ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قىشلىق كۈتۈنۈشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

قىشلىق كۈتۈنۈشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ۋاقتى: 2016-07-16 ئاۋاتلىقى: 567 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېمەك-ئىچمەك 
كونىلار ئېيتقاندەك «دورا بىلەن تولۇقلىغاندىن كۆرە، يېمەكلىك بىلەن قۇۋۋەت تۇلۇقلىغان تۈزۈك.» شۇڭا قىشتا كۈتۈنۈشتە يېمەكلىك بىلەن قۇۋۋەت تولۇقلاش تولىمۇ مۇھىم. قىشتا تەركىبىدە شېكەر، ياغ، ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. قىشتا ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئادەم بەدىنىنىڭ سوغۇقتا خوراتقان ئىسسىقلىقنى ساقلىشى ئۈچۈن، چوقۇم كۆكتات، قارا گۆش، بېلىق ۋە ئاقسىل تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئستېمال قىلىپ، تېخىمۇ كۆپلەپ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىپ ئورگانىزىمنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، كاربون سۇ بىرىكمىسى، كالتىسىي، فوسفور ۋە تۆمۈرگە ئوخشىش مىنرال ماددىلار كۆپ نولۇپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، قان تولۇقلاش ۋە ئىسىقلىق ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە. قىشتا ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئستېمال قىلىش كېرەك. 
قىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى كۆپ قوزغىلىدۇ، سۇڭا بۇ ۋاقىتتا ساماۋەر شورپىسىغا ئوخشاش ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستىمال قىلىش، سۇيۇق ھەم چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش، مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ ئىچىش ئارقىلىق قان-تومۇرلارنى يۇمشىتىپ، يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 
بۇندىن باشقا، سوغۇق ھاۋارايى ئادەمنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىچىك تەرەتنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، سۈيدۈك بىلەن تەڭ چىقىپ كېتىدىغان ئانئورگانىك تۇزنىڭ مىقدارىمۇ ئاشىدۇ، شۇڭا تەركىبىدە كالىي، ناترىي، كالتىسىي قاتارلىق ئانئورگانىك تۇز مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك.



يېتىپ-قوپۇش
قىش پەسلىدە يېتىپ-قوپۇشتىكى كۈتۈنۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىپ، بالدۇر ئۇخلاش بىلەن بىلەن بىرگە، سەھەردە بەك بالدۇر ئويغۇنىشتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ ياشانغانلار قۇياش كۆتۈرۈلگەندە ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك.
كىيىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، بەك قېلىن ياكى بەك نېپىز كىيىنىشتىن ساقلىنىش، ئامال بار زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. يېلىڭ كىيىنسىڭىز، ئىشخانا سوغۇق بولسا ئاسانلا زۇكامداپ قالىسىز، ئەكسىچە بەك قېلىن كىيىنىۋالسىڭىزمۇ سالامەتلىككە پايدىسىز.


چېنىقىش
قىش پەسلىدە چېنىقىش كەم بولسا بولمايدۇ، مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىش ئادەم بەدىنىنىڭ ئممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. قىشتا ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئادەمنىڭ پۇت قولى ئاسانلا توڭلاپ قالىدۇ، چېنىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم بەدەننى قىزىتىش كېرەك، بۇ تەرىپى ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن، پۇت-قوللارنى سوزۇش، ئاستا يۈگۈرۈش، يېنىك سايمانلاردا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، بەدەندىن تەر چىققاندىن كېيىن، ئاندىن كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا بولىدۇ. چېنىقىپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ، سوغۇق ئۆتۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇندىن باشقا، يۈرەك قان-تومۇر كېسىلى بارلار ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك، قۇياش نۇرى يېتەرلىك چۈشكەن ۋاقىتتا سۇغۇقتىن ساقلانغان ھالەتتە چېنىقىش كېرەك.

روھىي ھالەت 
قىشتا ئادەمنىڭ مېتابولىزمى نىسبەتەن ئاستا ھالەتتە بولىدۇ، شۇڭا كۈتۈنۈشكە تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. قىشتا بولۇپمۇ روھىي جەھەتتىكى تىنچلىق ھەممىدىن مۇھىم بولغاچقا، كۆپرەك ئاپتاوقا قاقلىنىش لازىم، چۈنكى قۇياش نۇرىدا ھەم كالتىسىي تولۇقلىغىلى ھەم كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. نورمال پىسخىك ھالەتنى ساقلاپ، كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يولۇققاندا مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ناچار كەيپىياتنىڭ ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى