• بلوگىمىزدىكى تۇنجى تورداشلار ئەسەرلىرى - [تورداشلار ئەسەرلىرى]

    2010-09-18

    2010-يىلى 8– ئاينىڭ 11–كۈنى  بلوگىمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق «بلوگ بىلدۈرگىسى» دە بلوگىمىزغا يېڭى قوشۇلغان سەھىپىلەردىن تورداشلار ئەسەرلىرى سەھىپىسىمۇ قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدۇق.

    شۇ مۇناسىۋەت بىلەن توردىشىمىز خىيالىم (Hiyalim) ئەپەندى ئۆزىنىڭ 3DS MAX تا لايىھىلىگەن بىر قىسىم قۇرۇلۇش لايىھە مەشىق ئەسەرلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى.

    خىيالىم (Hiyalim) ئەپەندى كەڭ تورداشلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى ، ئالاقە ئورنىتىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.

     

    ئاپتۇر ئىسمى: ئابدۇسالام مۇھەممەد   (ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىن)

    توردىكى ئىسمى: خىيالىم (Hiyalim)

    QQ:    290917033

    E-maiil :  xjhiyalim@sina.cn

     

     

     

    بلوگ تەۋسىيەسى:

    بلوگ كۆرۈرمەنلىرى ئىچىدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايدىغان تورداشلارنىڭ ئەسەر يوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

    مەخسەت: كۆپ خىل سەنئەت شەكلى ۋە مەزمۇنىدىن بەھىرلىنىش، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ، مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشىش .

    ئەسەر ئەۋەتىشتە قويۇلىدىغان تەلەپلەر:

    1.      مەزمۇنى ساغلام بولۇش ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىت بولغان مەزمۇنلار بولماسلىقى لازىم.

    2.      ئەسەر ئەۋەتكۈچىنىڭ ھەقىقى ئىسىم-فامىلىسى ، ئادېرىسى ،توردىكى ئىسمى ۋە ئالاقىلىشىش ۋاستىسى .. قاتارلىقلارنى قوشۇپ يوللاپ بېرىش لازىم.(ھەقىقى ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئادېرىسىنى ئاشكارىلاش شەرت ئەمەس)

          ئەسەرنى چوقۇم سىرتقى ئۇلىنىشنى قوللايدىغان سۈرەت بوشلۇقلىرىغا يوللاپ ئادېرىسىنى قوشۇپ بېرىش لازىم. (ئەسەرنىڭ ئۆلچىمى : كەڭلىكى 640 پېكسىل، ئېگىزلىكىگە چەكلىمە قويۇلمايدۇ)

    abduletep@126.com     506206291    :  QQ

    پۇرسەت بىزنى ئىزدىمەيدۇ ، بەلكىم مۇشۇ بىر قېتىملىق ئەسەر يوللىشىڭىز سىزگە ئويلىمىغان «پۇرسەت» لەرنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    评论

  • بۇنى كۆرۈپ كۆزۈم ئېچىلىپ قالدى،ھەقىقەتەن كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىكەن.
    تەكلىپ:كۆرىنىش جايىدا چىقىپتۇ.لىكىن مۇھىت بىلەن تېخىمۇ ماسلاشسا بولغىدەك!بولسا قەدىمكى قۇرلۇشىمىزنى لاھىيەلەپ باقساق!!
  • مىنى ئۇلىنىش قىلۋالسىڭىز دەرىجەم تۇشامدىكىن

    http://eqilliq.blogbus.com/


    http://filer.blogbus.com/5949773/resource_5949773_1281852063u.gif
    Atash回复ئەقىللىق说:
    دەرىجە توشمايدىغان ھىچقانداق ئىش يوق قىرىندىشىم، بىراق بلوگىڭىزدا مەزكۇر بلوگ ئۇلىنىش قىلىنمىدىمۇ قانداق؟
    2010-10-28 00:48:22
  • بەكمۇ ياخشى چىڭىپ تۇ بىزلەر تەلەپ قىلساقمۇ لاھىلەپ بىرەمسىز؟
  • قىلغان يىرىڭىزگىچە قىلسىڭىز قالغىنىنى بىز توغرا چۈشىنىمىز بولسا مۇشۇنىڭغا بلوگگىرلار ئارىسىدىكى pc بىلىدىغانلار ئاۋاز قوشۇپ مۇشۇ بلوگنى مەخسۇس pc دەرىسلىك بلوگى قىلىپ چىققان بولساق
  • چاق چاق قىلىپ دەپ قويدۇم ئويلاشنى بوش ئويلاپ ئاتەش ئەپەندىم بىلىمىڭىزنى يوللاڭ بىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار بىلىمىمىز ئىچىمىزدە سىسىپ كەتمىسۇن ھى ھى ھى
    Atash回复بايلىق说:
    ھە بولىدۇ،مەن تىرىشچانلىق كۆرسىتەي. لىكىن مۇشۇ دەرسلىك ئىشلىسەم قانداق بولار؟ سەۋىيەمۇ بەك يۇقىرى ئەمەس بولمىسا.
    2010-09-26 13:02:06
  • دوستۇم سىزگە تەكلىپ بولسا بلوگىڭىزدا ئۆزىڭىز لاھىيلىگەن رەسىملەرنىلا ماختاۋەرمەي بولسا pc تىن دەرىسلىك ئىشلەپ يوللىغان بولسىڭىز بلوگگىرلار ئارىسىدا مۇشۇنداق بىر بلوگ كەم
    Atash回复بايلىق说:
    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،بايلىق ئەپەندى.
    ئالدى بىلەن بلوگقا قەدەم -تەشرىپ قىلىپ ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن تەشەككۇر.
    بەرگەن تەكلىپىڭىزنى مەنمۇ ئىلگىرى ئويلىشىپ كۆرگەن ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئويلىشىمەن.(ۋاقىت يار بەرسىلا) ،لىكىن ئىنكاسىڭىزدىن بىر نەرسىنى تازا چۈشىنەلمىدىم،مەن قايسى ئەسىرىمنى ماختاۋەرگەندىمەن؟
    2010-09-26 00:15:21
  • مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپىرەك ئىشلەپ تۇرۇڭ . قۇلۇڭىزغا دەرت بەرمىسۇن دوستۇم .
  • بەزى يەرلىرىنى ئىنچىكىلىۋەتكەن بولسا يەنى :1- لايھەدىكى يەر بىلەن مۇھىتنىڭ تۇتاشقان ئورنىنى سىڭىشتۈرۈلگەن بولسا.3- لايىھەدىكى سافا يەرگە تىگىشمىدىمۇ قانداق شۇنى ئوڭشىۋەتسە .
  • ياخشى چىقىپتۇ داۋاملىق تىرىشىڭ .
  • ياخشى چىقىپتۇ داۋاملىق تىرىشىڭ .
  • بەك ئىسىل لايھىلىنىپتۇ ،بولۇپمۇ 2-لايىھە.
  • ياخشى لاھىيلىنىپتۇ . تىرىشىڭ بۇرادەر
ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.