/ئېيتىلىشىچە،بۇ مەسەلنى ئادەتتىكى كىشىلەر چۇشەنمەسمىش،پېشىپ يىتىلگەن كىشىلەرلا چۇشىنىدىكەن ،قىنى سىز ئۆزىڭىزنى سىناپ بىقىڭ.
ئاپتاپپەرەس مەلىكە،دەريا بويىدا ئىشەكنى كۆرۇپ قاپتۇ،ئىشەك قارا رەڭدە ئىكەن،بىراق ئىغىزى ،قورسىقى ۋە تۇيىقى ئاق رەڭدە ئىكەن.مەلىكە دەريادىن ئۆتمەكچى بوپتۇ.دەريانىڭ شەرىقىدىكى قەلئەدە ئۇنى ئالماقچى بولغان شاخزادە ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.دەرياچوڭقۇر ھىسابلانمىسىمۇ،ئۇ ئۇچىسىغا ئىنتايىن چىرايلىق توي كۆينىكى كىيىۋالغاچقا،توي كىيمىنىڭ ھۆل بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپتۇ ۋە دەريا بويىدا ئۇنى ئالماقچى بولغان شاخزادىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ.
ئىشەك:‹سىزنى دەريادىن ئۆتكۇزۇپ قويشىمنى خالامسىز؟›
ــ كۆينىكىمنى ھۆل قلىۋەتمەسلىككە كاپالەت بىرەلەمسەن؟
ــ ياق
ــ بولدى ئەمسە، رەخمەت.
ــ ئەگەر ئۇ كەلمىسچۇ؟
ــ ئۇ كەلگۇچە ساقلايمەن.
خىلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە بىرمۇ ئادەم كەلمەپتۇ.مەلىكە قىرغاق بويىدا ئۆزى يالغۇز ئۇھسىنىپ ئولتۇرۇپتۇ.
ــ ياق ،ــ مەلىكە تىخچە رەت قىپتۇ.لىكىن ئىشەكنى كۆڭلىگە كەلتۇرۇپتۇ-دە ئىشەكتىن:
ــ سەن راستىنلا مىنى ئۈستىڭگە مىندۇرۇپ ئۆتكۇزۇشنى خالامسەن؟
ــ سىزچۇ؟ سىز كىمنىڭ ئۆتكۇزىشىنى خالايسىز؟
ــ مەن تەگمەكچى بولغان شاخزادىنىڭ!
ــ مەن سىزنى ئۆتكۇزۇپ قويسام ، كىم بىلىدۇ سىز مىنى سۆيۇپ قويسىڭىزمەن شاخزادىگە ئايلىنامدىم تىخى.
ــ سەن ئۆزۇڭنى پاقا شاخزادە دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟
ــ سىز نىمىشقا دەريادىن ئۆتكۇزۇپ قويۇشۇمغا قوشۇلمايسىز؟
ــ توي كىيىمىمنى ھۆل قىلۋىتىشىڭدىن ئەنسىرەيمەن.
ــ مىنىڭچە ھۆل بولمايدۇ.مەن ھازىر سىزنى دەريادىن ئۆتكۇزۇشنى ئويلاۋاتىمەن.
ــ سىنىڭ گىپىڭگە قانداق ئېشىنىمەن؟سىنڭ دىگەن گىپىڭگە ئېشەنشكە پىتىنالمايمەن.
ــ مىنىڭ دىگەن گپىمگە راستلا ئېشەنمەمسز؟
ــ ئۇنداقتا بوپتۇ، ئۆزىڭزنىڭ ئىختىيارى.
.............
ئاللىقاچان كەچ كىردى.مەلىكە بىلەن ئىشەك بىر بىرىگە گەپ سۆزسىز قارىشىپ تۇردى.كەچنىڭ سوغىقىدىن مەلىكە كۆينىكىگە يۆگىنىۋالدى.
ئىشەك جىمجىتلىقنى بۇزۇپ:ــتوڭلىدىڭىزمۇ؟،ــ سورىدى.
ــ شۇنداق.
ــ ئۇنداقتا مەن سىزنى دەريادىن ئۆتكۇزۇپ قوياي،ئەگەركۆڭلىكىڭىز ھۆل بولۇپ كەتسە مەن سىزگە ئۈچ دانە ئەقلىي نەسىھەت سۆزلەپ بىرىمەن.
ــ مەن ساڭا قانداق رەخمەت ئېيتىمەن؟،ــ سوراپتۇ مەلىكە.
ــ كۆينىكىڭىز ھۆل بولمىسا مىنى ئۆيۇڭگە ئىلىپ كىتىڭ.
مەلىكە شەرتنى قوبۇل قىپتۇ.
مەلىكە ئىشەككە مىنىپتۇ ،ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ئىشەك تۇيۇقسىز:ــئىسىڭىزدە بولسۇن مەن سىزنى يۇدىۋاتقان ۋاقىتتا ھەرگىز يىغلىماڭ،كۆزيىشىڭىزئۇستۇمنى ئىغىرلاشتۇرۋىتىدۇ،ــ دەپتۇ.
مەلىكە قوشۇلۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا يەنە جىكىلەپ مۇنداق دەپتۇ:ــ سەنمۇ كۆڭلىكىمنى ھۆل قىلىۋەتسەڭ شۇ ھامان ئۇستىڭدىن چۇشىۋالىمەن.
ئىشەك دەريا نىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە مەلىكە سوراپتۇ:ــ سەن بۇرۇن مەندىن باشقا قىزلارنى دەريادىن ئۆتكۇزۇپ باققانمۇ؟
ــ ھەئە.
ــ ئۇلارنىڭ كۆينىكى ھۆل بولغانمىتى؟
ــ بىرىنچىسىنڭ ھۆل بولمىغان ،كەينىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسىنڭ ھۆل بولغان.
ــ ئۇنداقتا بىرىنچى قىزچاق سىنى ئۆيىگە ئىلىپ كەتكەنمىدى؟
ــ ياق ،بولمىسا كىىيىن مەن باشقا قىزلارنى يۇدىمىگەن بولاتتىم.
ــ سەن ئۇچىراشقان قىزلار ئاز ئەمەسكەندە؟
ــ سىزنى قوشقاندا 16بولدى.
ــ سەن 30.بولۇپ مىنى دەريادىن ئۆتكۇزگەن ئىشەك ھىسابلىنىسەن،ــدەپتۇ قىز كۈلۇپ تۇرۇپ.
مەلىكە تۇيۇقسىز ئۇنىڭدىن ئۇ دەپ بەرمەكچى بولغان ئەقلى-نەسھەتنى سوراپتۇ.ئىشەك ئۇنىڭغا بىرنچىسنى دەپ بىرىپتۇ:ــ مەيلى قانداق ئوغۇل بالا ياكى قىز بالا بولسۇن ،تۇنجى مۇھەببەتلەشكەندە ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى باشقىلار،كىيىن مۇھەببەتلەشكەندە ياخشى كۆرىدىغىنى دەل ئۆزى بولىدۇ.
ئىشەك توختىماستىن ئالغا ئىلگىرلەپتۇ،مەلىكە ئۇنىڭ ئۇستىدە ئۆزىنى خاتىرجەم ھىس قىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا مەھكەم گىرە ساپتۇ،ئىشەك سوراپتۇ،ــ ئەمدى خاتىرجەم بولدۇڭىزمۇ؟
ــ ھەئە.
ــ ئاخىرغىچە مۇشۇنداق يۇدۇپ ئۆتسەم دەيمەن،ــدەپتۇ ئۇ ئۇھسىنىپ.
شۇنداق قىلىپ مەلىكە ئاستا ئاستا ئۇيقىغا كىتىپتۇ ،ئۇچۇشىدە ئىشەكنى سۆيۇپ قويغان ئىكەن،ئىشەك شاخزادىگە ئايلىنىپتۇ،ئۇلار بىرلىكتە خۇشال تۇرمۇش كەچۇرۇپتۇ.ئۇ ئويغىنپ قارىغاندا كۆينىكى ھۆل بولماپتۇ ، ئۇخوشاللىقىدىن ئىشەكنى سۆيۇپ قويۇپتۇ.ئىشەك شاخزادىگە ئايلىنىپتىمۇ؟
ياق ، ھىكايە دىگەن يەنىلا ھىكايە،ئىشەك قانداقمۇ شاخزادە بولالىسۇن؟ئۇنىڭ شاخزادىسى قارشى قىرغاقتا ئۇنىڭ كىلىشىنى كۇتۇپ ئولتۇرماقتا.
