ھامىلىدارلىقنىڭ 2-ئېيىدا ئاياللارنى كۈتۈشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
يانفوندا كۆرۈش
پەرىشتە ئانا-بالا تورى ئەسكەرتمىسى:
ھامىلىدارلىقنىڭ ئىككى ئاي بولغاندىكى مەزگىلى بولسا ھامىلىنىڭ يېتلىشىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلى، بۇ ۋاقىتتا ھامىلە نورمالسىزلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىللارغا ناھايىتى سەزگۈر بولىدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى ھامىلىدار ئاياللار ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.
ئەمچەك چىڭقىلىپ ئاغرىش
4~6 ھەپتە بولغاندىن باشلاپ، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە داۋاملىشىدۇ، ھورمۇن قان مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمچەك توقۇلمىلىرىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئەمچەك كۆپۈپ، ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. بۇخىل ھېسسىيات ھەيز كۆرۈشنىڭ ئالدىدىكى ئەمچەكنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىغا ئوخشايدۇ، بىراق ئاغرىق سېزىمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا سۈپىتى ياخشى، كۆكسىنى تۇتۇپ تۇرالايدىغان لىپتەك سېتىۋېلىش لازىم.
كىچىك تەرەت كۆپ بولۇش
كىچىك تەرەت كۆپ بولۇش بولسا ھامىلىدار ئاياللاردا ئەڭ ئاسان كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، تەدرىجىي چوڭىيىۋاتقان بالىياتقۇ ۋە ھامىلە دوۋساقنى بېسىپ ئادەمگە ئاسانلا سۈيدۈك ھاسىل قىلىدۇ، ئادەتتە مۇۋاپىق دەرىجىدە سۇ تولۇقلاپ تۇرۇش، ئەگەر سىيگۈسى كەلسە، ئامال بار دەرھال سىيىش لازىم، بۇنداق قىلغاندا دوۋساقنىڭ زەھەرلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، سىيىش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا مەخسۇس داۋالىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، ھامىلىدار بولۇپ 12 ھەپتىدىن كېيىن، بالىياتقۇ تەرىجىي كۆپۈپ قورساق بوشلىقىغچە كۆتۈرۈلىدۇ، دوۋساقنىڭ بېسىمىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل كېسەللىك تەبىئىي ھالدا يوقاپ كېتىدۇ.
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى جىنسىي تۇرمۇش
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاسان بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، شۇڭا جىنسىي تۇرمۇشقا ماس كەلمەيدۇ، دەسلەپكى ھامىلىدارلىق ئىنكاسى مەزگىلىدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ جىنسىي ئىنتىلىشى ۋە جىنسىي ئىنكاسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەر بولغۇچى بۇنى چۈشىنىش لازىم.