oznur.cn abduheni
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئۇدۇم
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 1925
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرىتى: 1510 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1970 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 241 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 166(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز ئاشپەزلەر ئارخىۋى دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-01-16)


كەسكىن قارار چىقىرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ!
      
سودا ساھەسىدىكى ياكى كەسىپ تاللاشتىكى خاتالىقىمىز ئىستىقبالىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خاتالىق بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ بىر خىل ئارقىغا چېكىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، بىز توغرا قارار چىقىرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ھېچبولمىغاندا چىقارغان توغرا قارارلىرىمىز خاتا قارارلىرىمىزدىن كۆپرەك بولۇشى كېرەك. كۆپ ساندىكى ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بۇ خىل توغرا قارار چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۇغما بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. مەيلى كىملا بولسۇن، پەقەت ئازراق ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل توغرا قارار چىقىرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلىسىلا، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. مەسىلەن، ئالدى بىلەن سىز چوقۇم بەزى قارارلارنى ھەقىقەتەنمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىڭىز كېرەك. "خارۋارد سودا مەكتىپىدە سىزگە ئۆگەتكىدەك بىلىم يوق" ناملىق بۇ مۇنەۋۋەر ئەسەردە ئاپتۇر كىشىنى ھەيران قالدۇرىغان مۇنداق بىر مىسالنى ئېلىش ئارقىلىق بۇ قائىدىگە چۈشەنچە بەرگەن:
ئىت يېمەكلىكى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مال سېتىش خۇلاسە چوڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. يىغىن جەريانىدا شىركەتنىڭ باش لېدىرى شىركەت ئېلان مۇدىرىنىڭ بارلىق كىشىلەرگە ئېيتقان يېڭىچە بىر خىل مال سېتىش لايىھىسىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئېلان بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بۇ خىل يېڭىچە مال سېتىش لايىھىسىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ياخشىلىقىنى، ھەتتا بىر مەيدان "ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئىنقىلاب"نى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى سۆزلەپتۇ. ئارقىدىنلا شىركەت سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ: "نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان مال سېتىش بېسىمى گەرچە كىشىنى تولىمۇ بىزار قىلسىمۇ، ئەمما سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى پۇرسەت" دەپتۇ. بارلىق تارماقلارنىڭ مۇدىرلىرى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا باش لېدىر خۇلاسە قىلىپ مۇنداق دەپتۇ: "يۇقىرىدا بىز بارلىق مۇدىرلارنىڭ شىركىتىمىزنىڭ كەلگۈسى سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ياخشى پىلان، تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق. ئەمما، خۇلاسە چىقىرىشتىن ئاۋال كۆپچىلىكتىن شۇنداق بىر سۇئالنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز ئەڭ ياخشى ئېلانلارنى بېرىپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشسەكمۇ، ھەتتاكى ئەڭ زور مال سېتىش بېسىمى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان ئىت يېمەكلىكلىكلىرى باشقا شىركەتلەرنىڭكىدىن ئاز بولىدۇ؟"
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يىغىن مەيدانى خۇددى مۇشۇ خىل جىمجىتلىقنى مەڭگۈ ساقلاپ قالىدىغاندەكلا جىمىپ كېتىپتۇ. خېلى بىر ھازا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يىغىن مەيدانىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن "سەۋەبى بىز ئىشلەپچىقارغان ئىت يېمەكلىكلىرىنى ئىتلار ياخشى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن" دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ھەقىقەتەن شۇنداق، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى باھالارمۇ بىر ناچار مەھسۇلاتنى قۇتقۇزالمىغاندەك، ھېچقانداق بازار ئېھتىياجى بولمىغان مەھسۇلاتنىمۇ ئوخشاش قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇنداقتا، بىز پىلانىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان- ئاشمايدىغانلىقىنى قانداق بىلەلەيمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنىڭ بىۋاسىتە سىزىمىمىزگە قانداق يېقىنلىشىشنى، كونترول قىلىشنى ۋە ئىشىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.
سىز بىرەر مەسىلىنىڭ نەتىجىسىنى چىقارغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا باشقىلارنىڭ ھەيرانلىق ئىچىدە قاپاقلىرىنى سۈزگەنلىكىنى كۆرگەنمىدىڭىز؟ سىز يەنە ئۆز تۇيغۇڭىزغا تايىنىپلا مەلۇم بىر ئىشنى ھەرگىز قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارار چىقىرىپ، ئارقىدىنلا يەنە ئەمەلىيەتنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىچىدە ھېس قىلغان چاغلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ؟ بىز ھەمىشە ئاشۇ ئاتالمىش بېكىنمىچىلىك، ئۆزىمىزگە ئىشىنىشىمىزنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك ئۆز ئارزۇيىمىزدىن ئاسانلا ۋاز كېچىپ كېتىمىز ھەمدە ئۆزىمىزگە بۇ ئىشتا ھەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەممۇ بەرىبىر ئەمەلگە ئاشمايدۇ، دەپ تەسەللىي بېرىمىز.
بىلىشىمىز كېرەككى، پىلان ۋە ئوي- پىكىرلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋە ئەمەلگە ئاشمايدىغان دەپ ئايرىشقا بولمايدۇ، بەلكى بۇ سىزنىڭ شۇ ئىشنى قىلغان ۋاقتىڭىزدا سەرپ ئەتكەن زېھنىڭىزگە باغلىق بولىدۇ. بۇ پىلان ۋە ئوي- پىكىرلىرىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە زېھنىي قۇۋۋىتىڭىز بىلەن قوشۇلۇپ، بىر خىل بېسىم پەيدا قىلىدۇ ۋە مۇشۇ بېسىم تۈپەيلىدىن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئوي- پىكىر ۋە پىلانلىرىڭىزغا ئايلىنىدۇ. ئاكتىپ ئۆزلۈك تەسەۋۋۇرىغا ئىگە كىشىلەرنى خۇددى بىر ئېلېكتر ئىستانسىسىغا ئوخشىتىدىغان بولساق، ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا سۇبيېكتىپ ئېڭىمىزدىكى ئاشۇ ئېنىرگىيە زاپىسىنى كونترول قىلالايدۇ ياكى بولمىسا يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئىتلار ياقتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر بىرەر ئىشنى قىلىشتا ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ. ئۇلاردىكى يېتەرسىزلىكنىڭ بىرى شۇكى، ھەمىشە يولۇقۇش ئېھتىمالى بولغان قىيىنچىلىقلارنى ئالدىن پەرەز قىلىشقا ئۇرۇنىدۇكى، ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقتىن غالىپ كېلەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىگە سەل قارايدۇ. ئۇلاردا بار بولغىنى ئاشۇ كىشىنى ئۇزۇل- كېسىل مەغلۇب قىلىدىغان ئالدىراقسانلىق، ئەندىشە قىلىش پوزىتسىيىسىدۇر. بۇ خىل پوزىتسىيەنىڭ نەتىجىسى پەقەت مەغلۇبىيەتتىنلا ئىبارەت. ناۋادا سىز ئەڭ ئەپچىل ۋە ئۈنۈملۈك بولغان ئۇسۇلنى تاپماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلەيدىغان سەۋەبلەر توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ھەرگىزمۇ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توسالغۇلارنىلا ئويلىۋالماڭ. نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، گەرچە مەلۇم بىر كىشى ئىگىلىك تىكلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان 10 خىل سەۋەبنى كۆرۈپ يېتەلىگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئىشنى قىلىش نىيىتى مەلۇم بىر پاسسىپ ئامىل تەسىرىدىن پۈتۈنلەي يوققا چىقىشى مۇمكىن. كۆپىنچە كىشىلەر مانا مۇشۇنداق قىلىدۇ. يېڭىپ كېتەلەيدىغان توسالغۇلاردىن كۆزى قورقىدۇ ۋە بىر ئىش قىلىپ بېقىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىدۇ.
ئىمكانقەدەر توغرا بولغان پىلاننى تۈزۈشنى ئۆگىنىشتە ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەت تەجرىبىلىرىڭىز، ئالغان ئىقتىسادىي پايدىڭىز ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما، بەزى چاغلاردا مول تەجرىبە، يېتەرلىك تەشەببۇسكارلىققا ئىگە بولسىڭىزمۇ، پىلان تۈزگەن ۋاقتىڭىزدا بىرەر ئىشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەي قالىسىز. ئەمەلىيەتتە، كاللا قاتۇرۇپ تاماملىغان بىرەر سودا- تىجارىتىڭىزنىڭ نەتىجىسى سىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئويىڭىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىۋاسىتە سىزىمدىنلا كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى، تىجارەتتە "بۈگۈن باشلىسام بولارمۇ، ئەتىمۇ؟ كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام؟" دەپ ۋاقىتنى زايە قىلماي، كۆزلىگەن تىجارەت پائالىيىتىڭىزگە دادىللىق بىلەن باشلاپ، كەسكىن قارار چىقىرىشقا جۈرئەت قىلىڭ!
مەنبە : ئىگىلىك تورى
(يەكەن ئۇدۇم سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى )  (يەكەن ئۇدۇم تىخنىكا تەربىيلەش مەكتىپى )
( تېلېفون: 13565394444   )
تېما تەستىقلىغۇچى : ئەنگەر
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-01-15, 06:01

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( ئۇدۇم )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-15 00:25 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇدۇم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

دىرىكتور(ئە)
يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ قىلغان سۈزى قەسەم
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 1990
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 150
شۆھرىتى: 1650 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1650 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 165 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-04-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

< كەسكىن قارار چىقىرىشقا جۈرئەت قىلىڭ >ناھايتى توغرا قاراش،  پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ بەك ياخشىكەن ھارمىغايسىز
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-15 15:12 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( دىرىكتور(ئە) ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۈلقەنىت
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ ..

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 737
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 2328
شۆھرىتى: 25225 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 36650 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2589 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 886(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توغرا  دەيدۇ  ئەجىرىڭىزگە رەخمەت
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-15 16:56 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2071
شۆھرىتى: 21644 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26480 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2502 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 388(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەجرىڭىز گە كۆپ رەھمەت،
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-15 17:29 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يۈسۈپجان
ئىرىشمەكچى بولسىڭىز  يۈتۈرۈپ كۈرۈڭ
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1174
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1479
شۆھرىتى: 69690 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 70128 دوللار
تۆھپە: 138 ھەسسە
ياخشى باھا: 840 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

توغرا   جۈرئەتلىك   بۇلۇشقا  بىربىرىمىزنى  دەۋەت  قىلىيلى !رەھمەت
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-15 20:26 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۈسۈپجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2814
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 825(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كەسكىن  بولمىسا  ئادەم ئەگەردە ،
گاڭگىراپ  يۈرىدۇ  خېيىم - خەتەردە !  
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-15 20:30 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

دولان
ئېغىزىڭ قان  ..

دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 1015
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 525
شۆھرىتى: 5985 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 663 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەخمەت سىزگە !! بىلۋالدۇق
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-15 22:31 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( دولان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئۇيغۇرئاي
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 957
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1939
شۆھرىتى: 20790 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 21979 دوللار
تۆھپە: 108 ھەسسە
ياخشى باھا: 2181 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ياخشى ئۇقۇمكەن  تەشەككۇر سىزگە!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-16 00:54 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 70
يازما سانى : 1873
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1369(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

دۇنيادا تەۋەككۇلچىلىك قىلىپ باقمىغان ئادەم ئەڭ بىچارە ئادەم ھىساپلىنىدۇ
مۇۋاپىقىيەت قازىنىش كوپىنچە جەھەتلەردىن تەۋەككۇلچىلىكقتىن كىلىدۇ
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-16 12:59 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئىقتىساد– سودا ئۇچۇرلىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/