oznur.cn vip
ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 838
شۆھرىتى: 8930 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9040 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 929 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================


  
                                          ئۆپكە تۇبىركىليۇز كىسىلى بار كىشىلەرنىڭ يىمەك- ئىچمىگى

ئۆپكە تۇبىر كىليۇزى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ تېنىدە ئېنىرگېيىنىڭ خورىشى تېز بولىدۇ. شۇڭا، ئىمكان قەدەر ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقۇرى، ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلار مول ھەرخىل يىمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، تۇخۇم، سۇت، گوش، بېلىق قاتارلىق كالتىسىي ماددىسى كۆپ يىمەكلىكلەرنى ۋە كۆكتات، مىۋە، پۇرچاق قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىشى لازىم. ھاراق، تاماك، لازا قاتارلىقلار قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. قان تۇكۇرگەندە سامساقنىمۇ كۆپ يىمەسلىك كېرەك.


                                            يۈرەك كىسەللىكلىرىگە گىرىپتا بولغانلارنىڭ يىمەك- ئىچمىگى

ئانار، دولانا، بولدۇرگەن، تۇرۇپ، سەۋزە قاتارلىقلارنىڭ يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولى بار. مايلىق يىمەكلىكلەر، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، ئاچچىق- چۇچۇك يىمەكلىكلەر، قېنىق چاي، ھاراق قاتارلىقلارنى ئاز ئىستىمال قىلىش لازىم.

                                            
                                                   قان بىسىمى يۇقىرلاپ كەتكەنلەرنىڭ يىمەك- ئىچمىگى

قان بىسىمى يۇقۇرى كېسەللەر، تەركىۋىدە ۋىتامىن ، كۆپرەك بولغان يېڭى كۆكتاتلارنى، پۇرچاق ئۇندۇرمىسى، مىۋە- چىۋە، قوغۇن- تاۋۇزلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى لازىم. خەيدەي قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قان تومۇرلار قېتىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار. شۇڭا دائىم يەپ تۇرۇش كېرەك. ھايۋانات مايلىرىنى يىمەي، ئوسۇملۇك مايلىرىنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا قاندىكى خولىستىرىننىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چىڭسەي قاتارلىقلارنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولى بار. تۇزنى ئازراق ئىستىمال قىلىش، ھاراق ئىچمەسلىك لازىم.

                                              جىگەر كىسىلى بار كىشىلەرنىڭ يىمەك- ئىچمىگى

جىگەر كېسىلىگە يېڭىدىن گىرىپتار بولغانلار سۇت، تۇخۇم، بېلىق، گۆش، پۇرچاق قاتارلىق ئاقسىل ماددىسى مول يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشى كېرەك. شېكەر، گىلىكوزا، مۇراببا، ھەسەل قاتارلىق ئىسسقلىق مىقدارى يۇقۇرى يىمەكلىكلەرنى ئادەتتىكىدىن كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك. سوزۇلما خاراكتىرلىك جىگەر كېسەللىكلىرى ھەرخىل كۆكتاتلار، مۇراببا قاتارلىقلار ۋە مايسىزراق يىمەكلىكلەرنى يىيىش كېرەك. ئاچچىق- چۇچۇك نەرسىلەرنى يىمەسلىك، ھاراقنى مۇتلەق ئىچمەسلىك كېرەك.

        ئۇزۇندىن بىرى مۇشۇنداق بىر تىما چىقارقۇم بار ئىدى.  تەلىيىمگە بۇگۇن تور ئارىلاۋاتسام ئۇچراپ قالدى. شۇڭا يوللاپ قويدۇم

    مەنبە: ئۇيغۇر تىبابەت تورى
تېما تەستىقلىغۇچى : axtuzi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-02, 11:56

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( ئارمان )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+30(axtuzi) ئەجرىڭىزگە ب ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-02 14:35 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئىپپارخان
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2733
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 311
    شۆھرىتى: 3210 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3441 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 334 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    تۇغۇتلۇق ئاياللارغىچۇ ئۇستام
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-02 22:37 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئىپپارخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئەلىۈ

    دەرىجىسى : چولپان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2447
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 561
    شۆھرىتى: 5800 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5799 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 587 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    رەھمەت سىزگە. مېنىڭ دادامنىڭ قان بېسىمى بار ئەمدى بۇنى چۈشەندۈرۈپ قوياي.
    رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-03 09:42 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    بۇلماق
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2606
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    شۆھرىتى: 480 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 580 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 55 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    رەھمەت!!!!!!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-03 09:51 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( بۇلماق ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    سەمەندەر
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2598
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 48
    شۆھرىتى: 500 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 970 دوللار
    تۆھپە: 0 ھەسسە
    ياخشى باھا: 58 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    باشقىلىرىنى  مەن تولۇقلاپ قۇياي:
         زۇكام بولغانلار:
        ياغسىز ۋە تەرلەشنى تېزلىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاساس قېلىشى كېرەك. مەسىلەن ،زەنجىۋىل چېيى، قارا شېكەر قاتارلىقلار تەرلەشنى تېزلىتىدۇ. سوۋىگۈرۈچ، ئۈگرە، گۈرۈچ شىرنىسى ، تۇخۇم شورپىسى ئىچىپ ، يىڭى كۆكتات ۋە مېۋە -چېۋە يەپ بەرسە ، بەدەنگە كېرەكلىك ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلاپ ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، كېسەلنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىپ بېرىشمۇ زۇكام بولغانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .شۇنىڭ بىلەن بىللە ياغدا پىشۇرۇلغان ، ئاچچىق ، پۇراقلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك .
       ئىچى سۈرگەنلەر:
        يېنىڭ تاماق ۋە ئاسان سىڭىدىغان  يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىشى كېرەك . تۇرۇپ ، قىزلبۇغداش، سامساق ، قارا قېرىنقۇلاق ، ھالۋابىدىت قېقى قاتارلىقلارنى يىسە ، قېنىق چاي ، تۇزلۇقراق سۇ ئىچسىمۇ بۇلىدۇ. سامساق مىكرۇپ ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ ، جاراھەت ئىغىزىنى قورۇش ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ۋە ئورگانىزىمدىكى ھۆللۈكنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ خىل ئاغرىقلار ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك ، سېمىز گۆش ، چىلانغان كۆكتات ، پاكىز بولمىغان قوغۇن - تاۋۇز ، مېۋە- چىۋىلەرنى يېيشىتىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. كۆپرەك ئىلمان قايناق سۇ ئىچىپ ، بەدەن يوقاتقان سۇ تەركىبىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ تۇرۇش لازىم.
       قىزىپ قالغانلار:
       ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول سۈت ۋە پۇرچاقتا ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ، تۇخۇم ۋە تەركىبىدە ۋىتامىن س كۆپ مېۋە - چىۋە ، كۆكتات ، كۆكتات شىرنىسى ، كۆكتات شورپىسى ، چىلان قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى ، قىزىش تۈپەيلىدىن ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالمىشىشى تېزلىشىپ ،ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى ۋە ھەرخىل ئۇزۇقلۇق ئېلېمىنتلارنىڭ سەرپىياتى ئادەتتىكىدىن جىق ئېىشىپ كەتكەچكە ، يۇقىرىقى يېمەكلىكلەر ئورگانىزمنىڭ ئاقسىل ماددىسىغا ۋە ئېنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى تولدۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە سامساق، غولپىياز، مۇچ قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.
       قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار :
       ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئىشلىشىگە ماتېرىيال بولالايدىغان يېمەكلىكلەر ، مەسىلەن ، سۈت، بېلىق ، تۇخۇم قاتارلىقلار ، پۇرچاقتا ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ۋە قارا گۆش ، ھايۋانلارنىڭ جىگخرى ، بۆرىكى ، يۈرىكى ۋە پالەك ، قىچا ، كەرەپشە ، شوخلا ، ئۆرۈك ، شاپتۇل ، ئامۇت ، چىلان  ، ئاپېلىسىن ، ئاناناس ، ئەنجۈر قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. تۆمۈر ماددىسى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغاچقا ، مول تۆمۈر ماددىسى بار بۇ خىل يېمەكلىكلەر  قان ئازلىقنى داۋالاشقا ئىنتايىن پايدىلىق.
       قەۋزىيەت بولغانلار؛
       ياغسىز، ئۈچەينى بوشىتىدىغان ، سېللۇلۇزىلىق يېمەكلىكلەرنى ، مەسىلەن، يېڭى كۆكتات ، مېۋە -چېۋە ، ھەسەل سۈيى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى  ، بۇ خىل يېمەكلىكلەر ۋىتامىن س نىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئۈچەينى بوشىتىش ،تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى  ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك.
       تارقىلىشچان قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغى بارلار:
       ياغسىز ، سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىپ ، گۈرۈچ شەربىتى ، نېلۇپەر شەربىتى، ئاپېلىسىن ، نەشپۈت شەربىتى ، شېكەر قومۇشى ، كالا سۈتى ، تۇخۇم شورپىسى ، پۇرچاق سۈتى قاتارلىقلارنى ئىچسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە يۇمغاقسۈت ، سېمىز ئوت ، كۆك ماش قاتارلىقلارنى ئاغرىغان جايغا چاپسا ، قىزىتما ، زەھەر ياندۇرۇش ، نەملەش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئاچچىق - چۈچۈمەل غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
        يۇتقۇنچاق ، كېكىردەك، بادام تەنچە ياللۇغى بارلار:
        يۇتقۇنچاق ، كېكىردەكنى نەم ساقلاش ئۈچۈن ياغسىز ، سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ، مەسىلەن ، شوۋىگۈرۈچ، تۇخۇم شورپىسى ، ئاپېلىسىن سۈيى، كالا سۈتى ، پۇرچاق سۈتى ئىچىپ بېرىشى ، ئامۇت ، شېكەر قومۇشى ، تۇرۇپ قاتارلىقلارنى يەپ بېرىشى كېرەك. ئادەتتە كۆپرەك ئىلمان قايناق سۇ ئىچىپ بېرىش ، سامساق ، غولپىياز ، مۇچ ، چىلانغان كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.
       كۆكيۆتەل بولغانلار:
       ياغسىز ۋە غىدىقلاش تەسىرى بولغان تۇرۇپ ، نەشپۈت ، نېلۇپەر شەربەتلىرىنى ئىچىپ بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يىسمۇق ، سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ، چىلان ، تۇرۇپ ، نەشپۈت ، ئاپېلىسىن ۋە پېدىگەن ، كەرەپشە يېسىمۇ بولىدۇ. بۇ يىمەكلىكلەرنىڭ تالنى ساغلاملاشتۇرۇش ، يۆتەلنى توختىتىش ، بەلغەمنى ھەيدەش رولى بولۇپ ، كېسەلگە شىپا بولىدۇ.
        بۆرەك كىسىلى بارلار:
        ئاقسىل ، ئاشتۇزى ، سۇ ۋە غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن قاتتىق پەرھىز تۇتۇشى كېرەك. قىزىلماش ، تاۋۇز ، تەكىيە كاۋا قاتارلىقلارنى يېسە بولىدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكلەردە ۋىتامىن كۆپ بولۇپ ، بۆرەك پائالىيىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئادەتتە يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىشمۇ پايدىلىق .

                                                         -(ساغلاملىقىڭىز - بايلىقىڭىز ) ناملىق كىتابتىن .
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 17:37 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەمەندەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    خسلەتلىك تىۋىپ
    ساغلام تەندە ساپ ئەقىل
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 563
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 155
    شۆھرىتى: 1645 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1939 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 194 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بۇ مۇنبەردە كەسىپداشلىرىممۇ خېلى بار ئوخشايدۇ،
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-09-19 12:26 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( خسلەتلىك تىۋىپ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئائىلىدە پىچىنە-پىرەنىك تەييارلاش
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


    '; ShowAd(); /**/