ئانا تىل

                    ئانا تىل

               نىجات سوپى

ئۆگەنگەنتىم ئانا تىل سېنى ئۇلۇغ ئانامدىن،
ئۆزى كەتتى، سەن قالدىڭ مىراس بولۇپ سەن ئاندىن،
سېنىڭ بىلەن ئايرىدىم ياخشىلارنى ياماندىن،
سېنىڭ بىلەن ئايرىدىم داننى يەنە ساماندىن،
ئۆچمەس چىراغ سەن، مەيلى كەلسە بوران قاياندىن.

ئۆتتى يىللار، ئەسىرلەر، سەن يەنىلا ياشنىدىڭ،
ئۇرغۇپ تۇردى ھەر زامان سېنىڭ باھار ياشلىقىڭ،
مەيلى ئەرەب، فارىسى يېتەلمىدى، تاشلىدىڭ،
موڭغۇل، مانجۇ، رۇسچىنى ئۆز يولىغا باشلىدىڭ،
ئىگەلمىدى قەددىڭنى، كەلگەن چاپقۇن ھەر ياندىن.

ئېنگىلىزچە ئاشسىمۇ قانچە قىتئە، ئوكياندىن،
ئانا تىلىم مەن ئۈچۈن قالماس كېيىن ئۇلاردىن،
سېنى ئۆتمەس دېگەنلەر يىراق تۇرسۇن گۇماندىن،
تازىلىسۇن پاك-پاكىز ئىشەنچىنى تۇماندىن،
ئۈمىدىنى چىڭىتسۇن باشلاپ بۈگۈن شۇ ئاندىن.

 سەن كۈلىسەن ئەل بىلەن، ئەل يۈرىكى سەن بىلەن،
سەندىن مادار -كۈچ ئېلىپ ئىلگىرىلەيمىز پەن بىلەن،
سېنىڭدىن ۋاز كەچمەيمىز، بال بەرسىمۇ قەن بىلەن،
سېنى ھەردەم قوغدايمىز چوقۇم جانۇ تەن بىلەن،
يەتكۈزىمىز ئەۋلادقا ئۆتكۈزۈپ كۆپ زاماندىن
                     2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى.

ئوغلۇمغا

ئوغلۇمغا

   خۇش بولدۇم ئوغۇل بوپ تۇغۇلغىنىڭدىن،

ماڭا بىر ئىزباسار قېتىلدى، دېدىم.

     «قەيسەر» دەپ ئاتىدىم ئېتىڭنى سېنىڭ،

بىر باتۇر ئەزىمەت يېتىلدى، دېدىم.

تاشلىدىڭ ئون تۆتكە سەن بۈگۈن قەدەم،

مۇبارەك تۇغۇلغان كۈنۈڭگە، ئوغلۇم.

خۇشاللىق ئۈستىگە ياغسۇن خۇشاللىق،

قېتىلسۇن يېڭى ئۈن ئۈنۈڭگە، ئوغلۇم.

بورانلار يولۇڭنى توسسىمۇ بىر كۈن،

  ياشىغىن يىگىتتەك قەددىڭنى كېرىپ.

ئېتىڭغا مۇناسىپ ئەر بولۇپ يېتىل،

ياشىغىن ھاياتقا مېھرىڭنى بېرىپ.

بۇ ئۆينىڭ بولغۇسى تۈۋرۈكى ئۆزۈڭ،

   تۈۋرۈكتەك يىقىلماس قامىتىڭ بولسۇن.

   تىرىشقىن، ياراملىق ھەم ئەخلاقلىق بول،

مەڭگۈگە تۈگىمەس ئامىتىڭ بولسۇن.

                 2014-يىل 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، غۇلجا.

«موڭغۇل تىلىنىڭ كىرمە سۆزلەر لۇغىتى» ناملىق بۇ ئەسەر ئو. سۇخباتار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 1997-يىلى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى ئۇلانباتۇردا نەشر قىلىنغان موڭغۇلچە، سىلاۋيان يېزىقىدا يېزىلغان ئۈچ قىسىملىق ئەسەر بولۇپ، ھەر قايسى تىللاردىن موڭغۇل تىلىغا كىرگەن سۆزلەرنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىلىدۇ، جۈملىدىن تۈركىي تىللاردىن موڭغۇل تىلىغا كىرگەن بىر قىسىم سۆزلەر ھەققىدىمۇ توختىلىدۇ. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا تىللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، جۈملىدىن موڭغۇل تىلى بىلەن بولغان سۆزلۈك ئېلىش-بېرىش مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

1-قىسىم      2-قىسىم        3-قىسىم

بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىستانبۇل شەھرىدىكى مىللەت كۈتۈپخانىسىدا «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى تېپىپ قايتا يورۇقلۇققا چىقارغۇچى ئالى ئەمىرى ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. شاھانە ئەسەر «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» يېقىنقى زامانغا كەلگەندە يوقىلىپ كەتكەن بولۇپ، 1914-يىلى دەل بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ئالى ئەمىر ئەپەندى بۇ كىتابنى ئىستانبۇلدىكى كونا كىتابلارنى ساتىدىغان كىتابپۇرۇشتىن 30 لىراغا سېتىۋېلىپ، بۇ ئەسەرنىڭ دۇنيادا قايتا نامايەن بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. ئالى ئەمىرى ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ 16 مىڭ پارچە قىممەتلىك قوليازما ۋە يىغقان كىتابلىرىنى تەقدىم قىلىپ، ھازىرقى مىللەت كۈتۈپخانىسىنىڭ بەرپا بولۇشىغا ئاساس سالغان ئىدى. ئۇ 1924-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان. شۇڭا، ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە مىللەت كۈتۈپخانىسىدا ئالى ئەمىرى ئەپەندى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەن 2010-يىلى مۇشۇ كۈندىكى سۆھبەتكە قاتناشقان ئىدىم. بۈگۈن تۈركىيە تىل قۇرۇمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور، دوكتور مۇستافا كاچالىن ۋە پروفېسسور، دوكتور مەھمەد ئۆلمەز قاتارلىقلار ئاۋۋال فاتىھ جامەسىنىڭ مازارلىقىغا بېرىپ ئالى ئەمىر ئەپەندىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى، ئاندىن مىللەت كۈتۈپخانىسىگە كېلىپ سۆھبەتكە قاتناشتى. تۆۋەندە بۈگۈنكى ۋە 2010-يىلىدىكى سۆھبەتلەرگە ئائىت بەزى سۈرەتلەردە بەردۇق. 1- سۈرەت: بۈگۈن سۆھبەت ئەھلى ئالىي ئەمىرى ئەپەندىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى. 2-سۈرەت: 2009-يىلى مەن تارتقان دىۋاننىڭ مىللەت كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان بىردىن-بىر كونا نۇسخىسىنىڭ سۈرىتى. 3-سۈرەت: 2010-يىلى بۈگۈنكى كۈندە مەن ئالى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تۈرك تىل قۇرۇمىنىڭ باشلىقى مۇستافا كاچالىن ئەپەندى بىلەن بىللە.

«شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى» ناملىق بۇ بىر يۈرۈش كىتابلار شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى خەنزۇچە تونۇشتۇرغان توپلام بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنغان. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ. بۇ كىتابلارنى تۆۋەندىكى ناملىرى بويىچە چۈشۈرۈڭ.

2-قىسىم      3-قىسىم     4-قىسىم      5-قىسىم     6-قىسىم     7-قىسىم    8-قىسىم    9-قىسىم

 

«20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق بۇ ئەسەر ئازاد سۇلتان، جاڭ مىڭ، نۇرمۇھەممەد زامان قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىدا 2001-يىلى 7-ئايدا نەشر قىلىنغان خەنزۇچە كىتاب. بۇ ئەسەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئومۇمىي ئەھۋالى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ، مۇھىم ئەدىبلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىگە باھا بېرىلىدۇ. بۇ كىتاب ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قاغىلىق شېۋىسى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق بۇ ماقالا ئابلىمىت قۇدرەتنىڭ 2009-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پۈتتۈرگەن ماگىستېر ئاسپىرانتلىق ماقالىسى بولۇپ، بۇ ماقالىدا ئۇيغۇر تىلى قاغىلىق شېۋىسىنىڭ فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى شەرھىلەنگەن ھەمدە دىئالېكت تىل ماتېرىياللىرىدىن ئۈلگىلەر بېرىلگەن. بۇ ماقالا ماگىستېر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

بۇ ئەسەر ئاتاقلىق تىلشۇناسىمىز مەرھۇم خەمىت تۆمۈرنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئېنگلىزچىسى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى» ناملىق بۇ ئەسەر مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلىپ، 2006-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر ئۇزۇن يىللىق تەكشۈرۈش، ماتېرىيال توپلاش ۋە تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ ئەھۋالىدىن بىزنى تەپسىلىي خەۋەردار قىلىدىغان ئىلمىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ دىئالېكتلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكت سۆزلىرى تەتقىقاتى» ناملىق بۇ ئەسەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مۇھەببەت قاسىم قاتارلىقلار تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، 2006-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان. بۇ ئەسەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر قايسى دىئالېكت، شېۋىلىرىنىڭ سۆزلۈكلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان سېستىمىلىق تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، كۈچلۈك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئنىڭ دىئالېكتلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتقا قىزىققۇچىلار ۋە بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.

Page 1 of 3123

ئالتۇن يارۇق تورىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تۈرلىرى