ھامىلدار بولۇپ سەككىز ئاي بولغاندىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ پەرۋىش بىلىملىرى
ۋاقتى: 2016-03-09
ئاۋاتلىقى: 789 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلدار بولۇپ سەككىز ئاي بولغاندىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ پەرۋىش بىلىملىرى
●پەرۋىش كۆرسەتمىسى
ھامىلدار بولۇپ سەككىز ئاي بولغاندا، بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ھامىلدار ئايالنڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال ئولتۇرۇپ قوپۇش قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
●يۈرۈش- تۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
①پەلەمپەيدىن چىققاندا، پەلەمپەي رىشاتكىسغا تايىنىپ پۇتقا چۈشىدىغان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.
②پەلەمپەيدىن چۈشكەن ۋاقىتتا پەلەمپەي رىشاتكىسىنى چىڭ تۇتۇپ، بەدەننىڭ ئالدىغا مۈدۈرۈپ كېتىشى ۋە يىقىلىپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
③تۈز يولدا ماڭغاندا بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قەددىنى تىك تۇتۇپ، بوينىنى سوزۇپ، ساغرىسىنى يىغىپ، پۈتۈن بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، ئاستا مېڭىش لازىم.
●بالدۇر تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
بالدۇر تۇغۇلۇش بولسا، ھامىلدار بولۇپ 37-ھەپتىدىن بۇرۇن يەڭگىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تولۇق يېتىلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قورساق قىسمىنى غىدىقلىماسلىق لازىم؛ قاتتىق ئىچى سۈرۈشمۇ بالدۇر تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالدۇر تۇغۇلۇشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنى توختىتىش لازىم. روھىي جەھەتتە خۇشال ھالەتنى ساقلاش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ھېرىپ-چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك.