بالىلارغا دائىم ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنى تونۇشنى ئۆگىتىش ۋاقتى
ۋاقتى: 2016-07-11
ئاۋاتلىقى: 641 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالىلارغا دائىم ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنى تونۇشنى ئۆگىتىش ۋاقتى
بالىلارغا دائىم ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنى تۇنۇشنى بالدۇر ئۆگىتىش بالدۇر باشلىنىشى لازىم. ئالتە ئايلىق بولغاندا بوۋاققا چىش
چىقىدۇ، يېمەكلىكلەرنى چايناشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ پىچىنە، بولكا، بانان، ئالما قاتارلىقلارنى ئۆزى ئېلىپ يېيەلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا چوڭلار ئۇنىڭغا يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسمىنى ئۆگەتسە ئاسان ئۆگىنىۋالالايدۇ . ئەلۋەتتە سۈت بولسا بوۋاق ئەڭ كۆپ يەيدىغان يېمەكلىك، چوڭلار دائىم دېسە بوۋاقمۇ ئېسىدە تۇتىۋالالايدۇ. ئالتە ئايدىن كېيىن بوۋاقنىڭ نەرسىلەرنى ئېسىدە تۇتۇشى تېزلىشىدۇ، بۇ بوۋاقنىڭ يىلىك غىلىپىنىڭ شەكىللىنىشى تېزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر بۇۋاقىتتا چوڭلار بوۋاققا ئۆگىنىش ئېڭىنى سىڭدۈرمىسە، سىرتقى مۇھىتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولمىسا، بوۋاقنىڭ نېرۋا تالا تورىنىڭ شەكىللىنىشى نىسبەتەن توختاپ قالىدۇ، ئائىلە باشلىقلىرى ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويماسلىقى كېرەك!