http://arslan.yanbilog.comئارسلان يانبىلوگى

123
ئارسلان ساداسى
ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەر ھېچقاچان باشقىلارغا ئىدىيە تاڭمايدۇ. ——تۇرسۇنبەگ ياسىن
شىركەت دېگەن نىمە؟ شىركەت بىر تۈركۈم ھۆكىمەت قولىدا باغلىنىپ قېلىپ ئۆز ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇشنى خالىمايدىغان، ئىدىيەسى ئەركىن ئەڭ مۇھىمى ھەم تىرىشچان، غايىسى بار، كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى ياشاشنى تاللىغان كىشىلەر توپىدىن تەشكىللەنگەن كوللېكتىپ. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا يەردە جېنىنى باقالماي قالغانلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەس.——تۇرسۇنبەگ ياسىن
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

قىممەت ھەققىدە پاراڭ

قىممەت ھەققىدە پاراڭ

ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 663 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇر ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆز
(ئەبجەش يازمىلار)
تۇرسۇنبەگ ياسىن
قىممەت توغۇرلۇق ئويلار تۇغۇلدى .
...
كىچىلىكلەر كۈندە بىردىن توغرا كەلگۈدەك بولۇپ كەتتى ، ناخشىچىلار ئالدىنئالا تەييارلىۋالغان ناخشىنى سەھنىنىڭ ئوتتۇرىدا قولىغا مىكرافۇن تۇتىۋېلىپ ،ئىنجىقلاپ تۇرۇپ قويۇپ بىرىپ ئۈچ مىنۇتتا نەچچە مىڭ سوم ھەق ئالدى ، مۇئەللىمنىڭ مۇنبەردە ئوتتۇز كۈن ئىنجىقلاپ تۇرۇپ قىلغان ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۇنىڭ ئۈچ مىنۇتلۇق ناخشىسىنىڭ ھەققىگە تەڭ كەلمىدى ، شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم مۇنبەردىن جاق تويدى ، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزىنى سەھنىگە ئاتار بولدى . ساپساپچىلىق بىلەن ئىجدىھاتلىق ئەمگەكنىڭ قىممىتى شۇنداق بولار بولدى.
…          
مۇھەببەت دەپ توۋلار بولۇندى ،يىگىتلەرنىڭ ھاراق سورۇنىدىمۇ مۇھەببەتنىڭ گىپى ، ئىككى قىز بىر يەرگە كەلسىمۇ شۇ گەپ ، باشلانغۇچتىكى باللار ساۋادى چىقىشتىن بۇرۇن مۇھەببەت تۇتىۋېلىشار بولۇشتى ، بۇرۇن ساداقىتى بىلەن پەخىرلىنىدىغان مۇھەببەت ئەمدى سانى بىلەن پەخىرلىنىدىغان بولۇندى ، ياشلىرىمىز مۇھەببەت دەپ شام كەبى ئىرىپ ، مۇز كەبى مۇزلاپ ، پوجاڭزا كەبى پارتىلاي دەپ قالغان قەلبىگە مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان ناخشىچىنىڭ  [مۇھەببەت ]تىمىسىدىكى ناخشىلىرىدىن داۋا تاپماقچى بولدى –يۇ دېڭىز سۈيى ئىچىۋالغاندەك ئۇسسۇزلۇق قانماس، مۇھەببەتلىك كۈنلەر تۈزى كام ئاشتەك  تېتىمسىز بىلىنەر بولدى . 

كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىلىمسىزلىقىنى داڭلىق ماركىلىق كىيىم -كىچەك ، ھوقۇق-ئەمەل بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنار بولدى ، ئون يەتتە يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان سىتۇدېنتنىڭ سۈرلۈك سىمىز باشلىقنىڭ ئالدىدا موچەنلىك ئىناۋىتى بولماي ئاچچىقىدا دىپلومنى بۇلۇڭغا ئاتتى ، مانا بۇ دىپلومنىڭ قىممىتى بولدى.
...
جاھاننىڭ رەپتارىنى بىلگەن بىرسى شاپاشلاپ يۈرۈپ يامىشىپ باشلىق بولۇپ ئەمەل تۇتتى ، ئالىي مەكتەپتە كىتابخانىدا شاپاشلىغانلار كىچىكىنە خىزمەت ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ غەمگە پاتتى .ھەممىسى شاپاشلىدىيۇ ئەمما ئىرىشكەن قىممىتى ئوخشاش بولمىدى. سىتۇدېنتنىڭ 20يىلغا يېقىن ئوقۇغىنىنىڭ قىممىتىنى باشلىقنىڭ قولىدىكى تامغا بەلگىلەر بولدى.

تۈنۈگۈن  كەچتە  شىرىن  ۋەدە  بىلەن ئېچىلغان ياتاققا  قەدەم تەشىرىپ قىلغان قىز بۈگۈن ئەتىگەن [ئىككىنجى كۆزۈمگە كۆرۈنمە ، يوقال ] دىگەن جاۋابنى ئاڭلىدى ،  دادىسى ئۇنىڭدىن تاندى ، ئاپىسى ياقا يىرتىپ يىغلىدى ، ئاكىسى پىچاق كۆتۈرۈپ قوغلىدى ، ئۇ ئەڭ  ئاخىرقى  قېتىم كۆزى قىيماستىن بۇ  شەھەرگە بىر  قارىۋىتىپ يىگىرمىنجى قەۋەتتىن جىممىدە پەسكە ئۆزىنى قويىۋەتتى . مانا بۇ ئەڭ تىز تۆۋەنلەيدىغان قىممەت بولدى . 
...
يېڭى توي قىلغان يىگىتنىڭ بېشى كۈندىن كۈنگە قاتار بولدى ، بەزىلەر 20 يىل كىيىن تۇغۇلۇپ قالغان بولسامچۇ دەپ ئارزۇ قىلسا ،ئۇ 20 يىل بۇرۇن ئۆي ئەرزان ، خوتۇن ئەرزان  ، ماي ئەرزان ...ۋاقىتلاردا تۇغۇلۇپ قالسامچۇ دەپ ھەسرەت چەكتى ، بەزىلەر تۇلۇم كەبى سەمرىپ پۇل خەجلەرگە جاي يوق بولار بولدى ، بەزىلەر قوي گۆشىنىڭ باھاسىغا بويلىشالماي كۈندە ئۆيدە جىدەل قاينار بولدى. 
...
بىرلەر ئىجارە ئۆينىڭ غېمىدىن قۇتۇلۇپ بولالماي بېشىغا ئاق كىرىپ كەتتى ، بىرلەر ‹چەتئەلگە كۆچمەن بولۇش› رەسمىيتنىڭ بالدۇر پۈتمەيۋاتقىنىدىن ئىچى پۇشۇپ قالدى . 
...

بايانات

بۇ تۇرسۇنبەگ ياسىننىڭ يانبىلوگى بولۇپ ، ئېلان قىلىنغان يازمىلار شەخسىنىڭ قىزىقىشى ھەم كۆز قارىشى ، ھېچقانداق چاقىرىق ھەم باشقىلارغا دەۋەت قىلىش مۇددىئاسى يوق بولۇپ ياقتۇرمىغان تورداشلار بىۋاستە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىپ ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلمىغاي ، تەشەككۈر . ياقتۇرغان تورداشلار ھەم سالۇنلار ئاپتۇر مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتسا بولىدۇ .

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى