خۇشامەتچىلىك -چىرىتىش دورىسى
ئىمىنجان كېرىم ئاق شەھىرى
خۇشامەتچىلىك − ئىنسان مەنىۋىيىتىدىكى ئەڭ يىرگىنىشلىك ئىللەتلەرنىڭ بىرى. بۇنداق ناچار ئىللەتنى ۋۇجۇدىدا يېتىلدۈرگۈچىلەر ئەقەللىي پەزىلەت بولغان ئادىمىيلىك، ئىنسانىي غۇرۇر، يۈز - ئابرۇي دېگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ، كىملەرگىدۇر غەيرىي ساداقەت بىلدۈرۈش، ياخشىچاق بولۇش ئارقىلىق نام - مەنپەئەت، شان - شەرەپ كويىدا كۆڭلىنى خۇش ئەتسە، يەنە كىملەرنىڭكىدۇر يولىنى توراپ، نىيەت - ئىقبالى دۇرۇس كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ.
خۇشامەتچىلىك تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماھىيىتى ئۆزگەرگەن «قۇلچىلىق» بولۇپ، بۇنداق مەرەز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار غالچىلىق، يالاقچىلىق ئارقىلىق جان باقىدۇ. ھەتتا پاك - دىيانەتلىك، خەلقپەرۋەر ئەمەلدارلارنىڭ ۋۇجۇدىغا تۇيدۇرماي سىڭىپ كىرىپ، ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ، دۇرۇس يولدىن تايدۇرۇپ، مەنىۋىيىتىنى چىرىتىدۇ. خۇشامەتچىلەرنىڭ چىرىتىش دورىسى ئىنتايىن شېرىن، يېقىشلىق بولۇپ، ئىرادىسى ئاجىزلارنى ئاسانلا تىز پۈكتۈرۈپ، ئۆز مۇقامىغا دەسسىتىدۇ. تارىخقا نەزەر سالساق، قانچىلىغان قابىل، دىيانەتلىك، ئەل سۆيەر ئەمەلدارلار، بەگ - تۆرىلەر، خان - سۇلتانلار خۇشامەتچىلەرنىڭ خۇشامەت دورىسىنىڭ چىرىتىشى بىلەن خۇدىنى يوقىتىپ، ئەلنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغان، ھەتتا نەچچە يۈز يىللاپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان، قۇدرەت تاپقان بەگلىك ۋە خانلىقلارمۇ خۇشامەتچىلەرنىڭ ئالقىنىدا زاۋاللىققا يۈزلىنىپ مۇنقەرز بولغان، بۇلار مەڭگۈ ئەستىن چىقماس ئاچچىق ساۋاقلار بولسىمۇ، ئەمما، ھېلىھەم خۇشامەتچىلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ شېرىن - شېكەر ياغلىما سۆزلىرىدىن ۋە ئالدىدا كۈچۈكلىنىشلىرىدىن مەست بولۇپ، خۇدىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلار يوق ئەمەس.
كەڭ بىر ئورمانلىقتا بىر توپ ھايۋان ياشايدىكەن، ئۇلارغا ئارسلان(شىر) پادىشاھ، بارس(يولۋاس) ۋەزىر ئىكەن، يەنە بىر ئورمانلىقتا بۆرىنىڭ پادىشاھلىقىدا بىر توپ ھايۋان ياشايدىكەن. ئارسلان پادىشاھنىڭ ئورمانلىقىدا يېمەكلىكلەر مول بولۇپ، ئۇنىڭغا بۆرە پادىشاھنىڭ ئورمانلىقىدىكىلەرنىڭ كۆزى قىزىرىپتۇ، ئەمما ئارسلاننىڭ ھەيۋىسىدىن، بارسنىڭ باتۇرلۇقىدىن قورقۇپ، ئۇ تەرەپكە قەدەم بېسىشقا پېتىنالماپتۇ.
