2012 يىڭى يىللىق سەنئەت كىچىلىكى
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: تاغدىن-باغدىن | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل01-ئاي03-كۈنى | : 4,785 قىتىم
ھەر يىلى يىڭى يىللىق سەنئەت كىچىلىكلىرى ئۆتكۈزىلىپ تۇرىلىدۇ، مانا بۇ يىلمۇ جۇشقۇن ياشلارنىڭ جۇشقۇن ناخشىلىرى بىلەن يىڭى يىلنىمۇ جۇشقۇن ئۆتكۈزىدىغان ئوخشايمىز، بۇ يىلقى يىڭى يىللىق سەنئەت كىچىلىكى باشقا يىلدىكىگە قارىغاندا ماڭا خىلى جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن ئۆتكۈزۈلگەندەك تۇيۇلدى، بولۇپمۇ ماڭا ئابلاجاننىڭ يىڭى ناخشىسى بىلەن كىچىلىك باشلىنىشتىكى hip-hop تۈرىدىكى ئالتە شەھەر گۇرۇپپىسىنىڭ ناخشىسى ماڭا بەك يارىدى، بەزىدە بۇ نەرسىلەرنى كۆرەي دىگەندە تاپقىلى بولمايدىكەن، شۇڭا بلوگىمغا يوللاپ باشقا كۆرەلمىگەن دوستلارنىڭ كۆرۈشىگە سۇنغاچ ساقلاپ قوياي دەيمىنا.
1- قىسمى
2- قىسمى
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۋىلىڭ
1-قىسىمنى چۈشۈرۈش 2- قىسىمنى چۈشۈرۈش
يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:../2012-ylliq-sanat-kiqilik/
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتمىغان مەنلا قالغان ئوخشايمەن….
كۆرەلمىگەنتىم كۆرۋالدىغان بولدۇم ھە ،
رەھمەت !
شۇڭقارى ئەڭ يىڭى يازمام.. ئۇ سىنىڭ داداڭ
دېمىسىمۇ بەك جۈشقۇن چىقىپتۇ بۇ كېچىلىك، ئايرىم نومۇرلاردىن باشقا…
بۇ قېتىمقى كېچىلىكتە بۇزۇلغان شاكال سەنئەت تولۇق ئەكس ئېتىپتۇ
نۇرقۇت ئەڭ يىڭى يازمام.. «بىر مىليۇن» ناملىق ئىتوت ۋە مېنىڭ تويۇم
ھا ھا ھا! شاكال سەنئەت
بولسا ئەسلى نۇسقىسىنى (سۈزۈك نۇسقىسى دىمەكچى) يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز چۈشۈرۋالغان بولساق مۇمكىن بۇلامۇ
بولىدۇ مەن تەھرىرلەپ چىقىرىپ قوياي
نەچچە كۈندىن بېرى بۇ كېچىلىككە ھەرخىل ھەرياڭزا ئىنكاس مۇنازىرىلەر چۈشۈپ قىززىپ كەتتىغۇ
ئەلشات سىزنىڭ باھانىڭىزدا بۇ نۇمۇرلارنى كۆرۋالدىم،
تىزگىنەك ئىشلىتىش ھوقوقى دادامدا بولغاچ ئۆيدە كۆرلمىگەنتىم 


بۇيىلقى نۇمۇرلار خېلى قىزىپتۇ ، ئۇسلوپلارنىڭ سەرخىل بۇلۇشىغا ئەھمىيەت بىرىپتۇ ، سەھنە بېزىلىشىمۇ يېڭىچەئىكەن !
پەنجىر ئەڭ يىڭى يازمام.. ۋەيران قىلغۇچى سىتورو ئاۋاز
تۇزى يوق سۈيقئاشتەك تەسىر بەردىغۇ…
چەۋەندازلار ئەڭ يىڭى يازمام.. «بىر سوم پىلانى »نىڭ 6-يىللىق خۇلاسىسى
مۇشۇ سەنئەت كېچىلىكلىرى ئارقا-ئارقىدىن توختىماي ئۆتكۈزۈلگىلى تۇردى.نۇرغۇنلىرىمىز تاپقانلىرىمىزنى سەنئەت كېچىلىكىنىڭ بېلىتىگە تاشلىغىلى تۇردۇق.كېچىلىك دېسە،بىر-ئىككى يۇەننىڭ كۆزىگە قارىمايمىز.20يۇەنلىك كىتاپ بولسا،20 قېتىم ئىككىلىنىپ ئاخىردا ئالماي چىقىپ كېتىمىز. ئىككى سائەتلىك ھاياجاننى قوغلىشىپلا ئۆتىدىغان بولۇپ كەتتۇققۇ؟
لوپنۇرى ئەڭ يىڭى يازمام.. شىنجاڭدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى(سۈرەتلىك9)
نىمە 2 يۇەن دەمسىز؟ ئۈرۈمچىدە ئەڭ ئەرزان بىلەت 30 يۇەن قىممىتى 500 يۇەنگىچە ئالدىن ئورۇنلارنىڭ