يېڭى يىل بۈگۈن
نىجات سوپى
قوغلاپ يىللار، ئۆتۈپ پەسىللەر،
تۆت مۆچەلگە ئۇلاشتۇق بۈگۈن.
كۆزىمىزدە خۇشاللىق، يەنە
بىر ئۈستەلگە ئولاشتۇق بۈگۈن.
كەتتى يىللار، ئۆتتى ئۆمرىمىز،
چاچلارغا ئاق ئۇلاشتى، بۈگۈن.
ئەمما، بىزنىڭ قەلبىمىز قايناق،
يۈرەككە ئوت تۇتاشتى، بۈگۈن.
يېڭى يىلنىڭ ئارمانى دىلدا،
يېڭى ئىشىق قوزغىتار، بۈگۈن.
بىز يىللارنى ئۇزاتتۇق دەيمىز،
يىللار بىزنى ئۇزۇتار بۈگۈن.
بوي تارتىشىپ بالىلار ئەنە،
ئۆسۈپ بارار قارىغايدەك بۈگۈن.
نەۋرە كۆردۇق ئالدىمىز تېخى،
بوۋاي بولۇپ قالغاندەك بۈگۈن.
ئۈزۈلمەيدۇ بىزنىڭ رىشتىمىز،
يىللار ئۆتۈپ كەتسىمۇ بۈگۈن.
شۇ يىلغا بوي بەرمەي ياشايمىز،
ھامان قوغلاپ يەتسىمۇ، بۈگۈن.
ئالدىمىزدا قانچە باھار بار؟
نېمە كۈتەر، بىلمەيمىز بۈگۈن.
ئارمان بىلەن ئۆتىمىز شۇنداق،
جاپاغا داد قىلمايمىز بۈگۈن.
قىرىق سەككىز يىللىق مۇساپە،
تاماملاندى بېسىلىپ بۈگۈن.
يەنە شۇنچە ياشايمىز دېدۇق،
ئۈمىدلەرگە ئېسىلىپ بۈگۈن.
يېڭى يىلغا قۇت بولسۇن، دوستلار،
بىزگە بايرام، يېڭى يىل بۈگۈن.
غەم-قايغۇنى تاشلاپ ئارقىغا،
شادلىق بىلەن ياشىغىل، بۈگۈن.
2015-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، غۇلجا.