-
يېڭى ئادېرىس، يېڭى مەنزىل - [بلوگ بىلدۈرگىسى]
2011-06-11
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، «ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگى» نىڭ كۆرۈرمەنلىرى
بلوگىمىز 2010-يىلى 3-ئايدا مۇستەقىل تور نامى ۋە بوشلۇق ئېلىپ، wordpress سۇپىسىغا كۆچكەن ھەم شۇ توغرۇلۇق كۆرۈرمەنلىرىمىزگە ئۇچۇرمۇ بەرگەن ئىدۇق.
گەرچە ئىسىم، بوشلۇق ئېلىش، كۆچۈش ..قاتارلىق بىر قاتار ئىش ھالقىلىرى مۇۋاپىقيەتلىك بولغان بولسىمۇ ، تېخنىكا سەۋىيمىزنىڭ يىتەرسىز بولىشى سەۋەبىدىن يېڭى بېكىتىمىزنىڭ بەت يۈزى ئورۇنلاشتۇرىشى، كۆركەملىكىنى ئۆزىمىزگە يارىغۇدەك ھالەتكە يەتكۈزۈش ئىستىكىدە ھىلىمۇ يېڭى ئادېرىسنى ئېلان قىلىشتا كۆپ كىچىكىپ كەتتۇق. بۇ جەھەتتە بىزگە ئىشەنگەن، بىزنى قوللىغان دوستلارنىڭ، كەسىپداشلارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ خىجىلمىز.
مۇشۇ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە شاھ ئۇيغۇر ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم بلوگى ، ئالغا بلوگى ، ئۇيغۇر بەگ تور تۇراسى ، ئەلشاد بلوگى قاتارلىق بلوگلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى، ياردەم بېرىشلىرى ئارقىلىق «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى» نىڭ دەسلەپكى قۇرۇلمىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقتۇق.
يېڭى ئادېرىسنىڭ بەت يۈزىدىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە رەتسىزلىك ۋە قالايمىقانچىلىق بارلىقى ئۆزىمىزگە ئايان، شۇنداقتىمۇ بۇ مەسىللەرنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىپ بولالايمىز دەپ قاراپ، يېڭى ئادېرىسنى كىچىكىپ بولسا ئېلان قىلماقچىمىز، دوستلارنىڭ، كەسىپداشلارنىڭ تور بېكىتىمىزنى قوللىشىنى، تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.
يېڭى ئادېرىسىمىز: http://www.atesh.biz
ئاخىرىدا تەنتەنىلىك ھالدا شۇنى جاكارلايمىزكى: بۇنىڭدىن كېيىن تور بېتىمىز (بلوگىمىز) ئاتەش، شاۋقۇن، خۇشنۇت، ئىلچىن قاتارلىق باشقۇرغۇچى، ئاپتۇرلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقى ئاساسىدا باشقۇرىلىدۇ، تەرەققىي قىلدۇرىلىدۇ. ئەگەر قوشۇنىمىزغا قوشۇلۇشنى خالايدىغان كەسىپداشلار، دوستلار بولسا قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ھۆرمەت بىلەن :
ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى
2011- يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
收藏到:Del.icio.us