ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن تەكشۈرتۈشنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى تولۇق چۈشىنىش (1)

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن تەكشۈرتۈشنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى تولۇق چۈشىنىش (1)

ۋاقتى: 2016-03-09 ئاۋاتلىقى: 737 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھەيز توختاپ 40 كۈن بولغاندا، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغۇچىلارنىڭ سۈيدۈك تەكشۈرۈشىنى ئېلىپ بارغاندا، نەتىجە مۇسبەت بولىدۇ، ھامىلىدار بولغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەگەر ھەممە ئەھۋال نورمال بولسا، 14-ھەپتىگە كەلگەندە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

 
قان تەكشۈرۈشى
قان تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلىرىدىن گېموگلوبىن، قان پىلاستىنكىلىرى ۋە ھۈجەيرە قاتارلىقلار بار. يۇقىرىقى تەكشۈرۈشلەر ئاساسلىقى ئانا بولۇش ئالدىدا تورغانلاردا قان ئازلىق كېسىلىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ، نورمال قىممىتى 100~160g/L بولىدۇ. يېنىك قان ئازلىق كېسىلى بولسا، بۇنىڭ تۇغۇتقا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، بىراق بىر قەدەر ئېغىر بولغاندا بالدۇر تۇغۇش، بالىنىڭ ئېغىرلىقى يېنىك بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. 
بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈر بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب، ئاق قان ھۈجەيرىسى بەدەندىكى كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ساقلىق ساقلاش رولى بار، نورمال قىممەت دائىرىسى g/L   *(10-4) بولىدۇ، بۇ دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەندە يۇقۇملىنىش بولۇشى مومكىن، بىراق ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يېنىك دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ. قان پىلاستىنكىلىرى قان توختىتىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، نورمال قىممىتى g/L  *(300-100) بولىدۇ، ئەگەر  *100 تۆۋەن بولسا، ھامىلىدار ئايالنىڭ قان ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ. 
سۈيدۈك تەكشۈرۈشى
سۈيدۈك تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلىرىدىن سۈيدۈكتىكى ئاقسىل، قەنت ۋە كېتون جىسمى، ئەينەكلىك گالۋانومىتېر ئارقىلىق قىزىل قان ھۈجەيرىسى ۋە ئاق قان ھۈجەيرىسىنى تەكشۈرۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بەدەن نورمال بولسا، يۇقىرىقى ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ھەممىسى مەنپىي بولىدۇ. 
يۇقىرىقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ: ئەگەر ئاقسىل مۇسبەت بولسا، ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى ۋە بۆرەك كېسەللىكى بولۇش ئېھتىماللىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. قەنت بىلەن كېتون جىسمى مۇسبەت بولسا، قەنت سىيىش كېسىلى بولۇش ئېھتىماللىقى بار، تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش كېرەك. قىزىل قان ھۈجەيرىسى بىلەن ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆرۈلسە، سۈيدۈك يولىدا يۇقۇملىنىش بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئېتىبار بېرىش كېرەك، كىچىك تەرىتى كۆپ بولۇش، سۈيدۈك جىددىي قىستاش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك. 
جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ تەكشۈرتۈشى
جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ تەكشۈرۈشى ئاساسلىقى  谷丙转氨酶(GPT)، 谷草转氨酶(GOT)، 尿素氮(BUN) ۋە肌酐(Cr) قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەكشۈرۈشلەر ئاساسلىقى ئانا تەرەپتە جىگەر ياللۇغى ۋە بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشتا پايدىلىنىدۇ، ھامىلىدار بولغاندا جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكى ئارتىپ كېتىدۇ، شۇڭا يۇقىرىقى كۆرسەتكۈچلەر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇ ھالدا جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى، خۇددى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك بىر ئىش بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. 
