تاقىچىلىق كەسپى ئاتنى قولغا كۆندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئويغۇرلار كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدىلا ئاتنى تاقىلاش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق مىللىتىدىن تېرىقچىلىق مىللىتىگە، ئات ئۈستى مەدەنىيىتىدىن تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىگە ئۆتكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى، ئۇلاغ تىرانسىپورتى، كارۋانچىلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تاقاچىلىق ناھايىتى مۇكەممەل تەرەققى قىلغان. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ‹‹ئات يۆك كۆتۈرىدۇ، تاقا ئاتنى كۆتۈرىدۇ›› دېگەن ماقال بۇنىڭ دەلىلى. بولۇپمۇ قاتناش ـ سودا تىرانسىپورتىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى تاقىچىلىق كەسپىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولدى. شۇنىڭ بىلەن تاقىچىلىق كەسىپكە ئايلىنىپ تۆمۈرچىلىكتىن ئايرىلىپ چىقتى. شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سودا چەمبىرىكىدىكى مۇھىم ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغاچقا، ئەينى يىللىرى ھەر قانداق سودا كارۋىنى چوقۇم ئۆتمىسە بولمايدىغان ئۆتەڭگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق كارۋان بۇ لىنىيەدىن ئۆتكەندە يول ئەھۋالىغا قاراپ ئات-ئۇلاغلىرىنى تاقىلىتىپ ئاندىن يولغا چىقىدىغان بولغان.
كونا تاقىنى يۇلۇپ ئېلىپ، ئات تۇيىقىنى راسلاش (نۇرمۇھەممەد ئايۇپ فوتوسى)
تاقىچىلىق سايمانلىرى: ئوچاق، كۆيەك، قىسقۇچ، بولقا، بازغان، سەندەل، قەلەم، سۈنبە ـ سومتاچ، ئاتنىڭ تاقىسىنى شىلىدىغان ئۇستۇرا، دار، ئارغامچا قاتارلىقلار. ئۇستىلار مۇشۇ سايمانلار بىلەن تاقا ياسايدۇ ۋە ئات تاقىلايدۇ.
ھايۋان تۈرىگە، چوڭ ـ كىچىكلىكى ۋە يولغا قاراپ تاقىنىڭ تۈرى بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئات، قېچىر، ئېشەك، بۇغا تاقىسى قاتارلىقلار. تاقا يەنە تاشلىق يول تاقىسى، توپىلىق يول، مۇزلۇق يول تاقىسى دەپ بىر قانچە تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ.
تاشلىق يول (ئۇزۇن يول) تاقىسىنىڭ ھەر بىرىگە ئۈچ يۈز گىرام تۆمۈر ئىشلىتىپ قېلىن سوقۇلسا، توپىلىق يول ئۈچۈن ئىككى يۈز گىرام تۆمۈر ئىشلىتىپ سىپتا سوقۇلىدۇ. مۇزلۇق يول تاقىسى مىخلىق بولىدۇ.
مۇسلۇق يول تاقىسى (نۇرمۇھەممەد ئايۇپ فوتوسى)
ياسىلىشى: تۆمۈر ئۆلچەملىك كېسىلىپ، قىزىتىلىپ ئىككى بېشىغا زەي (مىخ ئورنى) تارتىلىپ يەنە بىر تەرىپىگە ئۈچتىن تۆشۈك ئېچىلىپ، تاقا ئىگىلىدۇ. تۆمۈر قىزىتىلىپ، ئۇچۇنى ئۇچلۇق قىلىپ سوزۇلۇپ كېسىلىپ، قېلىپقا سېلىنىدۇ ھەمدە بىر تەرىپىگە باش چىقىرىپ تاقا مىخى ياسىلىدۇ.
تاقا قېقىش: ئۈچ تال ياغاچتىن ياسالغان دار ئىچىگە ئات ئۇزۇنىغا تۇرغۇزۇلۇپ، ئارقان بىلەن قولتۇق ۋە تىقىم ئارىلىقىدىن دارغا باغلىنىدۇ ھەمدە ئارقان ئۇچى دار قوزۇقىغا باغلاپ قويۇلىدۇ. ئاندىن تاقىلايدىغان پۇتنىڭ تۇياق ئۇچىنى ئارقان بىلەن كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، سۇتۇرا بىلەن تۇياقنى ياساپ، تاقىنى قويۇپ مىخلاپ، تۇياق چۆرىسىنى تاقا يۈزىگە جىپىسلاپ ياسايدۇ.
ئۇيغۇر تاقىچىلىرى يالغۇز تاقا ياساش، تاقىلاش، بىلەن مەشغۇل بولۇپلا قالماي يەنە ھايۋانات دوختۇرلۇقىنى قوشۇمچە ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن: ئۇلاغلاردا بولىدىغان تۇياق يېرىلىش، يىرىڭداش، ھەر خىل سۇلۇق يېغىر، جۆجەي قاتارلىق جاراھەت ۋە ئۆسمىلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالايدۇ ۋە ئوپىراتسىيە قىلىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم تەجرىبىلىك تاقىچىلار ھايۋانلارنىڭ يۈرۈش، تىنىش ئەھۋالىغا قاراپ كېسەللىك ۋە بولغۇسى كېسەللىكنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئېشەكمۇ ئاتقا ئوخشاشلا ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە قاتناش قورالى. شۇڭا جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى تاقىلارنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرى ئېشەك تاقىلاش بولۇپ، ئۇنىڭ جەريانلىرى ئاتنى تاقىلاشقا ئوخشايدۇ.