پۈتۈن ۋۇجۇدى خۇشامەتچىلىك بىلەن تولغان، بارسنى كۆزدىن يوقىتىپ، ئورنىغا ئۆزى ۋەزىر بولۇش غەرىزىدە يۈرگەن تۈلكە پادىشاھقا ياخشىچاق بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە يېقىش ئۈچۈن دائىم ئارسلاننىڭ ئايىغىدا ئۆمىلەپ يۈرۈپ خىزمىتىنى قىلىپتۇ ۋە دۇنيادىكى ھەممە يېقىملىق سۆزلەر بىلەن ئۇنى ماختاپ، مەدھىيەلەپ كۆككە كۆتۈرۈپتۇ. ھەتتا ئۆزى ئوۋ ئوۋلاپ ئارسلاننىڭ يېمەك - ئىچمىكىنى ھازىرلاپ بېرىپتۇ. ئۇ خۇشامەت ۋە مەدھىيە سۆزلىرى ئارىسىغا ئۇستىلىق بىلەن «بارس سىزنىڭ كۈچ - قۇدرىتىڭىزگە قايىل ئەمەس، ئۇ ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقىغا ئىشىنىپ، سىزنىڭ پادىشاھ بولغانلىقىڭىزغا ئىچىدە نارازى بولۇپ يۈرىدۇ، ئېھتىيات قىلمىسڭىز، ئۇ بىر كۈنلەردە بېشىڭىزغا بالا بولىدۇ» دېگەندەك تۆھمەت سۆزلىرىنى قوشۇپ ئارسلاننى قايمۇقتۇرۇپتۇ. تۈلكىنىڭ سادىقلىقىدىن، خۇشامەتلىرىدىن كۆڭلى ئېرىگەن ئارسلان ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، بارسنى يوقىلاڭ باھانە بىلەن ئورمانلىقتىن ھەيدىۋېتىپتۇ ۋە ئورنىغا تۈلكىنى ۋەزىر قىلىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. ئارسلان ئۆزى ئوۋغا چىقماي، تۈلكە تېپىپ بەرگەن تەييار يېمەكلىكلەرنى يېتىپ يەپ ھەم ئۇنىڭ ياغلىما سۆزلىرىدىن خۇدىنى يوقىتىپ، بىخۇدلىشىپتۇ ھەم ئاستا - ئاستا ئاجىزلاپ، ھەيۋىسىنى يوقىتىپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بۆرە قول ئاستىدىكى ھايۋانلارنى باشلاپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ھېچ كۈچىمەيلا ئارسلاننى ئۆلتۈرۈپتۇ ۋە پۈتكۈل ئورمانلىققا ھۆكۈمرانلىق قىلىپتۇ. بۇ ھېكايە بىزگە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، خۇشامەتچىلىك قەلبنى چىرىتىپ، ئىرادىنى سۇندۇرىدۇ، روھىي ۋە مەنىۋىيەتنى زەئىپلەشتۇرۈپ، ھەقىقەتنى ئاستىن - ئۈستىن قىلىپ، قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ زىيىنى زەھەردىنمۇ كۈچلۈك بولۇپ، مەنپەئەتسىز، خۇشامەتسىز ئىش بېجىرمەيدىغان، خۇشامەتچىلەرنى يۆلەپ، دۇرۇسلارنى باسىدىغان خاراكتېرىنى يېتىلدۈرىدۇ.
دېمەك، چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇقنىڭ ئانىسى يەنىلا خۇشامەتچىلىك بولۇپ، خۇشامەتچىلەرنىڭ خۇشامەت دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ خۇشاللىق تاپىدىغانلار ئاسانلا چىرىكلىشىدۇ، پارىخورلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، «بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا» دېگەندەك، دىيانەتلىك، ئەل سۆيەر، دۆلەتكە سادىق ئەمەلدارلىرىمىزنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈلىدۇ. شۇڭا، خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش، خۇشامەتچىلەرنىڭ ئويۇنچۇقى بولماسلىق، پاك-دىيانەتلىك، ئادىل - ھەققانىي بولۇش دەۋرىمىز كىشىلىرىگە، بولۇپمۇ ئەل خىزمىتىدىكى خادىملار ئەمەل قىلىشقا، تايماسلىققا تېگىشلىك پىرىنسىپ ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاقتۇر، بۇنىڭغا ئەمەل قىلالمىغانلار ھامان كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ.