ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  دوستلار كۆۋرۈكى

ئاناتۇپراقتىكى تورداشلارغا (تەنھا بۆرە)

ۋاقتى : 2010-03-15  مەنبەسى : خۇسۇسى قەلەم  يوللىغۇچى : تەنھا بورە 168 كۆرۈلىشى : قېتىم

 ئاناتۇپراقتىكى تورداشلارغا (تەنھا بۆرە)

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا تۇپراق تور بىكىتىنىڭ ئەزىز كۈرۈرمەنلىرى سىلەرگە مەندىن ئوتلۇق سالام

ھەممىڭلار سالامەت بۇلۇڭلار تۇرمۇشۇڭلاردىن كۇلكە .خۇشاللىق ئۇزۇلمىسۇن ھەممىڭلارغا بەخت.

ئامەت يار بولغاي !

نەچچە كۇندىن بىرى ئىشلىرىمنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا تورغا چىقىداغان پۇرسەت بولمىغانتى بۈگۈن كىرىپ قارىسام قايسى كۇنى يوللىغان <<ئەنئەنىمىز مۇنداق ئىدى >>ناملىق ئەسەرگە قارتا ئازراق ئوقوشماسلىق بولغان ئوخشايدۇ .شۇڭا بۇ ئۇقۇشماسلىقنى تۇگۇتۇش مەخسىتىدە بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن 

  مەن ئالدى بىلەن  ئوزەمنى قىسقىچە تونوشتۇرۇپ ئۈتەي

 ئىسمىم: ئابدىمىجىت مەمەت (تەنھا)

مەن بۇ يىل 18 ياش1991-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۇنى گۇما كىلياڭدا تۇغۇلغان

 باشلانغۇچ مەدەنيەت سەۋيىسىگە ئىگە

قىززىقىشىم: كومپىيوتىر تىخنىكىسى .خاككىرلىق بىلىملىرى .يىغىپ ساقلاش

تەنتەربىيە (ۋالبول.پۇتپۇل )

ئارتۇقچىلىقىم .تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق .چىقىشقاق

ئۆچ كۈرىدىغىنىم: يالغانچىلىق ھەسەتخورلۇق .(ئىشقىلىپ باشقىلار ياقتۇرمايدىغان بارلىق ئىشلار)

ئەمدى نەخ گەپنى قىلسام مەن بىر يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارى .كىچىكىمدىن باشلاپ (خەت ساۋادىم

چىققاندىن باشلاپ )كىتاپ ئوقوشقا بەك قىززىقاتتىم .مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن كىتاپ ئوقوشنى

تىخىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم .(كىتاپقا ئامراقلىقىمدىن 2قىتىم مەكتەپ قىرائەتخانىسىغا ئوغىرلىققا

چۈشۈپ ئىككىلى قىتىمدا تۇتۇلۇپ قالدىم .مەكتەپ مۇدىرى كەڭ قورساق ئادەم بولغاچقا <<كىتاپ

ئوغىرسى ئوغىرى ئەمەس بىلىم ئوغىرسى >>دەپ مىنى كەچۇرىۋەتكەن ئىدى )

شۇ سەۋەپتىنمۇ ئىشقىلىپ ھىكايە رومان دىگەندەكلەرنى تىپىۋالسام بىر ئوقوغان پىتى ئاخىرىغا چىقىرپ ئوقومىغىچە بولدى قىلمايمەن (كىتاپقا قاراپ مىڭىپ نەچچە قىتىم دەرەخكە ئۇسسۇپ نەچچە قىتىم يىقىلىپ چۇشۇپ دىگەندەك ھىلىھەممۇ شۇنداق)

ئىكىكى يىل بۇرۇن مۇشۇ نەۋرە ئاكامغا ئەگىشىپ تورغا چىقىشنى ئۈگەندىم .تورغا چىقىش جەريانىدا

دەسلەپ ئۇگەنگىنىم  QQ   بولدى  كىيىنچە QQ  دا تونوشقان بىر دوستۇمنىڭ  تونوشتۇرىشى بىلەن  مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولوپ كىرىدىم .ھەم تۇنجى يازمام <<ئاتا >>ناملىق بىر پارچە شىئىرىم بولدى .بۇ شىئىرىم ئارانلا ئىككى كۇبلىت بولسىمىۇ لىكىن نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى .شۇنداق قىلىپ مەن مۇنبەرگە قىزىقىپ قالدىم .ھەم مۇنبەرگە ماكانلىشىپ قالدىم

كەچۇرۇڭلار يەنى تىمىدىن چەتنىتىۋەتتىم

شۇنىڭدىن كىيىن ئىگىرى كىيىن بولوپ ئانا تۇپراق .سەلكىن .شەبنەم .مىسرانىم .يىگانە ،تەنھا بۆرە .   مۇنبەرلىرگە ئەزا بولوپ ئازدۇر كۆپتۇر بىر نەرسە يوللاپ تۇردۇم (كۆپىنچىسى باشقىلار يازغان ئەسەرلەرنى كوپچىلىككە تونوشتۇرۇش تارقىتىش بولدى )

بەزى ۋاقىتلار دا ياقتۇرغان ھىكايە رومان ۋە باشقا تۇردىكى نادىر ماقاللارنى يىغىپ ساقلاپ قوياتتىم   

شۇ سەۋەپتىن مىنىڭ يىغىپ قويغان  ماقاللىرىمنى توپلام قىلىپ ساقلاپ قويغانتىم . قايسى كۇنى ماتىريال ئىزدەۋاتسام بۇ ماقالە ئۇچراپ قالدى .شۇڭا يوللاپ قوياي دەپ ئەسلىدىكىنى كۈچۈرۈپلا يوللىسام خەت نوسخسى ماس كەلمەي 3كۇن ئەتراپىدا ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تەستە پۇتتۇرپ مىسرانىمدا  ئىلان قىلغانتىم .كىين بۇ مۇنبەرگىمۇ يوللىغان .

ئەسەرنى ساقلىۋالغان ۋاختىمدا ئاپتور بىلەن مەنبەسىنى ئوچورۋەتكەن بولغاچقا نىمە دىيىشنى بىلەلمەي

تومتاق(مەن سەھرالق بولغاچقىمۇ ئىشقىلىپ گەپنى ئەگىتىپ  قىلىشنى بىلمەيمەن)  قىلىپ ساقلىۋالغانلىرىم دەپلا يوللىغانتىم .(لىكىن ئوزەمنىڭ قىلىۋالغىنىم يوق جۇما )

مۇشۇ سەۋەپتىن كىلىپ چىققان بەزى بىر ئوقوشماسلىق سەۋەبىدىن كىلپ چىققان كۆڭولسزلىلەر

بولغان مەن بۇ نىڭدىن كەچۈرۈم سورايمەن

ماڭا پىكىر بىرىپ خاتالىقىمنى تۇزىتىشىمگە يىقىندىن ياردەمدە بولغان تورداشلىرىمغا .مىنى قوللاپ قوۋەتلىگەن تورداشلار .جاپاكەش باشقۇرغۇچلار.تور قۇرغۇچىلىرىغا چىن كوڭلۇمدىن رەھمەت ئىيتىمەن

يەنە بىر گەپنى قۇشۇپ قوياي مىنىڭ تور تەخەللۇسۇم تەنھا بورە168 شۇڭا ئىسمىمنى تولوق نام بىلەن چاقىرىشىڭىزنى تەلەپ قىلمەن .ئىسمىمنى خاتا ياكى كەمتۇك (پۇچۇق)چاقىرماسلىقىڭىزنى ئوموت قىلىمەن .ئەگەر بىلەلمىسىڭىز 孤独狼168نى تەرجىمە قىلىپ يازسىڭىزمۇ بولىدۇ .

 

ئاخىردا ھەممىڭلارنىڭ تىنگە سالامەتلىك ئائىلەڭلارغا خۇشاللاق تىلەيمەن

 

مەنبە :خۇسۇسى قەلەم

تــەھـــرىر:ئوسمان(گــۈلـۈمـسىز)

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق - ئالاقىلىشىش تېلفۇنى :13999939240 _ 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇر1-بىنا 1-كورپۇس 2005-ئىشخانا