ياش خەتتات شېرىنگۈل يۇنۇس ئەسەرلىرىدىن تاللانما


ياش خەتتات شېرىنگۈل يۇنۇس ئەسەرلىرىدىن تاللانما

شېرىنگۈل يۇنۇس 1989-يىلى 12-ئايدا قومۇل شەھەرلىك پالۋانتۇر يېزا دۆربەجىن يوقىرى مەھەللە كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى قومۇلدا تاماملاپ،2006-يىلى بېيجىڭ چاڭپىڭ 2-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن.2010-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شەرقى شىمال ئورمانچىلىق ئىنىستىتوتىنىڭ باغۋەنچىلىك فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ،2014-يىلى 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قومۇلغا قايتىپ كەلگەن
شېرىنگۈل ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى تەربىيەسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنجان ئىسھاقنىڭ تەسىرىدە، كىچىكىدىنلا خەتتاتلىققا ۋە رەسىم سىزىشقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ،2003-يىلى تەتىل مەزگىلىدە ئۇستازى ئەسەت مۇھەممەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەتتاتلىقنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تىكلىگەن.قومۇلدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بىر قانچە پارچە ھۆسىنخەت ئەسىرى ئاپتۇنوم رايون، ۋىلايەتلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن،تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنمۇ خەتتاتلىققا بولغان قىزىقىشى قىلچە سۇسلاپ قالمىغان.2013-يىلىدىن باشلاپ،ئېنتىرنىت تورىدا بىر قىسىم ياش خەتتاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خەتتاتلىققا بولغان بىلىمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان.خەت مەشىقىنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەرنى ئىشلەپ چىققان.2014-يىلى 3-ئايدا ئۇنىڭ بىر قىسىم ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى تۇنجى قېتىم بايقاش ئۈندىدار سالونى خەتتاتلار مەخسۇس سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنىپ، كەڭ تورداشلارنىڭ شۇنداقلا خەتتات ئۇستازلارنىڭ يوقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.شېرىنگۈل ھازىر ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ خەتتاتلىق كۇرسى ئېچىپ، خەتتاتلىققا قىزىقىدىغان بالىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلمەكتە.













    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ

    ئاۋات مەزمۇنلار

    二维码