ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  دىنى بىلىملەر

بۇ بىر ئائىلە كىشلىرنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق مۇناسىۋەت

ۋاقتى : 2012-02-19  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 

بىر كىشى بولغان ئىكەن ،ئۇكىشى بىر كۈنى ئۆلىۋالماقچى بوپتۇ.ياشانغان بىر ئادەم ئۇنى توسۇپ:  
-نىمىشقا ئۆلىۋالماقچى بولىسەن دەپ سوراپتۇ  
-ئۆيۈمدە ئېغىر ئائىلە قىيىنچىلىقى بار ،شۇڭا ئۆلىۋالماقچىمەن؛  
-ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق بولمايدۇ،دىگىنە نىمە قىيىنچىلىق ئۇ؟ 
-مەن بىر تۇل خوتۇننى ئالغان،ئۇنىڭ بىر قىزى بار ئىدى،دادام ئايالىمىنىڭ قىزىنى كۆرۈپ ،ئۇنى ئالىمەن دەپ تۇرىۋالدى ھەم دادام ئايالىمنىڭ قىزىنى(مىنىڭ ئۆگەي قىزىمىنى) نىكاھىغا ئالدى، شۇنىڭ بىلەن دادام قىزىمنىڭ ئىرى بولۇپ قالدى.مەن بولسام دادامنىڭ قىينى ئاتىسى بولۇپ قالدىم.
 كىيىن ئايالىم بىر بالا تۇغدى ، بۇبالا ئۆز نۆۋىتىدە دادامنىڭ نەۋرىسى شۇنداقلا بالام دادامنىڭ ئايالىنىڭ(مىنىڭ ئۆگەي قىزىمنىڭ)  ئىنىسى بولۇپ قالدى ، ئەسلى ئۇ مىنىڭ تاغام بولىشى كېرەك ئىدى .ئۇنى ئوغلۇم دېسەممۇ،تاغام دېسەممۇ بولىدىغان بولۇپ قالدى.
دادامنىڭ ئايالى(مىنىڭ ئۆگەي قىزىمنىڭ) بىر بالا تۇغقاندىن كىيىن،ئۇ بالا مىنىڭ دادا بىر ئانا باشقا ئىنىم بولدى ھەم يەنە نەۋرەم بولدى،چۈنكى ئۇ ئايالىمنىڭ ئۆز قىزىدىن بولغان نەۋرىسدە!
ئايالىم ئىنىم (مىنىڭ دادا بىر ئانا باشقا ئىنىم) نىڭ چوڭ ئاپىسى بولغاندىن كىيىن، ئايالىم مىنىڭمۇ چوڭ ئاپام بولدى،شۇڭا مەن ھەم ئايالىمنىڭ نەۋرىسى بولۇپ قالدىم. مەن ئايالىمنىڭ ئىرى ھەم نەۋرىسى بولدۇم،چۈنكى ئۇ مىنىڭ ئىنىمنىڭ چوڭ ئاپىسى دە! شۇڭلاشقا مەن ئىنىم(مىنىڭ دادا بىر ئانا باشقا ئىنىم)نىڭ چوڭ دادىسى بولدۇم؛  
شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزۈمنىڭ چوڭ دادىسى ۋە نەۋرىسى بولۇپ قالدىم.   گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ياشانغان بوۋاي ئۇنى سۆزدىن توختىتىپ  
ئاللاھ ، ساڭا ۋە داداڭغا لەنەت قىلسۇن! ھىلىمۇ چىداپ ياشاپسەن، سىنىڭ قىلغان سۆزىڭنى ئاڭلاپ مەنمۇ ساراڭ بولدۇم.سەندەك  ساراڭ بولۇپ ياشىغىچە مەنمۇ سەن بىلەن بىرگە ئۆلۈپلا تۈگىشەي.
تورداشلار قىنى قايسىڭلار بۇ بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلالايسىلەر.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا