتىسەن، ئۆلۈپتىكەنغۇ، دېسەم.... تېرىسىنى بولسىمۇ سويىۋالاي. گۆشىنى رېستوران ئىشلىتىۋاتىدىغان بولدى... سەل تۇرۇپ چىقىدۇ دەيدۇ.
_ نېمە دەيسە، بۇ قوي ئۆزى ئۆلۈپ قالدى.
_ ۋاي رېستورانغا كىرىپ بۇزۇقچىلىق قىلىدىغانلار بۇنى ئارىپ ئولتۇرامدۇ. ئۇ خەق يېسە ھېچنىمە بولمايدۇ... دەيدۇ.
     ئۆزى كادىر، مائاش ئالىدۇ. مەنمۇ باي بولمىغانكىن تۇتە ما پۇلنى، تاشلا قوينى دېمىدىم... ئىككى ئېغىز گەپ قىپ بېقىپ يىراق بولدۇم.

[خاتىرەمگە كۇچۇرۇپ قۇيغانلىرىمدىن...مۇنبەرگە تىما يىزىپ خەتنىڭ چوڭلىقىنى،رەڭگىنى ئوزگەرتەي دىسەم بولمىدى نىمىشكە بولمايدۇ؟
[ بۇ يازمائاتەش رەناتەرپىدىن2011-05-03 14:00دە قايتا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-05-03, 01:34

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( halmurat )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-03 01:52 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( halmurat ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
چوپان

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2328
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 369
شۆھرىتى: 3710 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3840 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 382 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توۋۋا !!!مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ ئاشخانىلاردا تاماق يىگۇسى كەلمەي قالىدىكەن!شۇڭىمىغۇ كونىلار ئاشخانىدا ئامال بار يىمەيدۇ!ھېلىقى بىر ھىكايە بارغۇ بىر بالا بەك ئەقىللىقكەن ئەتىگىنى دادىسى بىلەن مەسچىتكە بىللە چىقسا كىم نىمە ئويلاۋاتىدۇ ھەممىنى بىلىپ قالىدىكەن ھەم دائىم دەۋېتىپ كىشىلەرنىڭ ئەيىۋىنى ئېچىپ قويغاچقا بۇ كىشىلەر مەسلىھەتلىشىپ بالىنى سۆزلىيەلمەس قىلىپ قويۇشنى پىلانلاپتۇ ئاخىرى بالىغا بازاردىن بىر ۋاق تاماق ئېلىپ بىرىپتۇ بالا شۇ تاماقنى يىگەندىن كىيىن ئۇۇنداق سۆزلىيەلمەس بوپ قاپتۇ..............
ئەلۋەتتە ھەممە ئاشخانا ئۇنداق ئەمەس ئەمما شۇ ئاز  بىر قىسىم ئاشخانىلار قالغان ئاشخانىلارنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈپ قويىدۇ!شۇڭار ھەممەيلەن دىققەت قىلسا بۇلاتتى بۇ مەسىلىگە!
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 10:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( چوپان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

زەمزەم
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2642
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 179
شۆھرىتى: 1790 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1330 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 179 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

      
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 11:55 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( زەمزەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
رەھىمسىز
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 880
شۆھرىتى: 8830 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8980 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 885 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ۋاي ئاللا ما گەپنى ئەمدى............
شۇڭا ئالدىراپ ئاشخانىدىن تاماق يىمەيمەن دە...... يىلدا بىرە قېتىم كىرىپ قالمىسام.... يىدىممۇ ئاغرىپلا قالىمەن...يەنىلا ئۆيدە ئىتىپ يىگەنگە يىتەمدۇ..... شۇڭا بەزى سىرتتىن تاماق يەيدىغان خىزمەتچىلەرگە ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ..... تاماق دەپلا يىگەن بىلەن قارنىغا نىمىلەرنىڭ كىرىپ كىتىۋاتقىنىنى بىر ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.........
قېرىنداشلار؛ يىمەكلىكىمىزگە دىققەت قىلايلى.، شۈبھىلىك نەرسىلەردىن يىراق تۇرايلى...
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 12:12 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( رەھىمسىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۇلخان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 417
شۆھرىتى: 4220 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4421 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 456 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

