+تېما يوللاش
ugwolf يوللانغان ۋاقتى:2015-7-11 18:31 1459 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 14 چوڭ شېركەت
    دۇنيا تارىخىغانەزەر سالساق نۇرغۇنلىغان شېركەتلەر قۇرۇلۇپ ،ئىنسانىيەت تۇرمۇشىغا
نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.تۆۋەندەبىز مۇشۇ شىركەتلەر ئىچىدىن دۇنياغا
ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن 13 چوڭ شېركەت بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
1.ماك-دونالد
تېز تاماقخانا ماگناتى ماك-دونالد ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېمەكلىك پىششىقلاشنى بىر خىل تېخنىكىغا ئايلاندۇردى، بىزنى يېمەكلىكنىڭ بىردەكلىكىگە كۆندۈردى. (بۇ شىركەت قۇرغۇچىسى راي كروك (Ray Kroc) ئوتتۇرىغاقويغان «ھامبۇرگ بولكىسىنى ئاقما لىنىيىگە كۆچۈرۈش» قارىشىغا مەنسۇپ) ماك-دونالد (MCD -0.46%) دۇنياغا ئامېرىكىچە تائاملارغا سىمۋوللۇق قىلىدىغان ھامبۇرگ بولكىسى ۋە بەرەڭگە قەلەمچىسىنى تونۇشتۇردى. ھەركۈنى 120 دۆلەتتىكى 35مىڭدىن كۆپرەك تاماقخانا 70 مىليون خېرىدار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، تېز تاماقخانا ساھەسىدىكى ئالىم داۋى ھوگىن مۇنداق دەيدۇ: «ھامبۇرگ بولكىسى بۇ دۇنيانىڭ سىمۋولى، ماك-دونالد بولسا بۇ خىل قاراشنىڭ ئوبراز ئەلچىسى ۋەئومۇملاشتۇرغۇچىسى.»
2.ئاكا- ئۇكا رايتلار شىركىتى
ئاكا - ئۇكا رايتلار ئايروپىلان تەتقىق قىلغان ۋە ھەيدىگەن تۇنجى كىشى ئەمەس، لېكىن يېڭى ئايروپىلان تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىشقا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئاكا - ئۇكا رايتلار شىركىتى(.Wright Co)پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداشقا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن.(ئەمەلىيەتتە، بەزىلەر ئاكا - ئۇكا رايتلارشىركىتىنىڭ پاتېنت جېڭى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئاۋىئاتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلدى دەپ قارايدۇ.) لېكىن ئۇلارنىڭ 821393 - نومۇرلۇق پاتېنتى ئۈچ ئوقلۇق كونترول —— يۈرۈش - تۇرۇش، يانتۇلۇق دەرىجىسى، چەتنىگەن ھەرىكەتنىڭ كەشپىياتىغا ئالاقىدار مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلاننى تېخىمۇ ئەمەلىيەتچان قىلىۋەتتى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى يەنىلا ئايروپىلان ياساشتىكى ئۆلچەم قىلىنماقتا.
Facebook
ئون يىل بۇرۇن، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئوقۇۋاتقان مارك زۇكۇربېرگ دۇنيانى بىر - بىرىگە باغلايدىغان مۇلازىمەتنى يولغا قويدى. ئون يىلدىن كېيىن، 1.3مىليارد ئاكتىپ ئىشلەتكۈچى نىشانىغا كۈندىن كۈنگە يېقىنلاپ بارغان Facebook نى كۈندە بەشدىن ئۈچ ئىشلەتكۈچى زىيارەت قىلىدىغان بولدى. توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان شەخس يېڭىلانمىسى (نۇرغۇنلىغان تور بېكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى) Facebook «خەۋەر يوللاش» ئارقىلىق كىشىلەرنى تور بېكەت زىيارىتىنىڭ يېڭى ئۇسۇلىغا باشلاپ كىردى.بۇنىڭدىن باشقا، Facebook يەنەكىشىلىك مۇناسىۋەتتىن پايدىلاندى، بەت يۈزى ئۇلىنىشىلا ئەمەس، رەقەملىك ئۇچۇرلارنى تەشكىللەشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى چىقاردى. بۇ جەرياندا، Facebook ئالاقە تورى داڭلىق ماركا تىجارىتىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى، يۈكسەك قاراتمىلىق ئېلان بىلەن ئەيىبلەشكە ئۇچراپ كەتكەن لوزۇنكىسىمان ئېلاننىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. ھالبۇكى بۇ 2013- يىلى Facebook ئۈچۈن 7.9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سېتىلىش مىقدارى ئېلىپكەلدى. 30 ياشتىن ئەمدىلا ھالقىغان مارك زۇكۇربېرگ Facebook نى داۋاملىق باشقۇرماقتا، ئۇ سېخىيلىق بىلەن ئىئانە قىلىپ مائارىپ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولدى. ھازىرغىچە، ئۇ 2.2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىپ، يېڭى جېرسېي شتاتى ۋە سان فرانسىسكو قولتۇق رايونىدىكى مەكتەپ ئىسلاھاتلىرىنى ئىلگىرى سۈردى
4. ئوتىس (OTIS) لىفت شىركىتى
1854- يىلى، يۈزلىگەن كىشىلەر نىيويورك دۇنيا كۆرگەزمىسى مەركىزىدىكى پولات ۋە ئەينەكتىن ياسالغان خرۇستال كۆرگەزمە ئۆيىدە ئېلىسا ئوتىس (Elisha Otis) نىڭ خەتەرلىك نومۇرىنى كۆردى. ئۇ تۆت قەۋەت بىنائېگىزلىكىدىكى سۇپىدا، پەقەت بىر تال چىڭ تارتىلغان ئارقانغا تايىنىپ ئېسىلىپ تۇردى. ئارقانغا تايىنىپ بوشلۇقتا پىرقىرىدى، ئاندىن بىر تال قىلىچ بىلەن ئارغامچىنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتتى. تاماشىبىنلارنى ئىختىيارسىز قاتتىق قورقۇپ كەتتى،سۇپا تىترەشكە باشلىدى، لېكىن چۈشۈپ كەتمىدى. چۈنكى بىر گۇرۇپپا يوشۇرۇن پۇرژىناپارچىسى خۇددى رىۋايەتلەردىكى مۇھاپىزەت رىشاتكىسىدەك چىشلەشكەن بولۇپ،مۆجىزىلەرچە ئوتىسنىڭ «بىخەتەر لىفتى» نى تۇتۇپ تۇرغان ئىدى. تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىدىغان بۇ ئۇسۇلنى بارنام(P.T. Barnum) ئويلاپ تاپقان. بىر ئاي ئىچىدە، ئۇ ئوتىسنى تەكلىپ قىلىپ بۇ ماھارەتنى كۈندە نەچچە قېتىم ئورۇنلاتقۇزدى. لېكىن دۇنيانى ئۆزگەرتكەن بۇ كەشپىيات ئوتىسقا مەنسۇپ ئىدى. 1853 - يىلى، ئۇ نيو يورك يانكىرىستىكى بىر ۋەيران بولغان پۇرژىنىلىق قاتلىما كارىۋات زاۋۇتىدا ئوتىس لىفت شىركىتى (Otis Elevator Company) نى قۇرۇپ چىقتى.
بىخەتەر لىفت ئىمارەتلەرنىڭ قەۋەت سانىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى: نيو يوركتىكى 20 قەۋەتلىك مېھمانخانا(Flatiron Building) غا 1902 - يىلى ئوتىسنىڭ لىفتى ئورنىتىلغاندىن باشلاپ، 10 يىلدىن كېيىنكى 60 قەۋەتلىك ۋولۋورس مېھمانخانىسى، 1931 - يىلىدىكى 103 قەۋەتلىك ئىمپېرىيە مېھمانخانىسىغا ئوتىسنىڭ لىفتى ئورنىتىلدى. كېيىن، پولات ئارغامچا تالا ئارغامچىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. ئېلېكترونلۇق كۇنۇپكا ئادەم مەشغۇلاتىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. لېكىن، بۈگۈنكى لىفتلارنىڭ 160 يىلبۇرۇنقى دۇنيا كۆرگەزمە يىغىنىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئالا-چەكمەن قىلىۋەتكەن لىفت بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق.بۇ ئارىلىقتا، ھازىرقى بىرلەشمە تېخنىكاشىركىتىگە تەۋە ئوتىس لىفت شىركىتى يەنىلا ئۆزى ئاچقان لىفت كەسپىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.
5. سونى شىركىتى
20-ئەسىرنىڭ50 - يىللىرىدىن 80 - يىللىرىغىچە، سونى شىركىتى ئىنسانلارنىڭ ئۈن-سىن مەھسۇلاتلىرىغا بولغان قارشىنى ئاساسى جەھەتتىن يېڭى بىر مەنىگە ئىگە قىلدى. گەرچەسونى شىركىتى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك رادىئو قوبۇللىغۇچنىڭ ئىجادچىسى بولمىسىمۇ، لېكىن1957 - يىلىدا، ئۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەنگەن بىر مەھسۇلاتنى چىقىرىپ،مودا مۇزىكا ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. سونى شىركىتى 20 - ئەسىرنىڭ60، 70 - يىللىرىدا ئىشلەپ چىقارغان رەڭلىك تېلېۋىزور پۈتۈن يەر شارىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈۋەتتى. 1979 - يىلى، سونى چىقارغان ھەردەم تىڭشىغۇچ Walkman يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ مۇزىكا ئاڭلاش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇ يەنەiPod نىڭ بارلىققا كېلىشىگە بېشارەت بەردى،شۈبھىسىزكى ئۇ ئەسلىدىلا سونى شىركىتىدە بارلىققا كېلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، iPod پەيدا بولۇشى بىلەن سونى شىركىتىنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش يۈزبەردى.
6. بايېر گۇرۇھى
1932- يىلى،گېرمانىيە بايېر گۇرۇھى(Bayer)نىڭ خىمىيەئالىمى تۇنجى ئانتىبىئوتىك پرونتوزىلنى سىنتېزلاپ چىقتى. 10 نەچچە يىل كېيىن،ئاندىن پېنىتسىللىن بازاردا سېتىلىشقا باشلىدى. باكتېرىيىلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالىغان تۇنجى خىل خىمىيىلىك دورا بولۇش سۈپىتى بىلەن، پېنىتسىللىن ۋە كېيىنكى «يودئامىن تۈرىدىكى» دورىلار داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ساھەسىنىڭ يېڭى ئەسىرىنى ئاچتى 1939- يىلى،بايېر تەتقىقاتچىسى گېرھاد دوماك(Gerhard Johannes Paul Domagk) ئانتىبىئوكتىك تەتقىقاتى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
7. ئالما شىركىتى
ئالما شىركىتى(Apple)مۇزىكايۇمشاق دېتالى ۋە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك قويغۇچ، شۇنداقلا ئىجادىي ئەقلى تېلېفون ۋەتاختا كومپيۇتېر ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتتى. شۇنداقلا بۇ مەھسۇلاتلار قالتىس بولغان ئۆز ئارا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئالماشىركىتى بىزگە شۇنى بىلدۈرۈپ قويدىكى: ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي كىشىلەرسودا ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ؛ گەرچە بىر تال يالتىراق مودېل بولسىمۇ ئۇنى ناھايىتى چىرايلىق قىلىپ لايىھىلەپ چىققىلى بولىدۇ؛ بىرلەر خانىسىدىكى بازارھەجمى تېزلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتقان كەسىپ ساھەسىدە ۋەيران بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ؛ بىر ئادەم غايەت زور بىر شىركەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلىيەلەيدۇ؛ كۆڭۈل قويۇش كەڭلىكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ دانا تىجارەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى بىر شىركەتكە باغلىيالايدۇ؛ داڭلىق ماركا يارىتىش ئىنتايىن مۇھىم؛ مەھسۇلات نامىنىڭ ئالدىغا «i» ھەرپىنى قوشۇپ قويۇشتەك بۇ خىل ئۇسۇلنى چەكسىز قېتىم قوللىنىشقا بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئەڭ ياخشى قىلىش ھامىنى ئەڭ باشتا قىلىشنى بېسىپ چۈشىدۇ.
8. سۇۋەيش قانىلى شىركىتى
فېردىناد لەسپس(Ferdinand Marie Vicomte de Lesseps) نىڭ شىركەت كەسپى ھازىرقى زامان قانال قېزىش، سۇۋەيش قانىلىنىمۇ مىسىر ئەمگەكچىلىرى 1869- يىلى قېزىپ چىققان. بىراق، بۇ ھېچقانداق بىر يېڭىلىق ئەمەس، مىلادىدىن ئىلگىرى فرئەۋىنمۇ بۇ خىل خىزمەتنى ئىشلىگەن.بۇ 102 كىلومېتىرلىق قانالنىڭ غەرب بىلەن شەرقنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ قىسقا لىنىيە بۆلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
9. گۇگىل شىركىتى
غەلىتە مەھسۇلاتلارنى ياساپ چىقىش، ھەممە يەردە مەۋجۇت بولۇش، دەۋرىيلىنىپ تۇرۇش بۇ گۇگىل شىركىتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان مىزانى. ئۇلارنىڭ بۇرچى دۇنيادىكى ئۇچۇرلارنى تەرتىپكە سېلىپ چىقىش. ئالاقە تورىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىتەي دەمسىز؟ گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىڭ. يانچۇققا سالغىلى بولىدىغان كومپيۇتېر ياساپ چىقىشنى ئويلامسىز؟ گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىڭ.ھەربىر كوچىنى رەسىمگە تارتىپ، كىشىلەرگە يىراق مەنزىللەردىن يول باشلاشنى قۇلايلاشتۇرۇشنى ئويلامسىز؟ گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىڭ. كۇتۇپخانىنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئويلامسىز؟ گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىڭ. يۇمشاق دېتالغا كۆپ خىل تىل تەرجىمە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىدىڭىزمۇ؟ يەنىلا گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بىزگۇگىلنى يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇت دەپ قارىساق بولىدۇ. مەسىلەن شوپۇرسىز ئاپتوموبىل، قىستۇرۇلما كومپيۇتېر، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان تېخنىكا قاتارلىقلار.
10.ئامېرىكاھەممىباب ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى
ئامېرىكا ھەممىباب ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى(GE)ئۈچ چوڭساھەدە دۇنيانى ئۆزگەرتتى.ئۇ ئەسلى شىركەت ئېدىسون ھەممىباب ئېلېكترسايمانلىرى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى توماس ئېدىسوننىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئېلېكتر كۈچى ۋە ئېلېكتر لامپىنى ئامېرىكا ۋە دۇنياغا ئېلىپ كەلدى. يالغۇز مۇشۇ بىر تەرەپلا بۇشىركەتنى تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئالدىغا تىزىشىمىزغا سەۋەب بولالايدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ ئۆزگىرىش ئامېرىكىدىكى تۇنجى تەتقىقات تەجرىبىخانىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ ئۆزگىرىش ناھايىتى ئىنچىكە بولغان باشقۇرغۇچى خادىملار تەرەققىيات سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ مەزكۇر غايەت زور شىركەت قۇرۇلۇشنىڭ دەسلىپىدىلا شەكىللەنگەن يېڭى ئىدىيە. بىر ئەسىردىن بۇيان، بۇ ئىدىيە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركەتلەرنى ئىزچىل يېتەكلەپ كەلمەكتە.ھەممىباب شېركىتىنىڭ دۇنياceo تەربىيلەش بازىسى دەپ نامى بار،ئەگەر ھەممىباب شېركىتىceo ئالماشتۇرسا ئۇنىڭ  بىلەن تەڭ دۇنيادىكى بەش يۈز كۈچلۈك كارخانىنىڭ بەشى بىر ۋاقىتتا ceo ئالماشتۇرىدۇ.
11 ئەنگلىيە شەرقى ھىندىستان شىركىتى
گوللاندىيەلىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭمۇ شەرقى ھىندىستان شىركىتى (East IndiaCompany)بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ شىركەت ھەقىقىي مەنىدىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ھەربىي كۈچتىن پايدىلىنىپ، ئاسىيادا بار كۈچى بىلەن خۇش پۇراق ماتېرىياللار سودىسىنى راۋاجلاندۇردى.لېكىن، 1600 - يىلى قۇرۇلغان ئەنگلىيە شەرقى ھىندىستان شىركىتى (British East India Company) لا ھەقىقىي ئىمپېرىيە گىگانت ئادىمى. ئۇ ھىندىستاننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، جۇڭگوغا قارىتا ئەپيۈن ئۇرۇشىنى قوزغىغان،يەنە دۇنيا سودا سوممىسىنىڭ يېرىمىنى مۇستەقىل ئىگىلىگەن.
12 فورد ئاپتوموبىل شىركىتى
20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىكى تەڭدىشى يوق يېڭىلىق يارىتىش دەۋرىدە، فورد ئاپتوموبىل شىركىتى ئاقما ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى بەرپا قىلدى، ئاقما لىنىيىدە مەشغۇلات قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۈنلۈك مائاشىنى 5 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈردى. T شەكىللىك ماشىنىلارنى ئەرزان باھا ئارقىلىق ئادەتتىكى پۇقرالار ئارىسىغا ئېلىپ كىرىپ ئاپتوموبىل دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى توختىماي ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، فورد ئاپتوموبىل شىركىتى T شەكىللىك ماشىنىلارنىڭ باھاسىنى 240 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، T شەكىللىك ماشىنىلار ناھايىتى مودا بولۇپ، ھەتتا ھېچقانداق ئېلان - تەشۋىقاتقا ئېھتىياج چۈشمىدى. فورد ئاپتوموبىل شىركىتى چەتئەلدىكى 12 دۆلەتتە T شەكىللىك ماشىنا ئىشلەپچىقىرىپ، ئۇنى تۇنجى دۇنياۋى ماشىنا تىپىغا ئايلاندۇردى. 111 يىل ئىلگىرى، ھىنرىفورد T شەكىللىك ماشىنىنى تەتقىق قىلىپ چىققان. بۈگۈنگە كۈندە،ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى باشقۇرۇۋاتقان فورد ئاپتوموبىل شىركىتى يەنىلا دۇنيادىكى بەش چوڭ ئاپتوموبىل ياساش شىركىتىنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا.
13.مىكروسوفت شىركىتى
مىكروسوفت شىركىتى 1975-يىلى بېل گەيتىس بىلەنپاۋلو ئەيلۇن تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ
ئۇلار بازارغا سالغان كۆزنەك مەشغۇلات سېستىمىسى نۇرغۇنلىغان شەخىسلەرنىڭ كومپيۇتېرنى ئوڭاي مەشغۇلات قىلىشىغا قولايلىق كەلتۈرگەن.ھازىرغا قەدەر ئەڭ بازارلىق كومپيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى ھېسابلىنىدۇ.
14.ئامازون شېركىتى
1995-يىلى جېف بېسۇس تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى ئېلكترونلۇق سودا تورى.ئەڭ دەسلەپتە توردا كىتاب سېتىشتىن باشلىغان بولۇپ ھازىر ئۇنۋېرسال سودا تورىغا ئايلاندى.
15.ebayسوداتورى
1997-يىلى رەسمىي ebay نامى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ توردا كىم ئاشتى سودىسى قىلىدىغان شىركەت.
قوشۇمچە
جۇڭگوغا تەسىر كۆرسەتكەن تۆت چوڭ شېركەت
1.   ئالى باباگۇرۇھى
1999-يىلى مايۈن باشچىلىقىدىكى 18ھەمكارلاشقۇچى تەرىپىدىن خاڭجۇدا قۇرۇلغان،
جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ئېلىكترونلۇق سودا شېركىتى ھېسابلىنىدۇ.
ھازىرغىچە بايرىقى ئاستىدا تاۋباۋتورى،تيەنماۋ تورى،جۈخۇاسەن،ئالىپەي قاتارلىق يىگىرمىدىن ئارتۇق تارماق شىركەتبار.
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى نيۇيوركتا پاينى بازارغا سالغاندىن كىيىن بازار قىممىتى 230مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ گۇگېلدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ(بازار قىممىتى ) ئىنتىرنىت شېركىتىگە ئايلاندى.يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئالى بابا جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ،ئەمەلىي دۇكانلارغا نۇرغۇن خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى.
2.بەيدۇ شېركىتى
2000-يىلى لى يەنخۇڭ تەرىپىدىن بېيجىڭدا قۇرۇلغان،جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى
پېيىنى ناسىداكتا بازارغا سالغان بولۇپ بازار قىممىتى 76مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا.
(مۇنداق بىر قىزىقارلىق گەپ بار ،ئەگەربەيدۇ تورى بولمىسا %50 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ پۈتتۈرەلمەيدۇ)
3.تېڭشۈن شىركىتى
1998-يىلى ماخۇاتېڭ تەرىپىدىن شېنجىندا قۇرۇلغان بولۇپ جۇڭگودىكى ئابونتى ئەڭ كۆپ تور شېركىتى،ئۇنىڭ چېتىلىشىدىغان ساھەسى ئەڭ كۆپ. بايرىقى ئاستىدىكى كيۇ كيۇ،ئۈندىدار ئالاقە قورالى دېتالى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئابونتى بار دېتال ھېسابلىنىدۇ.
4.چىخۇ 360 شېركىتى
2005-يىلى9-ئايدا جوۋ خۇڭ يى تەرىپىدىنقۇرۇلغان بولۇپ،ئاساسلىق تور بىخەتەرلىكى مەھسۇلاتلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئۇنىڭ ۋىروسخورنى ھەقسىز قىلىشى نۇرغۇنلىغان ۋىروسخور سېتىپ پۇل تاپىدىغان شېركەتلەرنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا ئاپاردى ۋەياكى سودا شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلدى.ئۇلارنىڭ ۋىروسخورنى ھەقسىز قىلىشى جۇڭگودىكى نۇرغۇنلىغان ئابونتلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
مۇھەممەدجان خېۋىر تاۋارىم.http://tawarim.com/
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن قوللىمايمەنقوللىمايمەن

6ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
atax520 ۋاقتى: 2015-7-11 20:43:08
ياخشى مەزمۇن ئىكەن
گىلەم
ilterish ۋاقتى: 2015-7-12 04:27:11
ئىسىك   تىما   رەھمەت سىزگە
ئورۇندۇق
9094 ۋاقتى: 2015-7-12 06:30:31
رەھمەت سېزگە   بېلمېگەننې بېلۋالدېم

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
5-قەۋەت
akax178 ۋاقتى: 2015-7-13 01:54:43
ئۇ ئەلى بابا پەقەت ئىلىمىزگىلا تور سودىسى قالا لېكىن باشقا دۆلەتكە مال سېتىپ چىقىرالماس

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
湖南省长沙市开福区三一大道4号
6-قەۋەت
m530 ۋاقتى: 2015-7-14 16:21:39
akax178يوللاش2كۈن ئىلگىرىئۇ ئەلى بابا پەقەت ئىلىمىزگىلا
چىقىردۇ دۇنياغا تارالدى

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部