• ھۈنەر-سەنئەت ساھەسىدىكى ئىزدىنىش - [ئۇستازلىرىمىز]

    2011-02-21

    ئىلاۋە:

    ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەن، بۇ قېتىملىق يازمىمىزدا تونۇشتۇرماقچى بولغان ئۇستازىمىز قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇختەر مۇھەممەدنىياز، مۇختەرئاكام گەرچە گۈزەل سەنئەت كەسپىدە ئوقۇمىغان بولسىمۇ ، ئۆزىنىڭ گۈزەل سەنئەتكە بولغان قىزىقىشى ۋە تىرىشچانلىقلىرى بىلەن بەلگىلىك تەسىر ۋە نەتىجە ياراتقان كىشىلىرىمىزنىڭ بىرى.

    ئۇنىڭ تىنىمسىز تىرىشىش روھى ۋە كىچىك پېئىل خارەكتىرى ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۈگۈنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

    مۇختەر مۇھەممەدنىياز ، 1967-يىلى تۇغۇلغان، 1984-يىلدىن 1986-يىلغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئومۇمىي پەن سىنىپىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇ مەكتەپكە ئېلىپ قىلىنغان.ھازىرغىچە مۇشۇ مەكتەپتە گۈزەل سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

    ئۇنىڭ ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى 1986-يىلدىن باشلاپ ،تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھۆسنىخەت مۇسابىقىلىرىدە 1-2- دەرىجىلەرگە ئىرىشكەن. ئۇ 1998-يىلدىن باشلاپ قاپاق ھۈنەر-سەنئىتى ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ھۆسنىخەت ئىجادىيتىنى قاپاق ھۈنەر-سەنئىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قاپاق سەنئىتى ئەسەرلىرىنى بازارغا يۈزلەندۈرگەن.

    ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرى ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن.

    ئۇ يەنە ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، بىرقىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى مەجمۇئەسى «كېگىز، شىرداق، پالاس ئۆرنەكلىرى» ،«باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئېلىپبە تاپشۇرۇقى»  قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان.

    ئۇ ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • بولسا مۇشۇ كىشىدەك ئۇستازلىرىمىز بىلەن كۆپرەك تونۇشتۇرۇپ قويارسىز،ئىشقىلىپ ھۆسىنىخەت دىسە بەكلا ياقتۇرىمەن جۇمۇ.
    Atash回复بارخان说:
    بلوگقا «خەتتاتلىق» سەھىپىسىنى تەسىس قىلماي خاتا قىلغانكەنمىز، خۇدايىم بۇيرۇسا پات يىقىندا يېڭى ئۆيگە كۆچكەندە خەتتاتلىق دېگەن سەھىپىنى تەسىس قىلماقچى.
    بارخان بلوگىنىڭ بلوگىمىزنىڭ يازمىلىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگىنىدىن تولىمۇ خۇرسەنمىز، مۇبارەك قەدىمى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
    2011-03-08 23:00:03
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن سىزنى ئۇ؛ىنىش قىلىپ قويغىلى 1-يىل بولاي دىدى؟ سىزمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز ؟
    Atash回复anana05说:
    ئىنكاس يوشۇرۇن بولۇپ قاپتىكەن ، ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالماپتىمەن،بۇنىڭدىن ئۆزۈرلىكمەن.
    بلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم، بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالغاچقا ۋاقتىدا ئۇلىنىش قىلالماپتىمەن.
    2011-03-08 23:05:48
  • نىمىدىگەن ئېسىل ئەسەرلەر -ھە!...مەنمۇ بۇرۇن ئانچە-مۇنچە ھۆسىنخەت بىلەن ھەپلىشەتتىم ، ھازىر خىزمەت بىزنى ئالدىغا سىلۋالدى دىسە...
    Atash回复ئىزدەنگىن说:
    شۇنداق، خىزمەتچىلىك بىلەن كۆپ ئىشلارغا يىتىشىپ بولالماي ئۆتۈپ كېتىدىكەن ئادەم.
    2011-03-08 22:55:19
  • قاپاققا خەتنى بەك ئېسىل ئويىدىكەن. مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلىرىىڭىز ئۈزۈلمىگەي قېرىندىشىم.
    Atash回复چەۋەنداز说:
    شۇنداق، خەتنى بەك ئېسىل يازىدۇ.
    بلوگنىڭ يازمىلىرى يارىغان بولسا مەن شۇنىڭدىن خوش قىرىندىشىم، شۇندىلا ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالىدىكەن.
    2011-02-25 23:24:44
  • نىمىدىگەن ئېسىل ئەسەرلەر بۇ..مەنمۇ ئوقۇۋاتقان چاغلاردا خىلى ھەپلىشەتتىم ھۆسىنخەت بىلەن ھازىر تورمۇش ھەلەكچىلىكى ئالدىغا سىلۋالدى دىسە..
    Atash回复بارخان说:
    بولسا شۇ قىزىقىشىڭىزنى يەنە داۋاملاشتۇرىشىڭىزنى ئۈمد قىلىمەن.شۇنداق قىزىقىشلار داۋاملاشقاندىلا خەتتاتلىق سەنئىتىمىز ئۈزۈلمەيدۇ.
    بىز باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا «ھۆسنىخەت» دەرسى بار ئىدى،ئەپسۇس ھازىر ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتتى،شۇڭا مۇشۇنداق يازىدىغانلار،قىزىقىدىغانلار بۇ قىزىقىشنى داۋاملاشتۇرىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
    بۇ يازمىنى ياقتۇغىنىڭىزدىن مىننەتدارمەن، رەھمەت.
    2011-02-25 23:19:17
ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.