hantagri illikdunya.biz sohpat
halmurat
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2842
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرىتى: 440 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 710 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 50 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئىشقىلىپ، ئاشخانا دېگەنگە قاراپ بېقىپراق..... يېگەن ياخشى. باھاسى قىممەت، ئىچى-تېشى پاكىزە، خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ھەققى يۇقىرى ئاشپۇزۇللاردا چاتاق يوق. نەدە مەينەترەك ئاشخانىلاردا ئىش باشقىچە.. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىشلار:
   كۇچادا بولغان ئىش:
_ مامۇت، كۆمۈر سېلىۋەت _  دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ياز بولغاچقا تالادا ئولتۇرغان، ئاشخانىنىڭ سىرتىدا بىر قانچە ئورۇندۇق باركەن... تالادا يەنە كاۋاپدان ۋە پولو ئېتىدىغان قازان باركەن. بىرسى ئاشخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپلا قازاندىكى پولو ئۇسىدىغان كەپكۈرنى پولودىن ئېلىپلا، مەشكە كۆمۈر ئۇسۇپ سېلىۋېتىپ، يەنە پولوغا سانجىپ قويۇپ كىرىپ كەتتى. مەن بۇنىڭغا قاراپ بىر ھازا ئولتۇرىۋېتىپ، تاماقمۇ يېمەي كەتتىم. بۇ ئاشخانا پىيادىلەر كوچىسى دېگەن يەرگە جايلاشقان خېلى پاكىزە چىراي ئاشخانا ئىكەنتۇق.
قەشقەردە بولغان ئىش:
    ھېيتگاھنىڭ ئۆپچۆرىسىگە جايلاشقان ئەڭ ئاۋات ئاشخانىلارنىڭ بىرىدە، ئارقا ئىشخانا بىلەن تاماق يەيدىغان زال ئوتتۇرسىدا ئەينەك بولغاچقا ئىچدىكى ئىشلار كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن... بۇ ئاشپۇزۇل پاكىزە بولغاچقا خوجايىنلارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى چوڭ. بىز خەقتىن پەرقلىنىمىز، كۆرۈپ قوي دېگەندەك قىلىپ، ئارقا زالنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ، تام سالماي ئەينەك ئورناتقان، ياكى تامنى ئېلىۋېتىپ، ئەينەك ئورناتقان....
   بىرسى يەردىكى سۈپۈرۈپ دۆۋلەپ قويغان سۈپۈندە ئۈستىدە تۇرغان سۈپۈرگىنى ئېلىپلا، پەشخۇننى سۈپۈردى.
ۋۇخەندە بولغان ئىش:
   ئاۋات كوچىلارنىڭ بىرىدە بىر ئۇيغۇر ناۋاي باركەن... نان ئالغىلى بېرىپ، ناننى خالتىغا سېلىۋاتسام، مارتتىدە مىشقىرىۋېتىپ، ماڭقىسىنى پايپيقىغا ئېيتىۋېتىپ كارى يوق،،، يەنە گېزىنىنى پۇلاڭشىتىپ نان يېقىپ كەتتى. ئۈرۈمچىدە بولغان ئىش:
    داڭلىق كاۋاپ چىقىرىدىغان دۇكانمىش، ئاغىنىلەر ئۈچەي كاۋاپمۇ بۇيرۇتتى. مەن ئون نەچچە يىل تاغدا مال باققان بولغاچقا، قوينىڭ ئۈچەي قارنىنى ئۈجۈر - بۈجۈرلىرىگىچە بىلگىنىمدىنمۇ، ياكى سەزگۈرلۈكۈم ئېشىپ كەتكەنتىلىكىدىنمۇ.... بۇ كاۋاپقا باشقا تەمنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بولىشىغا ئارلاشتۇرغان ھاراق كار قىلمىغان چېغى،،،،، ئاغزىمغا يېقىن ئەكەلسەملا پوق پۇرىدى... ئاغىنىلەر يەۋەردى. ئۈچەي دېگەننى ئاسان تازىلاپ-پاكىزلىغىلى بولمايدۇ. بىر خوتۇن بىر قوينىڭ ئۈچەيىنىڭ ئەتىگەندىن كەچكۈچە ئولتۇرسا ئاران يۇيۇپ تازىلاپ بولىدۇ.... مېنىڭچە ئۇنى ماشىنىدا يۇغىلى بولمايدۇ. قوينىڭ ئۈچەيى دېگەن، پـوق ، گەندە تۇرىدىغان ئەزا....
ئاقسۇدا بولغان ئىش:
   ئەتتىگەندە بۇ يۇرتتا تاڭمەن ۋە مانتا دېگەن تاماقلارنى چىقىرىدۇ... ياز ئىدى. بىزمۇ ئەلقاتارى مانتا يېگەن.... تۆتىنچىسىنى چىشلىسەم ، ياق چىشلىمەپتىمەن،،، شۇنداقلا يارسام... ھېلىقى موزاي بېشىدىن بىرى چىقمامدۇ. قۇسىۋەتمىدىم. جىممىدە بولۇپ قالدىم. بۇنداق تاماققا پۇل تۆلىمەيمىزغۇ.... لېكىن ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىمىدىم... پۇلنى تۆلەپ،  دەرھال قاچتۇق. لوپنوردا بولغان ئىش:
  لوپنوردا .... ھە راست، بۇنى ئۆتكەندە بىر تېما يېزىپ دەپ بېرىپ بوپتىكەنمەن...
چوشقا گۆشىنىڭ تەمى دېگەن تېمىنى ئىزدەپ ئوقۇڭلار.
ئۆستەڭ بويىدا بولغان ئىش :
   مەلۇم ياڭاق كۆپ چىقىدىغان يۇرتنىڭ ياڭاق زارلىقلىرىنىڭ بىرىدە... (بۇ خوجايىن ئىلگىرى باشقا سودا قىلاتتى. شىركىتىنى تاقاپ، تۆت ئورۇنغا بېلىق كۆلچىكى ۋە چوشقا فېرمىسى ساپتۇ، بېلىق تۇتقىلى ئويناتقىلى ئاپاردى). بېلىق كۆلچىكىنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدە چوشقا قوتىنى باركەن، ئۇ ياقتىن ماررتتىدە چىچىدىكەن، بۇ ياقتىن پوقنى بېلىقلار يەيدىكەن.... بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىدىكەن.
  ھەرھالدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بۇنداق ئىشلارنى دەرھال بايقاپ، بېلىقنى گەندە بىلەن بېقىشنى قاتتىق چەكلەپتۇ. ئۇنداقتا بېلىق گەندە يېمىسە ... ئەرزان بېلىقلارنى قانداق يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. خېمىيۋى ئوغۇت. ھازىر ھەممە يەردە بېلىقنى ئازوت ۋە ئاممونىي فوسفات دەيدىغان ئوغۇت بىلەن بېقىش مودىكەن.
   دەسلەپتە ئۇلار ماڭا، كۆلچەك بەك قىزىپ كېتىدۇ، سۇنى سوۋۇتۇش ئۈچۈن تۆكىمىز دىگەن، ئەمما قارىسام ئۇلار بېلىقلارغا باشقا يەم بەرمەيدىكەن. بۇنىڭدا تېز سەمىرىيدىكەن.  توپ ئۆتكۈزىدىغانلار ... بېلىقچىلار ئىچىدە گەندە بىلەن باقىدىغانلار يەنىلا يوق بولۇشى ناتايىن، «كىلوسىنى يەتتە كويدىن توپ ئۆتكۈزىدىغان تۇرساق، يىلدا ئاران بىر قېتىم كۆپىيىدۇ، تەلەي كەلمىسە ئۇمۇ يوق، مەخسۇس بېلىق يېمىدە باقساق، ياكى پاكىزە پۇلغا كېلىدىغان نەرسىلەردە باقساق يىگىرمە كوي ساتساق گۇڭ كۆتىرىدۇ، خەق ئەرزان سېتىۋاتسا، بىزنىڭكىنى ئالامدۇ...» خەقنىڭ گېپى.
چىگىت مېيىنى يىگىلى بولمايدۇ...
خوتۇن يەنە مايغا بۇيرۇدى چالۋاقاپ،
_ ئۆتكەندە ئالغان مېيڭ چىگىت مېيىكەن، ماڭ ئالماشتۇرۇپ ئەكەل...
نېمە ئامال، خوتۇننى سودىلىشىپ كەل دەپ ئەۋەتكىلى بولمىغانكىن،،، قـوڭنى قىسىپ ماڭدۇق يەنە. قادىر ياغنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ، ياغ ئالاتتىم دېدىم.
_ چېگىت مېيى بارمۇ.
_ ياق، يوق. بىز قەتئى چىگىت مېيى ئىشلەتمەيمىز.
_ ماڭا بەك زۆرۈر لازىم بولۇپ قالغان، دورىلىق قىلىدىغانغا....
_ ھە، ئۇنداق بولسا... توختاپ تۇرۇڭ، ئۆيدە ئىككى كىلودەك بارمىكى، مەن ئەچىقىپ بېرەي دەپ كۆتۈرۈپ چىقتى.
_ تۇتە ئاداش ما ئۆتكەندە ساتقان يېغىڭنى....
    چىگىت مېيىنى يېگىلى بولمايدۇ. ئۆسۈملۈك مېيى تۇرسا دېدىڭىزما؟ بۇرۇن شۇنداقتى، ھازىر ئۇنداق ئەمەس. ھازىر كېۋەزنىڭ كېسەللىكلىرى ناھايىتى كۆپ، تاكى 4 ئايدىن تاكى 11 ئايغىچە بىر تۈپ كېۋەزگە يۈز قېتىمدەك دورا چېچىلىدۇ، بۇ دورىلارنىڭ ئاز بىر قىسىمى زەھەرسىز بولغاندىن باشقا، كۆپ قىسىمى ئادەم پۇراپ قويسىمۇ ئۆلىدىغان زەھەرلىك. بۇلار كېۋەزنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا تارايدۇ. چىگىتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.... قەتئى يېمەڭ. كېسەل قىلىدۇ. بالىلار ساغلام تۇغۇلمايدۇ.
قوشنامنىڭ قويى :
    قوشنامنىڭ خوتۇنى يۈگرەپ چىقىپتۇ، ۋوي بىر قوي تىركاڭشىپ قالدى،،،، نىم بولغانكىن ئۇقمۇدۇم... ئۆيدە ئۇ يوقتى دەپ. پىچاقنى كۆتۈرۈپ كىرسەم قوي ئۆلۈپتۇ.
   بۇ قوي ئۆلۈپتۇ دېدىم. ۋە مۇسىبەت تارتقان خوشنامغا بىر ھازا تەسەللى بېرىپ، كۆڭلىنى ياساپ، خوشلاشتىم.
چۈشتىن كېيىن قارىسام «ئۇ» قايتىپ كېلىپ، ھېلىقى قوينى سويغىلى تۇرۇپتۇ، نېمە قىلىۋاتىسەن، ئۆلۈپتىكەنغۇ، دېسەم.... تېرىسىنى بولسىمۇ سويىۋالاي. گۆشىنى رېستوران ئىشلىتىۋاتىدىغان بولدى... سەل تۇرۇپ چىقىدۇ دەيدۇ.
_ نېمە دەيسە، بۇ قوي ئۆزى ئۆلۈپ قالدى.
_ ۋاي رېستورانغا كىرىپ بۇزۇقچىلىق قىلىدىغانلار بۇنى ئارىپ ئولتۇرامدۇ. ئۇ خەق يېسە ھېچنىمە بولمايدۇ... دەيدۇ.
     ئۆزى كادىر، مائاش ئالىدۇ. مەنمۇ باي بولمىغانكىن تۇتە ما پۇلنى، تاشلا قوينى دېمىدىم... ئىككى ئېغىز گەپ قىپ بېقىپ يىراق بولدۇم.

[خاتىرەمگە كۇچۇرۇپ قۇيغانلىرىمدىن...مۇنبەرگە تىما يىزىپ خەتنىڭ چوڭلىقىنى،رەڭگىنى ئوزگەرتەي دىسەم بولمىدى نىمىشكە بولمايدۇ؟
[ بۇ يازمائاتەش رەناتەرپىدىن2011-05-03 14:00دە قايتا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-05-03, 01:34

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( halmurat )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-03 01:52 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( halmurat ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
مېھرىم

دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1676
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 628
شۆھرىتى: 6280 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6360 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 642 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توۋا خۇدايىم!
ھەراست،ئۆيۈڭلاردا توك سۇ يوق كۈنلىرى نان چاي ئىچسەلار ئىچىڭلاركى ئاشخانىدىن تاماق يىمەڭلار.چۈنكى سەينى يۇيمايلا توغراپ قورۇپ ئاچىقىپ بېرىۋېرەرمىش.بۇنى بىر خىزمەتدىشىم ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان بىرىدىن ئاڭلاپتىكەن.ئەلۋەتتە ھەممە ئاشخانا ئوخشاش ئەمەستۇ.
xukran
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-03 22:53 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مېھرىم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلام يىمەكلىك ساغلام ھايات
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا