ماتىريالى:قوي گۇشى،موگۇ(كۇمبەدەك)كوك-قىزىلمۇچ.
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، غولپىياز،سامساق،زەنجىۋىل،كۇنجۇت مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى:گۆشىنى نىپىز يالپاق توغراپ تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن
كىراخمال.سىلىپ ئارلاشتۇرۇپ تەملەندۇمىز.
موگۇنى،قۇلىمىزدا تىتىپ،كوك-قىزىلمۇچلارنى قىيپاچ توغراپ تەييارلايمىز
ساپلىققا 2چۇمۇچ ماي قۇيۇپ قىزىغاندا تەملەندۇرۇلگەن گۆشنى سېلىپ
تەكشى ئارلاشتۇرۇپ، موگۇ(كۇمبەدەك)كوك-قىزىلمۇچلارنى مايغاسېلىپ
سۇزىۋالىمىز .
قورۇش ئۇسۇلى:قازىنغا ئازراق ماي قۇيۇپ ئۇششاق توغرالغان غولپىياز،سامساق
زەنجىۋىللەرنى سېلىپ داغلاپ ئۇستىگە سۇزىۋېلىنغان ماتىرياللارنى سېلىپ
قورۇپ تۇز،ئازراق سۇ قۇيۇپ كۇنجۇت مېيى تېمىتىپ تەمىنى تېتىپ تەييارلايمىز


ئالاھىدىلىكى:گۇشى،موگۇ(كۇمبەدەك)كوك-قىزىلمۇچلارنىڭ رەڭگى ماسلاشقان
تەمى مەزلىك ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يۇمران يىيىشلىك
موگۇ تەركىبىدە ۋىروسقا قارشى تەركىپ باربۇلۇپ.ئاشقازان-ئۇچەيگەپايدىلىق
ئۇيەنە ئاغرىق توختىتىش بۇغۇم ياللۇغى كېسەللىكلەرگە شىپالىق رۇلى بار
تەتقىق قىلىش جەريانىدا موگۇنىڭ تەركىبىدىكى كوپ خىل ۋىروسقا قارشى
تەركىپلەرنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىمونىتىت ئىقتىدارىنى كۇچەيتىدىغانلىقىنى
ھەتتا ئەزا كۇچۇرۇش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان بىمارلاردا پەيدا بۇلدىغان
نۇرمالسىزلىقنى توۋەنلەتكىلى بۇلدىغانلىقىى بايقالغان.
ئالىملار موگۇنىڭ ئۇنۇملىك تەركىبىنى ئايرىپ ئېلىپ سوزۇلما خارەكتېرلىك
Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋەئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىشنى ئۇمۇت قىلماقتا