بىكىتىمىز قۇرۇلغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئازلىقتىن كوپلۇككە ، ئاددىلىقتىن مۇرەككەپلىككە ،يۇزلىنىپ مۇكەممەل بىكەت بولۇپ تورداشلارنىڭ توردىن ئۇنۇملۇك پايدىلنىشىغا بولغان مەسئۇلىيەتنى ئارقا كۇرنۇش قىلغان. بىكەت بولۇپ، ئىزچىل تۈردە تورداشلارنىڭ ئارزۇسىنى ۋە قىزىقىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ كەلدى .يەنە ئەسكەرتىپ ئوتۇش كىرەككى تورداشلار نىمىنى ياقتۇرسا قارىغۇلارچە شۇ ئىقىمغىمۇ ئەگىشىپ كەتمىدى ئەلۋەتتە بۇيەردە تورداشلارغا مەسئۇل بولۇش نۇقتى نەزىرنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ .
بۇگۇنكى كۇندە توربىكىتىمىز تورداشلارغا تىخمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە بۇندىن كىيىنكى ئۇيغۇر تور مەدەنىيتى ئۇچۇن ئوزگە تىگىشلىك ھەسسە قۇشۇشقا شارائىت ھازىرلاش ئۇچۇن ،بىكىتىمىز رەتلىنىپ سەھىپەلىرنى تىخمۇ كوپەيتىپ ۋە رەڭدارلاشتۇرۇپ ئىلان قىلىندى .ئىشنىمىزكى يىڭى بىكەت سىستىممىز بۇنىڭدىن كىيىن تورداشلار ئۇچۇن تىخمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ كىتەلشى مومكىن ،ھەم شۇنداق قىلىش ئۈچۈن تىرشىمىز . بىكىتىمىز شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات پىروگىراممىسىنى تورداشلارغا سەمىمىلىك بىلەن جاكارلايدۇ يىڭىدىن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان بىكەت تەرەققىيات پىروگىرىممىسى توۋەندىكىدەك
ئانا تۇپراق تورنى بىرلىكتە قۇرايلى !
ئەلۋەتتە ئازنىڭ كۇچى چەكلىك ،كوپنىڭ كۇچى چەكسىز بولدۇ ، بىر ئشنى ئوزى يالغۇز بىر باشقا ئىلىپ چىقماق ۋەھشى مۇشكىلدۇر . شۇ سەۋەبلىك بىكىتىمىز ئىلان قىلغان بىكەت سىستىمىسىدا تورداشلارغا ئالاھىدە قۇلايلىقلار يارتىلغان . سىز ئوزىڭىز ياخشى دەپ قارغان ۋە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلغان ھەرقانداق بىكەت بولسا بىكىتىمىزدە ئىلان قىلالايسىز (ئەلۋەتتە تەستىقلاشتىن ئوتىدۇ ) چۇنكى ئانا تۇپراق تورى بۇندىن كىيىن تورداشلارغا مەنسۇپ بولدۇ .
مەن بۇيەردە بىكەت سىستىمىسنىڭ تەپسىلى خەرىتىسنى چىقىرىپ تورداشلارنىڭ ئۇنچە كوپ ۋاقتىنى ئىلىشنى لايىق كورمىدىم قىسقىسى مىڭ ئاڭلىغاندىن بىركورگەن ئەلا قالغىننى بىكىتىمىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن زىيارەت قىلىش داۋامىدا تورداشلارنىڭ ئوزنىڭ چۇشىنىپ يىتىشىگە قالدۇردۇم .
ئەسكەرتىش ::::
بەزىلەر شۇنچە كوپ مەبلەغ ۋە كۇچ چىقىرىپ تورداشلارغا شۇنچە كوپ ھەقسىز مۇلازىمەتلەرنى چىقىرشىمىزنى چۇشەنمەسلىكى مومكىن .بىكىتىمىزنىڭ يىللىق چىقىمى نەچچە مىڭ يۈەندىن ئاشسىمۇ لىكىن خاتىرجەم بولۇڭ بىكىتىمىز ئوزنىڭ چىقىمىنى ئوزى كوتۇرۇپ كىتەلەيدۇ . بىز بۇيەردە پايدا ئىلىشنى پۇل تىپىشنى مەخسەت قىلمىدۇق پەقەت باشقىلارنىڭ مەبلىغى ئارقىلىق ئۇيغۇر تور مەدەنىيتىگە بىر نادىر بىكەت قۇشۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيدۇق ، بىكىتىمىزنىڭ كوزگە كۆرنەرلىك يەرلىرگە خەنزۇچە خەتلىك ۋە رەسىملىك ئىلانلارنى چىقىرىپ قۇيدۇق. بۇ ئىلانلار تورداشلارنىڭ ھەددىتىن زىيادە كوپ چىكىۋىتىش سەۋەبلىك توختاپلا قالمىسا بىكەتنىڭ ئوزنىڭ چىقىمىنى كوتۇرۇپ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ياخشى بولغان بىر تور مەنزىل سەيناسى بەرپا قىلالايدۇ ، ئىنشائاللا !!!
ئانا تۇپراق تورنى بىرلىكتە قۇرايلى!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ئانا تۇپراق تور بىكىتى بىز ئۆز ئارا چۈشۈنۈش ، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەخسەت قىلغان ئاساستا دوسلۇق كۆۋرۈكى سەھىپىسىنى تەسس قىلدۇق ، خالىغان تورداشلارنىڭ سېپىمىزگە قېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
ئىسم فامىلەم : مەمىتىمىن ئابدۇۋىلى
توردىكى تەخەللۇسۇم : ئانا تۇپراق
توردىكى ۋەزىپەم : بىكەت قۇرغۇچىسى
تۇغۇلغان ۋاقتىم : 1986-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى
قىزىقىشىم : كەسپىمنى سۈيمەن .
ئارتۇقچىلىقىم ۋە كەمچىلىكىم : باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللق دەپ بىلىمەن ، باشقىلار بىلەن بەكلا ئاسان چىقىشىپ ئۈتەلەيمەن ، مىجەزىم ئۇچۇق يۇرۇق ، سەل كۈڭۈلچەك باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كىتىمەن . بىر ئىشقا قىزىقسام قانائەتلەنگۈدەك نەتىجىگە ئىرىشمىسەم بولدى قىلمايمەن .
ئاخىردا تورداشلارنىڭ ئانا تۇپراق تور بىكىتىنى تەرەققى قلدۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .