ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بىخەتەر دورا ئىشلىتىش ھەققىدە
يانفوندا كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بىخەتەر دورا ئىشلىتىشتە دورىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئويلاشقاندىن باشقا يەنە دورا ئىشلىتىش ۋاقتىنىمۇ ئويلىشىش كېرەك، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى ئۈچ ھەپتىدىن ئۈچ ئايغىچە بولغان مەزگىل ھامىلىنىڭ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا ھامىلىدار ئاياللار بۇ ۋاقىتتا دورا ئىستېمال قىلسا ھامىلىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.
قانداقلا دورا بولمىسۇن، ھامىلىدار ئاياللاردا ئاسانلىقچە ئادەم تېنى تەجرىبىسى ئېلىپ بارغىلى بولمىغاچقا، بەزى ۋاقىتلاردا پەقەت ئەمەلىي دورا ئىشلىتىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن دورىنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. چۈنكى A، B، C دەرىجىلىك دورىلار بولسىمۇ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچى بولغاچقا، ئانىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولمىسىلا ھەرقانداق دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش بولسا بىرقەدەر بىخەتەر ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. D، X دەرىجىلىك دورىلار گەرچە خەتەرلىك بولسىمۇ، بىراق ھالقىلىق مەزگىلدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىشلىتىش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا دوختۇرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىشلەتسە بولۇۋېرىدۇ.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھامىلىدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى دورا ئىشلىتىش بىلىملىرىنى ئىگىلىشى كېرەك ھەمدە تۇغۇت دوختۇرى، مۇتەخەسسىس شۇنداقلا دورىگەرنىڭ پىكىرىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن دورا ئىشلىتىش لازىم، شۇنداق بولغاندىلا ئۆزى ۋە ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، پەقەت ساغلام ئانا بولغاندىلا ئاندىن ساغلام بوۋاق بولىدۇ.