ھامىلدار ئاياللار بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېزسۈرئەتتە ئېشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى
ۋاقتى: 2014-06-02
ئاۋاتلىقى: 556 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلدار ئاياللار بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېزسۈرئەتتە ئېشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى
1.ھامىلىنىڭ ئوزۇقلۇقىدىن ئەنسىرەپ، «بىر ئادەم يەپ، ئىككى ئادەم تولۇقلاش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن ھامىلدارلىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈش
نۇرغۇن ھامىلدار ئانىلار ھامىلىگە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، بىر ۋاق تاماقنى زىيادە كۆپ يېۋىلىشنى دىمەيلا قويايلى، قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنىمۇ ئۆزى بىلگەنچە كۆپ-مىقداردا ئىستېمال قىلىدۇ،ئەمەلىيەتتە، بۇ توغرا ئەمەس.يېمەكلىك ئاز-كۆپ يېيىشتە ئەمەس، بەلكى توغرا ئىستېمال قىلىشتا.
2.بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنمەي، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا ئېتىبارسىز قاراش.
بەزى ھامىلدار ئانىلار بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنى ھېچقانداق چوڭ ئىش ئەمەس، زىيادە سەمىرىپ كېتىشمۇ ھامىلىگە تەسىر قىلمايدۇ دەپ قارىغاچقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە –سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زىيادە ئورۇق ھامىلدار ئانىلار ئاسانلا ھامىلدارلىقتىن ئىلگىرىكى ھالەتكە قايتىشنى ئۇنچە يامان ئىش ئەمەس دەپ قارايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتا.
3.كۆپ ئۇخلاش، ھەرىكەت ئاز بولۇش.
ھورموننىڭ تەسىرىدىن، ھامىلدار ئاياللاردا كۆپ ئۇخلاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭغا ئائىلىدىكىلەرنىڭ زىيادە ئەتىۋارلىشى قوشۇلۇپ، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشى ئازايغاچقا، ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتىمۇ ئازىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4.بەدەن ئېغىرلىقىنى قانداق كونترول قىلىشىنى بىلمەسلىك.
بىر قىسىم ھامىلدار ئانلار ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىلىدۇ، بىراق ئۇلار يېسىلا سەمىرىدىغان تىپتىكىلەر، بۇ تىپتىكى ھامىلدار ئانىلار مۇبالىغىلەشتۈرۈپ «سۇ ئىچسەممۇ سەمىرىمەن»دەيدۇ. ئۇلار ئۆزىنى ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا ئامالسىز دەپ قارىغاچقا، بېشى ئاغرغاندىن سىرىت، شۇ تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.
5.تىرىشىدۇ،بىراق كونترول قىلالمايدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلدە ئىزچىل تىرىشىپ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىدۇ، بىراق يەنىلا كونترول قىلالمايدۇ، بىر تەرەپتىن ئۆزى سېمىز تىپقا تەۋە، يەنە بىر تەرەپتىن تىرىشىشى يېتەرلىك بولمىغان، بۇنىڭىغا قوشۇلۇپ كۆپ ئۇخلاش، ھەرىكەت يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىقلار، ئېغىرلىقىنىڭ ئاسانلا ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6.يېمەكلىك ئادىتى ناچار بولۇش، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرۈش
يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرۈش، ھامىلدارلىقتىن ئىلگىرى ئورۇق بولغان ئانىلارنىمۇ ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.