ئورنىڭىز » باش بەت » ئۇسلۇب,ئۇقتۇرۇش » ئەلشات ئۇسلۇبىنىڭ 2.2 نەشىرى چىقتى يىڭىلىۋىلىڭ

ئەلشات ئۇسلۇبىنىڭ 2.2 نەشىرى چىقتى يىڭىلىۋىلىڭ

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇسلۇب, ئۇقتۇرۇش | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل02-ئاي13-كۈنى | : 1,659 قىتىم

مانا شۇنداق قىلىپ ئەلشات ئۇسلۇبىمۇ iphone بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ئۇسلۇبنىڭ 5-ئەۋلادىنى چىقاردى (ھىجايغان چىراي ئىپادىسى) ئۇسلۇبنىڭ يىڭى نەشىرى چىققانسىرى ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش يىڭى تىخنىكا ئىلغارلىق ۋە خاتالىقلارنى تۈزىتىلىپ چىقىرلىۋاتىدۇ، بۇ قىتىمقى 5-ئەۋلاد يەنى 2.2 نەشىرىدە تۆۋەندىكىدەك خاتالىقلار تۈزىتىلىپ تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار رەڭلەر قوشۇلدى.

ئۇسلۇبقا قوشۇلغان ئىقتىدارلار:

1- ئۇسلۇب رەڭگى ئەسلىدىكى 3 خىل رەڭدىن 5 خىل رەڭگە كۆپەيتىلدى رەڭلەرنامى تۆۋەندىكىچە

قىزىل رەڭ  يىشىل رەڭ  كۈلرەڭ  جۈزە رەڭ كۆك رەڭ

 

2- باش بەتتىكى يازمىنىڭ كىچىك سۈرتىنى كۆرۈنسۇن ۋە كۆرۈنمىسۇن دەپ تاللىيالايسىز

3- ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنسۇن ياكى كۆرۈنمىسۇن دەپ بەلگىلىيەلەيسىز.

4-دوستانە ئۇلىنىشنىڭ كىچىك تۇغ بەلگىسىنى كۆرۈنسۇن ياكى كۆرۈنمىسۇن دەپ تاللىيالايسىز.

5-ئىنكاس ئىپادە قونچاقلىرىنى كۆرۈنسۇن ياكى كۆرۈنمىسۇن دەپ تاللىيالايسىز.

6- بۇرۇنقى ئۇسلۇبدا ھەر بىر ئورۇن ئۈچۈن بىر رەسىم ئىشلىتىلگەن، 2.2 نەشىرىدە بارلىق رەسىمنى بىر تال رەسىم ئىچىگە كىرگۈزۈپ css ئارقىلىق كىسىپ ئۇسلۇبنىڭ ئىچىلىش سۈرتىنى زور دەرىجىدە تىزلەشتۈرۈلدى، ئەسلىدىكى ئۇسلۇبدا 37 پارچە رەسىم ئىشلىتىلگەن 2.2 نەشىرىدە بۇ رەسىملەر يىغىنچاقلىنىپ 8 پارچىگە ئايلاندۇرۇلدى

تۈزىتىلگەن خاتالىقلار تۆۋەندىكىچە:

ie6 دە يان سىتون ئاستىغا چۈشۈپ كىتىش، ئىنكاس يازغانلارنىڭ ئاۋاتار باش سۈرتى يىرىم كۆرۈنۈش، يازما بىتىدە ئىنكاسلار سولغا قىچىپ كىتىش، ئىنكاس يىزىش كۆزنىكى ۋە ئىزدەش كۆزنىكىگە بەزەن تور كۆرگۈلەردە ئۇيغۇرچە يىزىلماسلىق، ھەل قىلىندى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇششاق چۈششەك خاتالىقلار تۈزىتىلدى

يەنە خاتالىقلار بولسا كۆرسىتىپ بەرسەڭلار تۈزىتىۋەتسەك بولىدۇ،

يىقىندا 2.3 نەشىرىمۇ چىقىپ بولدى، ئەمما تەرجىمە قىلىشقا ۋاقىت چىقمىدى، ھازىرچە مۇشۇنى ئىشلىتىپ تۇرغايسىلەر، ئۇنىمۇ تىزلا تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرىمەن.

2.3 نەشىرىدىنمۇ ئازراق ئۇچۇر بىرىپ ئۆتەي،

2.3 نەشىرىرىدە favicon لىق ئۇلىنىش بىتى ياسالدى، مۇھىم ئىشلاردىن بىرى بولغان ie6 دە ئۇسلۇبقا ئىشلىتىلگەن رەسىملەرنىڭ تىگە كۆرۈنۈپ قىلىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

ئەلشات ئۇسلۇبىنى سىتىۋالغانلار يازما ئاستىغا ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇر، ھەقسىز ئەۋەتىلىدۇ،

无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:../uslubim2-2/
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 18 پارچە ئىنكاس بار!
  1. تاتلىق  ( 2012.02.13 15:32 ) : -49-قەۋەت

    دىۋاندا تۇرىمەنغۇ! ياخشى بوپتۇ! قولىڭىزغا دەت بەمىسۇن خۇدايىم!

    جاۋاب
  2. ئەلسىھەت  ( 2012.02.13 15:39 ) : -48-قەۋەت

    ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ بىزنىڭ ئۇسلوپلارنىڭ يېڭى نەشىرى يوقما ئەمدى :lol:

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.02.13 15:47 ) :

      سىلەرنىڭكىنى ئۇسلۇب ياسىغان ئاپتور چىقارمىغان ئوخشىمامدا

      جاۋاب
  3. ئىزيار  ( 2012.02.13 16:09 ) : -47-قەۋەت

    قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !ماڭىمۇ بىرەمسىز بىرەر نۇسخا ؟!!!! :lol:

    جاۋاب
  4. بۇھايات  ( 2012.02.14 00:24 ) : -46-قەۋەت

    ھەقىقەتەن تەرىپلەشگە لايىق ئىش بوپتۇ، ئاللاھ ئەجىرڭىزنى بەرسۇن!
    مەنمۇ سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىزنى ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم.
    ئىلخەت ئادرىسىم: buhayat20@gmail.com ياكى: 604062657@qq.com

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.02.14 11:27 ) :

      ئەۋەتىۋەتتىم تاپشۇرۋىلىڭ، 2.3 نەشىرىمۇ يىقىندا چىقىدۇ، نەزىرىڭىز داۋاملىق ئەلشات بلوگىدا بولسۇن!

      جاۋاب
  5. ئۇنتۇلماس  ( 2012.02.14 21:56 ) : -45-قەۋەت

    ماڭىمۇ بىرنى بىرىڭە ئۇنداق قىلماي..

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.02.14 22:43 ) :

      بۇ ئۇسلۇب مۇشۇ ئۇسلۇبنى بىر قىتىم سىتىۋالغانلارغا ھەر قىتىمقى يىڭى نەشىرلىرى ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ

      جاۋاب
  6. mewize  ( 2012.02.15 03:06 ) : -44-قەۋەت

    ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز. رەھمەت.قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.02.15 09:19 ) :

      بۇ ئۇسلۇب مۇشۇ ئۇسلۇبنى بىر قىتىم سىتىۋالغانلارغا ھەر قىتىمقى يىڭى نەشىرلىرى ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ ، بىلىشىمچە سىز بۇ ئۇسلۇبنى سىتىۋالمىىغانغۇ دەيمەن

      جاۋاب
  7. ئاتەش  ( 2012.02.15 20:05 ) : -43-قەۋەت

    ئەلشاتجان، ئاۋۇ «جۈزە رەڭ» دېگەننى «ئور رەڭ» ياكى «قىزغۇچ سىرىق» دەپ ئۆزگەرتىپ قويمايلىما؟ :roll:

    جاۋاب
  8. ھىكمەت  ( 2012.02.15 20:34 ) : -42-قەۋەت

    ئۇسلوپ رەڭ تاللاش ۋە باشقا ئىقتىدارلىرى ھەقىقەتەن ياخشىكەن. بۇ ئۇسلوپنى سىتىۋالغانلارنىڭ تەلىيى كەپتۇ دىسەك بولغۇدەك.

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.02.15 20:54 ) :

      ھازىر سىتىۋالسىمۇ كىچىكمەيدۇ

      جاۋاب
  9. ozuyghur  ( 2012.02.18 13:39 ) : -41-قەۋەت

    ئالدىراشچىلىقتىن تۇرايىڭىزغا كىرەلمىگەنتىم، يېڭىلىق بەك كۆپقۇ. جاپا چېكىپسىز. ئاللاھ قوللىرنىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن. بۇ ئۇسلوپنى مەن ئىشلىتىۋاتقان، بۇ نەشرى تېخىمۇ ئېسىل چىقتىمۇ نىمە. مەنمۇ بىر ئىشلىتەي.

    جاۋاب
  10. بىلىگ  ( 2012.02.29 19:16 ) : -40-قەۋەت

    ئۇلىنىش قىلىۋىلىڭ http://www.bilig.cn/logo.gif

    جاۋاب
  11. ئەيساجان  ( 2012.03.5 21:31 ) : -39-قەۋەت

    بۇ ئۇسلۇب نەچچە پۇل ؟ بوشلۇق ئالساق ئېتىۋار بارمۇ ؟

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2012.03.6 12:49 ) :

      بۇ ئۇسلۇب 100 يۇەن، بۇ ئۇسلۇب ئۇسلۇبلار بلوگىدا ئىلان قىلىنمىغان، شۇڭا ئىتىبار غا كىرگۈزۈلمەيدۇ

      جاۋاب
  12. پاك سۆز  ( 2012.03.12 13:28 ) : -38-قەۋەت

    ماڭىمۇ تەمىنلەپ بەرسىڭىز ،بۇ ئۇسلۇبنڭ قاچىلاپ بلوگ ھوزۇرىنى مەنمۇ بىر سۈرۈپ باقسام

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

CommentLuv badge