شۇنداق،ئامال بولمىغاندىن باشقا چاغدا ئەڭ ياخشىسى تاماقنى ئۆزۈڭ ئېتىپ يىگەنگە نىمە يېتىدۇ دەيسىز،ھەم پاكىز ھەم شۈبھىسىز.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 12:54 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاتەش رەنا
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 538
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 260
شۆھرىتى: 2745 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2820 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 299 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 156(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ،،،خاتىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇراسىزمۇ ؟
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 14:01 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاتەش رەنا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 681
شۆھرىتى: 7165 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8255 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 734 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەقىقىي مۇسۇلمان ئاچقان تاماقخانىلاردا دىققەت قىلىدۇ. ئىمانى سۇس ، ئەقىدىسى بوش ئادەملەر تازىلىققىلا ئەمەس ھالال - ھارامنىمۇ ئايرىپ ئولتۇرماسلىقى مۇمكىن. مەنمۇ يېقىندا كۆرگىنىمنى دەپ بېرەي:
  بىرسى قەشقەرنىڭ قاسقان بازىرىدىكى پولۇخانىنىڭ پولوسىنى داڭلىدى، ئاتايىتەن قىزىمنى ئېلىپ  بارسام پولونىڭ گۆشى تۈگەپ كەتتى دېدى، دېمىسىمۇ ئادەم بەك كۆپكەن، ئورۇنمۇ يىتىشمەپتۇ، ئىشىك ئالدىدىمۇ ئادەم تۇرۇپتۇ، شۇنچە يىراقتىن كەلگندىكىن گۆشى بولمىسىمۇ تەمىنى تېتىپ باقايلى دەپ پولو بۇيرۇتتۇم، باشقا پولوخانىلاردا قوشۇمچە قىلىپ خام سەي كەلتۈرەتتى، بۇ يەردە ئۇنداق ئەمەسكەن لېكىن لەڭپۇ باركەن، ئىككى پىيالە لەڭپۇ بۇيرۇسام ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرۇپ پۇل ئېلىۋاتقان ئايال خوجايىن (ئىسلامچە كىيىنىپ كۆزىدىن باشقا ھەممە يېرىنى تولۇق ئوراپتۇ) پۇل تۇتقان قولىنى يۇمايلا لەڭپۇ ئېتىپ ئەكەلدى، قانداقمۇ يىگىلى بولسۇن؟  پۇل تاپشۇرسام لەڭپۇ ئەتكەن قولىنى كۆينىكىنىڭ ئېتىكىگە سۈرتۈپلا پۇل ئالدى... ھەيران بولۇپ كۆزىگە قاراپ قويۇپ چىكەتتۇق ۋە باشقىلارغىمۇ يامان تەسىر بېرىپ خېرىدارلىرىنى قاچۇرۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن يولدىشىغا دەپ قويۇشنى لايىق تېپىپ ئاغزىمنى ئۆمەللەپ بولۇپ دەككەمنى يېيىشتىن قورقۇپ گەپ قىلمىدىم.
   ئويلاپ باقايلى، دۇنيادا ئەڭ مەينەت نەرسە پۇل، پۇل تۇتقان قولنى پاكىزلىماي تۇرۇپ بىر نەرسە يىيىشتىنمۇ ئارتۇق قاراملىق بولامدۇ؟؟؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 14:41 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 31
يازما سانى : 2694
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 775(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئالدىنقى يىلى   مەلۇم  ناھىيىدە  قار  كۆچۈپ  3000 دىن  ئارتۇق  قوي   قار  ئاستىدا  قېلىپ  ئۆلدى  ،  ئىككى  ھەپتە  ئۆتكەندىن  كېيىن   ، ئۇ يەرگە  ئۇيغۇر  سودىگەرلەر  يوغان  يۈك  ماشىنىلىرىنى  ئېلىپ  بېرىپ  ،  چارۋىچىلارغا  بىر  قويغا  100  سومدىن  بېرىمىز ،   كولاپ   چىقىرىپ  بېرىڭلار  ،  دەپ  كولىتىۋېتىپتۇ ،    بۇرادىرىم  شۇ  يەردە  خىزمەت  قىلاتتى   ،  ئۇ  ئەھۋالنى  ئۇقۇپ  بارسا  ،  توڭ  قويلارنى  ھەدەپ  يۈك  ماشىنىسىغا  باسقىلى  تۇرۇپتۇ  .   بۇرادىرىم   سودىگەرلەردىن  ، بۇ ئۆلگەن   قوينى  نىمە قىلىسىلەر ؟  -- دەپ  سورىسا   ، ئۇلار  :    -- سويۇپ   تېرىسىنى  ئالىمىز ،     دەپتۇ ،  تېرىسى  100  كويغا  يارامدۇ  ؟    دەپ  سورىسا  سودىگەرلەر  غىدىق -  پىدىق  قىپ  قاپتۇ  .................
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 15:08 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مېھرىم

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1676
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 629
شۆھرىتى: 6290 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6370 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 643 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توۋا خۇدايىم!
ھەراست،ئۆيۈڭلاردا توك سۇ يوق كۈنلىرى نان چاي ئىچسەلار ئىچىڭلاركى ئاشخانىدىن تاماق يىمەڭلار.چۈنكى سەينى يۇيمايلا توغراپ قورۇپ ئاچىقىپ بېرىۋېرەرمىش.بۇنى بىر خىزمەتدىشىم ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان بىرىدىن ئاڭلاپتىكەن.ئەلۋەتتە ھەممە ئاشخانا ئوخشاش ئەمەستۇ.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 22:53 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مېھرىم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاقمۇچخان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2812
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
شۆھرىتى: 600 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 600 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 64 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توۋۋا !!! سىرىتتىكى ئاشخانىلارنىڭ  تازلىقى   ناچارلىقىنى   بىلسەممۇ   ،  بۇنچىۋالا   ئېغىرلىقىنى   ئويلاپ   باقماپتىكەنمەن .    بىر   خىزمەتدىشىم    بولىدىغان    قايسىلا   ئاشخانىغا    تاماق    يىگىلى    كىرسەك  ، ( ئۇ   چاغدا   يېزىدا   ئىشلەيتۇق ،  چۈشتە   ئۆيگە   قايتالمايتۇق  )   بىرەر   باھانە   تېپىپ  ،   ئاشخانىنىڭ   ئىچىگە   ئۈتۇپ   كىرىپ    باقاتتى . تازلىقى    ياقمىسىلا ،   چىقىپ   كىتەتتى .   ھازىرغۇ   ئاشخانىلاردا   ئىچىگە   كىرگۇزمەيدىكەن .      
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 23:56 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاقمۇچخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلام يىمەكلىك ساغلام ھايات
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا