سۈرەتتە: ئامباردا توپا بېسىپ كەتكەن پاختا ئېتىش سايمىنى
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشلىتىپ، نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقرىش سايمانلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىجاد قىلىپ نۇرغۇن ئەمگەك كۇچىنى تىجەپ قالغان، ئەجدادلىرىمىز كىۋەز تېرىپ پاختىدىن پايدىلىنىشنى بىلگەندىن كېيىن، پاختىنى چىگىتىدىن ئايرىماي شۇ پىتى ئىشلىتىشكە بولمىغانلىقتىن، پاختا ئېتىش سايمىنىغا ھاجىتى چۈشكەن. بۇ ئىھتىياج تۈپەيلىدىن ئۇلار پاختا ئېتىش سايمىنىنى ياساپ چىققان. پاختا ئېتىش سايمىنى ياغاچتىن ياسالغان ئىنتايىن ئاددى سايمان بولسىمۇ، ئاددى بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ كىشلىك تۇرمۇشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ بولغان.
ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى مۇنداق: 1.7- 1.8 مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دۇكان دەپ ئاتىلىدىغان ئوق ياغاچنىڭ بىر بېشىغا تۆشۇك تىشىلىپ، ئۇزۇنلىقى10 سانتىمېتىر، كەڭلىكى6 سانتىمېتىر، قىلىنلىقى 3.5 سانتىمېتىر كىلىدىغان بىر تال ياغاچ تىك قىلىپ ئورنىتىلىدۇ، بۇ ئۆردەك بېشى ياكى ئات بېشى دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر بېشىدىن 15 سانتىمېتىر بېرىسىغا ئۇزۇنلىقى 35-40 سانتىمىتېر، ئىككى بېشىنىڭ كەڭلىكى25-18سانتىمىتېر، قورسىقىنىڭ كەڭلىكى 13 سانتېمىتىر، قىلىنلىقى3.5 سانتىمىتېر كىلىدىغان شەكلى خۇددى قونجى كەڭ، تۇمشۇقى ئۇزۇنراق قىشلىق ئاياققا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر تال ياغاچ، تېشىلگەن تۆشۈككە تىك قىلىپ مۇقىم ئورنىتىلىدۇ. بۇ ئىڭەك دەپ ئاتىلىدۇ. ئاندىن ئات بېشى بىلەن ئىڭەك ئارىلىقىغا، تاغ تېكىسى ياكى تېكە، ئۆچكىنىڭ تېرىسىدىن ئىش قوشۇپ پىششىق ئىشىلەنگەن، دىئامىتېرى 0.3 مىللىي توملۇقتىكى كىرىش (زەي دەپمۇ ئاتىلىدۇ) خۇددى تەمبۇرنىڭ تارىسىدەك چىڭ تارتىلىدۇ. كىرىشنىڭ چىڭ- بوشلۇقى ئىڭەكنىڭ ئۈستى، سۆسەينىڭ ئاستىدىكى خەررەك بىلەن تەڭشىلىدۇ. كىرىشنىڭ چىڭ- بوشلۇقى ئاتىدىغان پاختىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تەڭشىلىدۇ. كىرىش قانچە چىڭ تارتىلسا پاختا ئاتقاندا چىقىدىغان ئاۋاز شۇنچە مۇڭلۇق بولۇپ پاختا ئاتقۇچى ئۇستامغا روھى جەھەتتە شۇنچە ئىلھام بولىدۇ. پاختا ئاتقۇچىنىڭ قولىنىڭ كۈچەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پاختا ئاتىدىغان دۇكان ئۆينىڭ بىر تېمىنىڭ ئاستى تەرەپكە قوزۇق قېقىلىپ، 2.5- 3 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاسمىنىڭ چوڭ ئۇچى قوزۇققا چىڭ باغلىنىدۇ. ئاسما، بامبۇك ياغىچىدىن قىلىنسا ئەۋرىشىم بولۇپ، پاختا ئېتىشقا تېخىمۇ قۇلايلىق بولىدۇ. ئاسمىنىڭ ئىنچىكە ئۇچى بىلەن ئوق ياغاچ (دۇكاننىڭ گەۋدىسى) 50-60 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تانا بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ.
پاختا ئاتقۇچى ئۇستام سول قولى بىلەن ئوق ياغاچنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇقىم بەلگىلەنگەن ئورۇننى (بىلەك بېغى) چىڭ تۇتۇپ، ئوڭ قولى بىلەن ئۆرۈك، چىلان، ئالما قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ياغىچىدىن چوڭ بېشنىڭ كەڭلىكى 13-12 سانتىمىتىر، كىچىك بېشىنىڭ كەڭلىكى 7 سانتىمىتېر، چوڭ بىشىنىڭ ئۇزۇنلىقى 18-20 سانتىمېتىر، تۇتىدىغان سېپى 10-12 سانتىمېتىر، تۇتىدىغان سېپى بىلەن ھېساپلىغاندا 30 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مۇش دەپ ئاتىلىدىغان سايماننى چىڭ تۇتۇپ خۇددى مۇزىكانت راۋاپ، تەمبۇرنىڭ تارىسىنى ناخۇش، زەخمەك بىلەن چەككەندەك ئۈزمەي بىسىپ، شىلتىپ ئۇرغاندا، يېقىملىق مۇزىكىدەك مۇڭلۇق ئاۋازنىڭ چىقىشى بىلەن، پاختا گويا تۆمۈرچىنىڭ سەندەلدىن ئۇچۇپ چىققان ئوت ئۇچقۇنلىرىدەك ئېتىلىپ چىقىپ، 1-2 مېتىر ئېگىز ئۆرلەپ خۇددى قار ياغقاندەك، يۇمشاق ھالەتتە يەرگە چۈشىدۇ. پاختا ئېتىش تېخنىكىسى بىر قەدەر يۇقىرى، بۇ ھۈنەردە پىشقان، سالامەتلىكى ياخشى ئۇستاملار سائىتىگە 5-6 كىلوگرام، كۈندە 25-30 كىلوگرام پاختا ئاتىدۇ. ئادەتتىكى ئۇستاملار بولسا سائىتىگە 2-3 كىلوگرام، كۈنلىكى 15-20 كىلوگرام پاختا ئاتالايدۇ. پاختا ئېتىش سايمىنى (دۇكان) بىلەن ئادەتتە يۇڭ ئاتقىلىمۇ بولىدۇ، سائىتىگە ۋە كۈنلىكى ئاتىدىغان يۇڭنىڭ مىقدارى يۇڭنىڭ سۈپىتىگە باغلىق بولىدۇ. پاختا ئېتىش سايمىنى(دۇكان) ھازىر ئاساسەن ئىشلىتىلىشتىن قېپ قالدى. چۈنكى پاختا- يۇڭ ئېتىش ھازىر ماشىنىلىشىپ كەتتى،بۇ سايمان بىلەن پاختا ئاتىدىغانلارمۇ ئاز قالدى. پاختا ئېتىش سايمىنى گەرچە ئاساسى جەھەتتىن ئىشلىتىلىشتىن قالغان ئىنتايىن ئاددى سايمان بولسىمۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئەقىل پاراسەتلىك ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇ زامانلاردىكى ئىجادىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (خېجىڭ ناھىيەلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېنسىيۇنېرى: تۇردى ئەبەيدۇللا رەتلىگەن)