تۇغۇت ئالدىدىكى ئانىنىڭ سومكىسى
ۋاقتى: 2016-06-30
ئاۋاتلىقى: 814 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كىيىم- كېچەك ــــــ ئىككى قۇر ئالدى تۈگمىلىك ئۇزۇن يەڭ مايكا (ئالدى تۈگمىلىك بولغاندا ئېمىتىشكە قولايلىق بولىدۇ)؛ ئەرەنچە تەنتەربىيە پايپىقىدىن ئىككى جۈپ (بۇ خىلدىكى پايپاقنىڭ قونچى ئۇزۇن بولۇپ، ئىسسىق ساقلاشقا پايدىلىق)؛ يۇمشاق ساپما كەشتىن بىر جۈپ، ئېمىتىشكە قولايلىق باغىرتاقتىن تۆت قۇر، يۇيۇشقا بولىدىغان سۈت ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان كۆكسى تەگىلىكىدىن ئۈچ دانە، بىر قېتىملىق سۈت ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان سۈمۈرۈشچان كۆكسى تەگلىكىدىن 20-30 دانە؛ تۇغۇتتىكى ئاياللار ئىشلىتىدىغان ئېيىل (تېڭىق)، بىر قېتىملىق قەغەز ئىچ كىيىمدىن ئون دانە، كېچىلىك ئۇزارتىلغان ھەيز قەغىزىدىن ئەللىك تال، سۈت سۈمۈرگۈچ، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن كىيىدىغان پوسما، پەلەي ۋە باشقا كىيىم-كېچەكلەر.
تازىلىق بويۇملىرى ــــــ يۈرۈشلۈك شەخسىي تازىلىق بويۇملىرى (يۈز سوپۇنى، ئەتىر سوپۇن، يۇمشاق قىللىق چىش چوتكىسى، چىش پاستىسى، ياغاچ تارغاق، ئېغىز چايقايدىغان سۇ قاتارلىقلار)؛ داس، كىر سوپۇن، سوپۇن پاراشوكى، مۇنچا لۆڭگىسى، لۆڭگە، قۇرۇق ۋە ھۆل قەغەر.
قاچا- قۇچا، يېمەكلىك ــــــ تاماق قاچىسى، ئىستاكان، پىپېتكا، قارا شېكەر، سۈت پاراشوكى.
تۇغۇت ئۈستىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن ــــــ شاكىلات، ھەمدە تىڭشىغۇچ.
باشقىلار ــــــ داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسى، ئىناۋەتلىك كارتۇچكا، دوختۇرخانىدا يېتىش زاكالەت پۇلى، يانفون، رەسىم ئاپپاراتى، پىليونكا، باتارىيە.