ئامېرىكىنىڭ ئائىلە تەربىيە قارىشىدا كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان يېرى: بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ ئىززەتلەش، مۇستەقىللىقىنى ھۆرمەت قىلىش، يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلدۇرۇش. ئامېرىكىدىكى بالىلار بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپلا ئانىسىدىن ئايرىلىپ ئۇخلايدىكەن. ئىككى، ئۈچ ياشلىق بالىلار ئايرىم ئۆيدە ياتىدىكەن، پەقەت ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدىكەن. تۇرمۇشتا تۈرلۈك ئىشلارنى، يەنى ئويناش ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزى تاللايدىكەن ۋە مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىدىكەن. كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، ئويۇنچۇقلىرى ۋە ئوقۇش قوراللىرىنى ساقلايدىغان ئايرىم جايى بولىدىكەن. ھۇجرىسىنى ئۆزى يىغىشتۇرىدىكەن ۋە سەرەمجانلاشتۇرىدىكەن. ئاتا-ئانىسى بالىلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىشىنى قىلىپ بەرمەيدىكەن، پەقەت ئېسىگە سېلىپ قويىدىكەن ۋە مەسلىھەت بېرىدىكەن.
ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ ئۆينىڭ كىچىك خوجايىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئائىلىدىكى ھەر قانداق پائالىيەتكە قاتنىشىپلا قالماستىن، بەلكى ئائىلىدىكى چوڭ ئىشلارغىمۇ ئارىلىشىش ھوقۇقىمۇ بولىدىكەن، مەسىلەن قانداق ماشىنا، قانداق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە قانداق كومپيۇتېر سېتىۋېلىش، ھويلا ئارامدىن قانداق پايدىلىنىش، ئۇنى قانداق گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئۆينى بېزەش قاتارلىق ئىشلاردا بالىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدىكەن ۋە شۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىكەن. بالىلار ئاتا-ئانىسىغا قۇربى يەتكۈدەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدىكەن، مەسىلەن: ھويلا-ئارامنى يىغىشتۇرۇش، گۈل-گىياھ ۋە دەل-دەرەخلەرنى سۇغۇرۇش، ماشىنا سۈرتۈش، ئۆي تازىلاش ۋە نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىدىكەن. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ ئويۇنىغا ۋە قىزىقىشىغا ئارىلىشىۋالمايدىكەن. يەنى ئۆزى قىلىشقا قىزىقمىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىمايدىكەن، بەلكى بالىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىدىكەن. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتنى بالىلار ئۆزى مۇستەقىل ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ئۆگىنىش ۋە قىزىقىشىنى قوللاپ، ئىلھاملاندۇرۇپ، يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، شۇنداقلا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بېرىپ، كۇرۇسلارغا قاتناشتۇرىدىكەن.
ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بېسىم ئىشلەتمەيدىكەن، ئۇلار، ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان بالا تەبىئىيلا ئۆزى ئۆگىنىپ كېتىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلايمىز؟ مەجبۇرلاش بالىلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەملەرنىڭ قىزىقىشى بىلەن قابىلىيىتى ئوخشىمايدۇ. بالىلار نېمە ئىشنى مۇۋاپىق دەپ ئويلىسا شۇنى قىلىپ، كىشىلىك ھايات يولىنى ئۆزى مېڭىشى كېرەك، دەپ ئويلايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئائىلە تەربىيەسى مۇنداق بولىدىكەن: ئاتا-ئانىلار ۋاقىت ئاجرىتىپ بالىلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ پاراڭلىشىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى، بالىلارنىڭ توغرا كۆز قارىشى ۋە ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشى، بالىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق ساغلام چوڭ قىلىش ئىكەن.