• قەيسەر ھېسامىدىن ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى - [خەۋەر-يېڭىلىقلار]

    2010-09-16

    2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دا شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتىنىڭ تەكلىپلىك ئەزاسى،قەشقەر رەسساملار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قەشقەر سەنئەت مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى قەيسەر ھېسامىدىننىڭ «قەشقەر تەسىراتلىرى» ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى كۆرگەزمە زالىدا مۇۋاپىقيەتلىك ئېچىلدى.

    كۆرگەزمىگە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ۋە قەشقەر سەنئەت مەكتەپ رەھبەرلىرى ،شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسى،شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتى قاتارلىق  ئورۇنلاردىن ئابدۇكېرىم نەسىرىن ، ئابدۈشكۈر كېرىم كۆك ، زۆرەم ياسىن ، يالقۇن غازى .. قاتارلىق ئاتاقلىق رەسسام ۋە زىيالىيلار ،ئاخبارات-نەشىرىيات خادىملىرى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ نەچچە يۈز كىشى قاتناشتى.

    ئابدۇكېرىم نەسىردىن قەيسەر ھېسامىدىن ماي بوياق ئەسەرلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

     

     

    كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىىدىن كۆرۈنۈش

     

     

    كۆرگەزمىدىكى بىر قىسىم ماي بوياق ئەسەرلەر

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

    بلوگىمىزدىكى ، قەيسەر مۇئەللىمگە مۇناسىۋەتلىك باشقا يازمىلار:

    http://www.blogbus.com/atashart-logs/65399898.html

    http://www.blogbus.com/atashart-logs/74519432.html

    مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە سۈرەتلەر تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى

    مەنبە:

    http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2010-09/15/content_102297.htm

     

    بۇ يازمىنى يوللاشقا يېقىندىن ياردەمدە بولغان بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ،دوستۇم ئەلھەمجان ئەھەت (خۇشنۇت)قا ئالاھىدە رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    评论

  • دوستۇم ئاتەش بوشلۇق يىتىشمىگەن بولسا YYFC.com نىڭ تورىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ شۇ يەردىن ئۇلىنىش قىلىسڭىز بوشلۇق ئىسراپ بولمايدىكەن . سىناپ باقاسىز .
  • ئەسەرلەر بەك ياخشى سىزىلىپتۇ. ئاپتۇر تىخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن. ئاتەش بلوگىغىمۇ رەخمەت!
  • مۇشۇنداق مىللىي ئۆزلۈككە تۇيۇنغان رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىمەن! مۇبارەك بولسۇن!...
    Atash回复ئۇيغۇربەگ说:
    ئەسلى خۇشنۇت بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەممە ئەسەرلەرنى سۈرەتكە تارتىپ ئېۋەتىپ بەرگەن ،ھەممىسىنى يوللاي دېسەم بوشلۇق يوق تەڭرىتاغ تورىغا يوللىغاننى ئۇلىنىش قىلدىم.
    2010-09-17 22:34:31
  • رەخمەت كۆرگەزمىگە بارغاندەك بولسۇم
    Atash回复tutax说:
    رەھمەت،كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا.
    پات-پات كېلىپ تۇرارسىز.
    تۇتاش بلوگىنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشىۋالدىم.
    2010-09-17 00:54:18
  • پائالىيەت ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر قېرىندىشىم.
    Atash回复چەۋەندازلار说:
    رەھمەت،قىرىندىشىم.
    ئەسلى شۇ كۈنىلا كۆرگەزمە ئەھۋالىنى خەۋەردار قىلارمەن دەپ ئويلىغان ، بىراق ئارلىق يىراق بولغاچقا ئىمكانىيەت بولمىدى،شۇنداقتىمۇ بىر قىسىم دوستلىرىم كۆپ ياردەم قىلدى بۇئىشقا.
    2010-09-17 00:46:46
ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.