نامازنىڭ ۋاختى توغرىسىدا
پېشىننىڭ ۋاختى كۈن قايرىلىشى بىلەن كىرىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
كۈن كىرىشىلا شام نامازنىڭ ۋاختى كىرىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
بامداتنىڭ ۋاختى، سۈبھى يورىسىلا بۇلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
كىم بامداتنى سۈبھىدىن كېيىن، كۈن چىقىشىدىن بۇرۇن ئۇقۇسا، ۋاختىدا ئۇقۇغان بۇلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
ئاراپاتتا ۋوقوف قىلغاندا، پىشىن بىلەن ئەسىرنى، نەھرى كېچىسى يەنى قۇربانلىق كېچىسى شام بىلەن خۇپتەننى جۈپلەپ ئۇقۇسا بۇلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
ئەزاننى قىبلىگە قاراپ ئېيتىش سۈننەت دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
مۇئەززىن، ئەزاننى ئۆرە تۇرۇپ توۋلايدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى. ئەبۇ سەۋرى دىگەن ئالىم، ئىللەت بولسا، ئولتۇرۇپ توۋلىسىمۇ بۇلىدۇ دەپ ئايرىلىۋالدى.
بامداتتىن باشقا نامازلارغا ۋاختى كىرگەندىن كېيىن ئەزان توۋلىنىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى، بامداتتا دۇرۇس.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەمەللەر نىيەت بىلەن بۇلىدۇ دىگەن ھەدىسكە ئاساسەن، ناماز چۇقۇم نىيەت بىلەن بۇلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى. لېكىن، نىيەتنى تىلىدا دىيشنى شەيىخ ئۇسەيمىيىن، ئەلبانىيلار بىدئەت دىگەن.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ، نامازنى باشلىغاندا ئىككى قۇلىنى كۆتۈرگىنىگە ساھابىلار، تابىئىنلار، ئەھلى ئىلىم ئىجمائقا كەلدى، بۇنىڭ ھەدىسى مۇتىۋاتىردۇر.
كىم نامازغا، تەكبىر بىلەن ئىھرام باغلاپ، قول باغلاپ تۇرسا، ئۇ ناماز ئىچىگە كىرگەن بۇلىدۇ، بۇزسا قازاسىنى قىلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
نامازنى ئۇقۇپ بۇلۇپ، بىر يانغىلا سالام بېرىۋەتسە، نامىزى دۇرۇس، ئۇ نامازدىن چىققان بۇلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى، ئىككى يانغا سالام بەرسە تېخىمۇ ئوبدان بۇلىدۇ.
كىم نامازدا قەستەن سۆز قىلسا، نامىزى پاسىد بۇلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
ناماز ئۇقۇۋېتىپ، يېمەك - ئىچمەكتىن چەكلىنىدۇ، يىسە، ئىچسە ناماز بۇزۇلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
كىم قەستەن سۆز قىلسا، يەپ - ئىچسە، يەنى ناماز ئىچىدە، ئۇ، بۇ نامازنى قايتا ئۇقۇپ قازاسىنى قىلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
ناماز ئىچىدە كۈلۈش، نامازنى پاسىد قىلىپ، بۇزىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ناماز ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۈستىگە سەۋەنلىك قىلىپ سالسىمۇ سەجدە سەھۋە كەلمەيدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى، مەكھۇل رەھمەھۇللا، ئەگەر ئۇ نامازغا كېيىن كېلىپ، ئۆزى مۇستەقىل ئۇقۇغان نامازدا سەۋەنلىك قىلسا، سەجدە قىلىدۇ دېدى.
ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشى ساق ئوقىسىمۇ، سەۋەنلىك قىلمىسىمۇ ئىمام سەۋەنلىك قىلسا، ئىمام بىلەن تەڭ سەجدە قىلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالىلار ئۈستىگە جۈمئە ناماز پەرىز ئەمەس، دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى، لېكىن، قاتناشتۇرۇپ كۆندۈرسە ياخشى.
ئاياللار ئۈستىگە جۈمئە نامىزى پەرىز ئەمەس، دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى، بۇ ئىشلار ھەدىستىمۇ باردۇر.
