نەسخى خەت نۇسخىسى
نەسخى خەت نۇسخىسى
نەسخى خەت نۇسخىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا تۈز خەت نۇسخىسى بىلەن ئارىلاش قوللىنىلماقتا . بۇ ئىككى نۇسخىنى ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ئايرىم–ئايرىم تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە نەسخى خەت نۇسخىسى ئۈستىدە ئايرىم توختىلىمىز .
‹‹نەسخ›› كۆچۈرۈپ يېزىش ، قايتا يېزىش ، ئۇششاق خەت دېگەندەك لۇغەت مەنىلىرىگە ئىگە . نەسخى خەت نۇسخىسى 6–ئەسىرنىڭ ئاخىرى 7–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۇفى خەت نۇسخىسىنىڭ ئورنىنى دەسسەپ ئىجاد قىلىنغان چىرايلىق ھەم سىلىق ، يېزىشقا قۇلايلىق ، ئوقۇشقا ئوڭاي نۇسخا بولۇپ ، ھەرىپلىرى قىرسىز ، تولۇق ، ئوچۇق ، تەكشى ھەم ئەركىن ، دانە–دانە يېزىلىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە . بۇ نۇسخىدا ھەرىپلەر ئاساسىي جەھەتتىن تۈز سىزىقنى بويلاپ يېزىلىدۇ . ھەرپ قۇرۇلمىلىرى تۈز سىزىققا ئۆلۈك ھالدا زورمۇ زور بەنىت قىلىنماستىن ، مەلۇم دەرىجىدە ئەۋرىشىملىكنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ . نەسخى خەت نۇسخىسى ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن خەلقئارادا پۈتكۈل مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ . قوليازمىلىرىمۇ ناھايىتى تەكشى ، چىرايلىق . بۇ نۇسخىدا مەلۇم جەھەتلەردە سۇلۇس ۋە رۇقئى نۇسخىسىنىڭ ئالامەتلىرى بولۇپ ، سۇلۇس ۋە رۇقئى ، تۈز خەت نۇسخىلىرىمۇ نەسخى خەت نۇسخىسىدىن ئىلھام ئېلىپ ئىجاد قىلىنغان . نەسخى خەت نۇسخىسىنىڭ خېلى كۆپ ۋارىيانىتلىرى بار .