-
D3 ئەسەرلەر بىرلەشمە كۆرگەزمىسى
2011-03-21
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار، كەسىپداشلار
دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆز ئارا تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش مەخسىتىدە «نورۇز» بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بلوگىمىزدا « D3 ئەسەرلەر بىرلەشمە كۆرگەزمىسى » ئۇيۇشتۇرۇشنى ئويلاشقان ئىدۇق。
گەرچە بۇ قېتىملىق تور كۆرگەزمىسىگە خىلى كۆپ دوستلارنى، كەسىپداشلارنى تەكلىپ قىلغان بولساقمۇ تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى كەسىپداشلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تاپشۇرۋىلىش شەرىپىگە ئىگە بولالمىدۇق. تۇرمۇش رېتىمى تېز، خىزمەتچىلىك ئالدىغا سىلىۋالغان بۇ كۈنلەردە بۇ خىل ئەھۋالنى توغرا چۈشەندۇق ھەم توغرا چۈشىنىشكە مەجبۇرمىز.
شۇنداق بولسىمۇ تورداشلىرىمىزدىن پەرھات ئەمەت ۋە سادىقجان قاتارلىق ئىككى توردىشىمىز بۇ پائالىيەتكە يىقىندىن ماسلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى يوللاپ بەردى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئىككى توردىشىمىزغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى ئىيتىمىز.
تۆۋەندىكى بەش پارچە ئەسەر توردىشىمىز پەرھات ئەمەتنىڭ ZBrush3.5 دا ئىشلىگەن ئەسەرلىرى:
مەرھۇم ئاتاقلىق قۇمۇل مۇقامچىسى ئاخۇنبەگنىڭ D3 ئوبرازى
ئاتاقلىق قۇمۇل مۇقامچىسى ئەسئەت مۇختەرنىڭ D3 ئوبرازى
توردىشىمىز سادىقجاننىڭ 3DS MAX دا ئىشلىگەن مەشىق ئەسىرى :
مەنمۇ ئاددى بولسىمۇ كەڭ نورۇز ئەھلىگە «نان-چاي» ئېلىپ كەلدىم. (چاپلىما رەسىمدىن ئازىراق چاتاق چىققانلىقى ئۈچۈن ماتېرىيال سۈپەت ئۈنۈمى بېرىلمىگەن ھالەتتىكىسى يوللاندى)
收藏到:Del.icio.us
评论
يوللاپ بېرىشكە يىرىم سائەت ۋاقىت چىقارغان بولسىڭىز، كۆرگەزمە تېخىمۇ موللىشاتتى –دە،
لىكىن ئەمما «قارلۇق» تىكىلەرنى ساقلاپ «دېڭ نىي دېڭ نىي ، ۋو دې يەن جىيىڭ سى گې لى» بولاپ كەتتىم جۇما! (چاقچاق)
ئاغزىڭىزغا ناۋات سالغىدەك گەپ قىپسىز قىرىندىشىم، مەنمۇ بەزى يەرلەردە گاڭگىراپ تۇرغان («ئېغىزدىن چىقتى، ساقالغا ياماشتى»دېگەن شۇ ، ھا ھا ھا )
نان سىزدىن ئايلانسۇن قىرىندىشىم.