ئەگەر ئاياللار جۈمئەگە ياكى باشقا نامازلارغا ھازىر بولۇپ، ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ، جامائەت بىلەن ئۇقۇسا، پىتنە بولمىسا دۇرۇس دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى، بۇلۇپمۇ مەسجىدى ئايرىم بولسا، يەنى ئەرلەر مەسجىدكە يېقىن ياكى ئۈستىدە بۇلۇپ، تەگبىرنى لابا بىلەن ئاڭلايدۇ.
جۈمە نامىزى ئۆزرىسى يوق، مۇقىم تۇرغان، بالاغەتكە يەتكەن ھۆر كىشىگە پەرىز دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
شۇنداقلا، جۈمە نامىزى ئىككى رەكئەت ئۇقۇلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
كىم جۈمە نامىزىنى ئۇقۇيالمىسا ياكى ئۈلگىرەلمىسە، ئۇنتۇپ قالسا، بۇ كىشى تۆت رەكئەت ناماز ئۇقۇيدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
شەرىتلىرى تۇلۇق بولغان، كۆزى ئەما، كور كىشىنىڭ ئىمام بۇلۇشى ساق كىشىدەك دۇرۇس دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى، ئەنەس ئىبنى مالىك بىلەن ئىبنى ئابباس رە ئايرىلىۋالدى...
ھەج، جىھاد، ئىلىم ئۈچۈن بولغان سەپەرلەر قەسىر قىلىشقا تىگىشلىك مۇساپىدە بولسا، پىشىن، ئەسىر، خۇپتەننى ئىككى رەكئەت ئۇقۇپ قەسىر قىلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
بامدات نامىزى بىلەن شام نامىزىدا قەسىر قىلمايدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
مەككىدىن مەدىنىدەك جايغا سەپەر قىلسا، نامازنى قەسىر قىلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى، 80 -90 كىلومېتىر دىگىنى فىقھى كىتابىدا بار.
قەسىر قىلماقچى بولغان كىشى يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئۆزى تۇرغان يۇرتنىڭ بارلىق ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپلا قەسىر قىلسا بۇلىدۇ. يەنى زاۋالدىن كېيىن، قەسىر قىلىشقا تېگىشلىك سەپەرگە ماڭسا، پىشىن ۋاقتى چىقىپ كەتكىچە ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ بولسا، قەسىر قىلىشقا باشلىسا بۇلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى، بۇ چېگرا ئايرىش مەسىلىسى.
مۇقىم تۇرغان ئادەم، مۇساپىرغا ئىقتىدا قىلىپ سالسا، مۇساپىر ئىككى رەكئەت ئۇقۇپلا سالام بىرىۋەتسە، قالغان ئىككى رەكئەتنى مۇقىم كىشى ئۆزى تاماملاپ ئۇقۇۋالىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
پەرىز نامازنىمۇ ئۆرە، قىيامدا تۇرۇپ ئۇقۇشقا قادىر بولالمىغان كىشى ئولتۇرۇپ ئۇقۇسا بۇلىدۇ، بۇ كىشىدىن قادىر بۇلالمىغاچقا قىيام ساقىت بۇلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
قادىر بولالىغان كىشىگە سەجدە قىلمىسا، ناماز ئادا تاپمايدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
ھەيزىدار ئايال، ھەيز كۆرۈۋاتقان كۈنلەردە ناماز ئۇقۇمايدۇ ھەم قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ، يەنىشۇ كۈننىڭلام، دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
رامىزان ئىيىدا ھەيزىدار ئايال روزا تۇتماي تۇرۇپ، كېيىن قازاسىنى قىلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى، ھەدىستىمۇ شۇنداق بار.
قىز بالا ھەيز كۆرسە، كېسەل بولسا، يەنى ئاياللار كېسىلى بۇلۇپ، بالاغەتكە يەتسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىق پەرىزلەر ۋاجىپ بۇلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
مۇقىم تۇرغاندا ئۇنتۇپ قالغان ناماز مۇساپىر ھالدا سەپەر قىلغاندا ئىسىگە كەلسە، مۇقىمغا ئۇخشاش قەسىر قىلماستىن تۇلۇق ئۇقۇلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
مەس كىشى نامىزىنى قايتا ئۇقۇپ قازاسىنى قىلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.
باشقىلار ئىزدەۋاتقان، قېچىۋاتقان كىشى ھايۋان ئۈستىدە (ياكى ھازىر قاتناش قۇرالى) ئۈستىدە ناماز ئۇقۇسا بۇلىدۇ دىگەنگە ئىجمائقا كەلدى.