جىگەر ئىقتىدارىنىڭ نورمال قىممىتى (谷丙转氨酶) نىڭ 0~55U/L، (谷草转氨酶) نىڭ 0~55U/L بولىدۇ. بۆرەكنىڭ نورمال قىممىتى(尿素氮) نىڭ 9~20mg/dl ، (肌酐) نىڭ 1-0.5 بولىدۇ.
قان تىپىنىڭ تەكشۈرۈشى
قان تىپى تەكشۈرۈشىنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرىدىن ABO تىپلىق قان ۋە Rh تىپلىق قاندىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. قان تەكشۈرۈشتىكى مەقسەت تۇغقاندا قان سېلىشتۇر، شۇڭا ئانا بولغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ قان تىپىنى چۈشىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر دادا بولغۇچىنىڭ قان تىپى A تىپلىق، B تىپلىق ياكى AB تىپلىق، ئانا بولغۇچىنىڭ O تىپلىق بولسا، تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ABO قان ئېرىش كېسەللىكى بولۇش ئېھتىماللىقى بار. ئاسىيالىقلارنىڭ ئارىسىدا Rh تىپلىق مەنپىي قانلىقلار بىر قەدەر ئاز، كۆپ قىسمىي مۇسبەت قانلىقلار. ئەگەر ئەر-ئايالنىڭ Rh تىپلىق قېنى ماس كەلمىسە، بوۋاقنىڭ قان ئېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بار. ئەگەر ئانا بولغۇچى Rh تىپلىق مەنپىي قان بولسا، دوختۇرخانا ئالدىن Rh تىپلىق مەنپىي قان تەييارلاپ قويىدۇ، بۇنداق بولغاندا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 
سىفىلىس سېرولوگىيە تەكشۈرۈشى
سىفىلىس تەكشۈرۈشىنىڭ تۈرلىرى سپىروخېتا ئانتىتېلا قان ئۇيۇشۇش تەجرىبىسى ۋە تېز سۈرئەتلىك قان پلازمىسى تەجرىبىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. 
سىفىلىس بولسا  سىفىلىس سپىروخېتا كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان جىنسىي كېسەللىك. ئانا بولغۇچىلاردا بۇ خىل كېسەللىك بولسا بىۋاسىتە بالىغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، بالىنىڭ تۇغما سىفىلىس كېسىلى بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
نورمال ئانا بولغۇچىلاردا بۇ ئىككى خىل تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولىدۇ. ئادەم بەدىنى سىفىلىس سپىروخېتا بىلەن يۇقۇملانغاندا ئىككى خىل ئانتىتېلا ھاسىل قىلىپ، RPR بىلەن TPHA نىڭ مۇسبەت بولۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. RPR نىڭ مۇسبەت بولۇشى كۆرۈنەرلىك ئەمەس، باشقا كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يالغان مۇسبەت بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، TPHA نىڭ مۇسبەت بولۇشى سىفىلىسنىڭ جەزىملەشتۈرۈش تەجرىبىسىدۇر. 
ئەيدىز كېسىلىنىڭ قان زەردابى تەكشۈرۈشى
ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرگەندە ئۇنىڭ ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرىمىز. 
ئەيدىز ئېرىشمە خاراكتېرلىك ئىممونىتېت كەمتۈكلۈك ئونىۋېرسال كېسەللىكىنىڭ قىسقارتىلىشى بولۇپ، ئېغىر بولغان ئىممونىتېت كەمتۈكلۈك كېسىلى، ئۇنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى HIV ۋىروسى. نورمال ئاياللاردا HIV ئانتىتېلاسى مەنپىي بولىدۇ. ئەگەر HIV ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا نەتىجىسى مۇسبەت بولىدۇ.
HIV ۋىروسى بالا ھەمراھىدىن ئۆتۈپ، بوۋاقنى بۇ خىل ۋىروس بىلەن يۇقۇملاندۇرىدۇ. 
سۆزنەك كېسىلىنىڭ باكتېرىيە تەكشۈرۈشى
سۆزنەكنىڭ تەكشۈرۈش تۈرلىرى سۆزنەك باكتېرىيەسىنىڭ ئۆستۈرۈلىشىدىن ئىبارەت. 
سۆزنەك بولسا سۆزنەك قوش شارچە باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، پاكىزە بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ، ياكى سۆزنەك ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان كىيىملەر، داس-تەلەڭگە، ئەسۋابلاردىنمۇ يۇقىدۇ، ۋە ياكى ئانىنىڭ تۇغۇت يولى ئارقىلىق بالىغا يۇقىدۇ. 
ئادەتتە ئانا بولغۇچىنىڭ بالىياتقۇ بوينى قانىلىدىكى ئاجرالمىدىن سۆزنەك باكتېرىيەسىنى ئۆستۈرىمىز، نورماللارنىڭ نەتىجىسى مەنپىي بولىدۇ. ئەگەر مۇسبەت بولسا سۆزنەك ۋىروسىدىن يۇقۇملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى