بوۋاقلار بىخەتەرلىك پەرۋىشى
يانفوندا كۆرۈش
ئۇزاق ئولتۇرغۇزماسلىق
بوۋاقلار ئۇستىخىنىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى، يۇمران بولۇپ، ئاسان سۇنمايدۇ، ئەمما شەكلى ئاسان ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بوغۇم ۋە پەي-سىڭىرلىرىمۇ ئاجىز بولغانلىقتىن ئۈنۈملۈك تىرەش رولىنى ئۆتىيەلمەيدۇ، بۇ ئەھۋال راخت كېسىلى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلاردا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. شۇڭا ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئولتۇرۇش ئومۇرتقىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش ھەتتا سوڭى چىقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن.
يۈكۈنۈپ ئولتۇرغۇزماسلىق
بوۋاقنى يۈكۈندۈرۈپ ئولتۇرغۇزغاندا پۇت قىسمىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەڭ ياخشى ھالەت پۇتنى ئالدىغا ئېلىپ ئولتۇرغۇزۇشتۇر.
كارىۋاتتا ئولتۇرغۇزغاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش
بولۇپمۇ بوۋاق مۇقىم ئولتۇرالمايدىغان ۋاقىتتا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، يۇمىلاپ ياكى چۈشۈپ كېتىپ باش قىسمىنىڭ ئېغىر زەخىمگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر. ئەڭ ياخشىسى بوۋاق ئولتۇرغاندا يېنىدىن ئايرىلماسلىق، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئادەتتە كارىۋات رىشاتكىسىنى بېكىتىپ قويۇپ، ئويۇنچۇقلار ئارقىلىق بوۋاقنى جەلپ قىلىپ ئولتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە بولىدۇ.