ئەسلىيە خەت نۇسخىسى
ئەسلىيە خەت نۇسخىسى
ئەسلىيە خەت نۇسخىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ ، قېلىپلاشقان ئەنئەنىۋى نۇسخىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ‹‹ئەسلىيە›› دېگەن بۇ سۆز ، مەركىزىي سىزىق ، ئاساسىي سىزىق دېگەندەك لوغەت مەنىلىرىگە ئىگە . ئەسلىيە خەت نۇسخىسى توغرا سىزىقنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا يېزىلىدىغان بولغاچقا كۆركەم ، سېمىز كۆرۈنىدۇ . قىسقا ئورۇنغا ئۇزۇن جۈملىلەرنى سىغداپ يېزىشقا توغرا كەلگەندە ، خەتلەر كۆپىنچە ئىنچىكە ، ئېگىز بولۇپ كۆركەم كۆرۈنمەيدۇ ، شۇنداقلا كىشىلەرنى جەلىپ قىلالمايدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا خەتنى ئەسلىيە خەت نۇسخىسىدا يازسا ، ھۆسنىخەت يىراقتىن قارىغاندىمۇ كۆركەم ، چىرايلىق ھەمدە جەلىپ قىلىش كۈچى يۇقىرى بولىدۇ .