ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-07-11

    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻰ - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/68934256.html

     
       
    == toradimi ==
     
    ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻰ
     ئۇيغۇرلار نەچچە ئەسىرلەردىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ياشاپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا،موڭغۇلىيە يايلاقلىرى ۋە شىنجاڭ رايونىدا شانلىق ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ،ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قالدۇردى.بۇ تۆھپىلەر ھازىرمۇ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە مەنبەلىك ئورنى بىلەن راۋاجلىنىپ مۇكەممەللەشمەكتە.ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئالەمگە مەشھۇر ئەجداد ئالىملىرىمىز كۆز يۇمۇپ بولمايدىغان ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى تونۇتقان بولسا،تەبىئىي پەن ساھەسىدىمۇ نامسىز ئالىملار تەرىپىدىن يارىتىلغان كەشپىياتلار دۇنيانىڭ ئۇيغۇرنى تونۇشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى.بۇنىڭدا گەۋدىلىك بولغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
           1. مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى
    ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى ئىپتىدائىي تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ئاغزاكى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولغان بولسا ، شۇخىل ئاغزاكى نەرسىلەرنى يازما ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئىپادىلەشنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ھادىسە بولۇپ قالدى.بۇ ھادىسە دەل مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئىدى.ئۇنداقتا بۇ يەردە بۇ كەشپىياتنى دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن قايسى مىللەت ياراتقان،دىگەن مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ.بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئارخىئولوگى قۇربان ۋەلى مۇنداق يازىدۇ:«دۇنيادا مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا سۆزلىگەندە،سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بى شىڭ دىگەن كىشىنىڭ 1041-1048-يىللىرى تىزما خەت(مىخ مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى)تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياغاچقا ئويۇپ قەغەزگە بىسىلغان(خوتۇن قىزلار رىسالىسى)دىگەن كىتابمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ.ئويما مەتبەئە ئوتتۇرا جۇڭگۇ رايۇنىدا مىلادى 7-ئەسىردە قوللىنىلغان بولسا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىلادى 5-ئەسىردە تۇرپاندا ئويما ۋە تامغا مەتبەئەدە بىسىلغان بۇددىزىم رەسىملىرىمۇ بار ئىدى»(«بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» ئۇيغۇرچە نەشىرى،201،202-بەتلەر)بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،دۇنيادا مەتبەئە تېخنىكىسى ئەسلىدىكى 7-ئەسىردىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرىكى مەزگىلدە،يەنى 5-ئەسىردە تۇرپاندا قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان.ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە پەقەت ئويما مەتبەئە بار ،دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا،تۇرپاندا ئويما مەتبەئەنىڭلا ئەمەس يەنە تامغا مەتبەئەنىڭمۇ بولغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.بىز يەنە مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەشىپ قىلغانلىق توغرىلىق تۆۋەندىكىلەرگە قاراپ باقايلى:ئابلىز مۇھەممەت سايرامى «ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنخۇاڭدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى»دىگەن ماقالىسىدا «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1990-يىللىق12-ئاۋغۇست سانىدىكى مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ:«1990-يىلى دۇنخۇاڭدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا،دۇنخۇاڭ مۇزىيى تاپقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئالتە دانە ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرىپى دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرىپى.ئۇ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيتىگەقوشقان زور تارىخىي تۆھپىسى» («شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى »1993-يىللىق 3-،4-سان،43-بەت). بۇخىل ئارخىئولوگىيىلىك ئىسپاتلار يۇقارقى قاراشلىرىمىزنى تېخىمۇ تىپىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ،دۇنيادا تۇنجى بولۇپ مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغۇچىلار ئۇيغۇرلار،دىگەن كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان خۇلاسىنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ.

           2. زەمبىرەكنىڭ كەشىپ قىلىنىشى
    بىز ئەمدى زەمبىرەكنى ئۇيغۇرلار ياساپ چىققان دىگەن مەسىلە ئۈستىدە تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
    ئارخىئولوگ قۇربان ۋەلى «تارىختىكى ئۇيغۇر زەمبىرىكى»دىگەن ماقالىسىدا مۇنداق يازىدۇ:«ئەينى زاماندا يىڭىدىن كەشىپ قىلىنغان ھەربىي ياراقنىڭ نامى>ئۇيغۇر زەمبىرىكى<ئىدى.ئۇيغۇر زەمبىرىكى بىر يىڭى كەشپىيات ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك قورال بولۇپ قالغان.جۇڭگۇ تارىخىي مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان دۇنيا بويىچە دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغان زەمبىرەكمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر زەمبىرىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغانىدى.>ئۇيغۇر زەمبىرىكى< دىگەن بۇ نام مىلادى 1182-يىلى بارلىققا كەلگەن».
    دىمەك،يۇقارقى مەلۇماتلاردىن بىز شۇنداق خۇلاسىگە كىلىمىزكى-دۇنيا ئۇرۇشلىرىنىڭ تېخىمۇ زامانىۋى تۈستە ئىلىپ بىرىلىشى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى ئاتۇم دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلغان پارتلاتقۇچ زەمبىرەك مۇئەييەن رول ئوينىغان.شۇڭا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ زەمبىرەك ياسىغان دەۋرىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يادرولىشىش باسقۇچىنىڭ بىر ئۈندۈرمىسى دەپ قارىيالايمىز.

             3. راك كېسىلىگە شىپالىق رېتسىپنىڭ ياسىلىشى
    ئۇيغۇرلارنىڭ تېببىي ساھەدىكى تۆھپىسىمۇ زور بولۇپ،قايتا ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.بۇنىڭدا ئەڭ تىپىك بولغىنى راك كېسىلىگە شىپالىق دورىنىڭ كەشىپ قىلىنىپ،رەسمىي داۋالاشنىڭ رېتسېپىغا ئايلانغانلىقىدۇر.بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئىسپات بار:«قاغىلىق ناھىيىلىك مىللىي تېبابەت شىپاخانىسىدا ئىشلىگەن داڭلىق تېۋىپ مەمتىلى ئاخۇن خەلپىتىمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە،ئۇيغۇر ئالىمى،ئاستىرونۇم ھۈسەيىنخان تەجەللى (1848-1927)نىڭ بىردىنبىر تېبابەتچىلىك رېتسېپلىرى توپلىمى <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>دا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.ئۇنىڭدىن <سەراتان>نى داۋالاش،يەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئادەم بىھوش قىلىش، ۋە ھوشسىزلاندۇرۇش دورىلىرىنى ياساشقا ئائىت رېتسىپلارمۇ بار ئىكەن. مەرھۇم خەلپىتىم ئەينى ۋاقىتتا <سەراتان>دەپ ئاتالغان كېسەلنىڭ ھازىرقى راك ئىكەنلىكىنى ئۇقماي قالغانلىقى سەۋەبلىك ،ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى رېتسېپىغا دىققەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى».(«مىللەتلەر ئىتتىپاقى»)ژۇرنىلى 1994-يىللىق 1-سان،22-بەت)
    دېمەك دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق كىسەل-راك كېسىلىنىڭ شىپالىق رېتسېپى ئۇيغۇر تېببىي ئالىمى ھۈسەيىنخان تەجەللى تەرىپىدىن ياسالغان بولسىمۇ،ئاپەتلىك يىللاردا كۆيدۈرۋىتىلىپ،پۈتۈن ئىنسانىيەت كۆڭۈل بۆلگەن راك كېسىلىنىڭ يەر شارى يۈزىدىن يوقىلىشىغا زور توسقۇنلۇق بولغان.گەرچە مەزكۇر رېتسېپ تېببىي ساھەدە ئىشلىتىلىش ئورنىدىن قالغان بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭ مەلۇم مەزگىل (1927-يىلىدىن بۇرۇن )كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس.بۇ يەردە ھازىر مۇنۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ؛تەجەللى ئۆز ئەسەرلىرىنى دېگۈدەك ئەرەپ-پارس تىللىرىدا يازغاچقا،بۇ ئەسەرلەر خەلققە تارقىلىش داۋامىدا ھازىرمۇ ئەرەپ-پارس تىللىرىنى بىلمەسلىك سەۋەبلىك ئاشۇ رېتسىپمۇ خەلق قولىدا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ياكى 1958-يىلى بېيجىڭدىن كەلگەن ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ ئالىمنىڭ ئاسترونومىيىگە ئائىت بىر پارچە ئەسىرىنى ئېلىپ كەتكەن قاتاردا ئېھتىمال مۇشۇ رېتسېپقا ئائىت مەلۇماتلارنىڭمۇ بولۇشى ئالاھىدە نەزىرىمىزگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ . 

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • شۇنداق، بىز ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن ئەقىللىق. لىكىن زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ھازىرغا كەلگەندە بىزنى ھۇرۇنلۇق چىرمىۋالدىمۇ قانداق؟
    ئەتتىرگۈل回复دەرسلىك ئەپەندى说:
    xundak togra daysiz , bizning alamxumul esil kaxpiyatlirimiz bolgan , mana naqqa asir otup katti , xu qagdiki dk esillar bak azlap katti , xundaktimu tohtimay izdiniwatkan ot yuraklirimiz arimizda yana bar
    2010-07-17 19:12:20
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.