قارشى قىرغاققا كىلەي دىگەندە مەلىكە قەلئەنى كۆرۇپ چوڭقۇر خىيالغا چۆكۇپتۇ، ئۇ خىيالىدا شاخزادىسىنى باشقا قىز بىلەن كۆرۇپ ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلاپتۇ. كۆز يىشى ئىشەكنىڭ دۇمبىسىگە ئىقىپ چۇشۇپتۇ. ئىشەك شۇ ھامان تۇيقىنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ ھاڭراپ كىتىپتۇ،سۇدىن چاچرىغان بۇژغۇن مەلىكىنڭ كۆينىكىنى ھۆل قىلىۋىتپتۇ. مەلىكە:ــ نىمە ئۇچۇن؟،ــ سوراپتۇ.
ــ مەن سىزگە دىگەن ئىدىمغۇ؟ــ،جاۋاپ بىرىپتۇ ئىشەك ھىچ بىر ئىپادىسزلا.
مەلىكە ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى ئىسىگە ئاپتۇ ۋە ئىشەكنىڭ دۇمبىسىدىن سىيرىلىپ چۇشۇپ ئۆزى قىرغاققا قاراپ مىڭىپتۇ .ئىشەك ئۇنىڭغا ھىچقانداق چۇشەنچە بەرمەستىن،كەينىگە يىنپ قىرغاقتا بىرسىنىڭ ئۆتكۇزۇپ قويىشىنى ساقلاپ تۇرغان باشقا قىزنىڭ قىشىغا كىتىپتۇ.ئۇ قىزمۇ شۇنداق چىرايلىق بولۇپ ئۇنىڭ ئۇچىسىدىمۇ توي كىيىمى بارئىكەن .
ــ مۇھەببەت بولسا بىردىن بىر ،بىراق باشقىلارنى سۆيۇش بىردىن بىر ئەمەس.،ــ دەپتۇ ئىشەك تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرلۇپ،ــ بۇ مەن سىزگە دەپ بەرمەكچى بولغان ئىككىنچى ئەقلى نەسىھەت.
مەلىكە ياش تۆككىنىچە قىرغاققا قاراپ مىڭىپتۇ ،قىرغاققا كەلگەندە ئۇنىڭ كىيىمى پۇتۇنلەي ھۆل بولۇپ بولغان ئىكەن. ئۇ روھسىزلانغان ھالدا قىرغاق بويىدا ئولتۇرۇپتۇ.بۇۋاقىتتا بىر توشقان يۈگىرەپ كىلىپ مەلىكىنڭ قۇچىقىغا چىقىۋاپتۇ ،ۋە ئۇنىڭغا:ــ مەلىكەم توڭلاپ كىتپسىز،مەن سىزنى ئۆز ھارارىتىم بىلەن ئىسستىپ قوياي،ــ دەپتۇ.مەلىكە ئازىراق بولسىمۇ ئىللىقلىق ھىس قىپتۇ .ئۇ قارشى قىرغاقتا باشقا قىزنى مىندۇرۇپ كىلىۋاتقان ئىشەككە قاراپ ،ــ ماڭا ئۇچىنچى ھىكمەتنى سۆزلەپ بەرمەمسەن؟ــ دەپ سوراپتۇ.
ئىشەك مۇنداق دەپتۇ :مەن پەقەت ئۆزۇمنىڭ مۇھەببىتىنى سۆيىمەن.
قانداق بۇ مەاسھەلنى چۇشەندىڭزمۇ؟ئەمىليەتتە ھەممە كىشى بۇيەردىكى ئۇچ پۇرسىناژنىڭ رولىنى ئويناپ باققان.سىز بەلكىم باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە قەلئەدىكى شاخزادە بولۇپ مەڭگۇئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇ ئارمان بولۇپ قىلىشىڭز،ۋە بەلكىم ئىشەككە ئوخشاش ئۆزمۇھەببىتىڭز ئۇچۇن كۆپ جاپا تارتىپ كۆڭۇلدىكىدەك جاۋاپقا ئىرشەلمەسلىكىڭز،توشقانغا ئوخشاش پەقەت بىر ۋاقىتلىق ئىللىققلىق يەتكۇزىدىغان ۋاستە بولۇپ قىلىشىڭز،يەنە تىخى نادان مەلىكە بولۇپ قىلىشىڭزمۇمكىن.