ئۇيغۇرلاردىكى سودا تورلىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
ئېلېكترونلۇق سودا بۈگۈنكى دەۋردىكى دۇنياۋى خارەكتىرلىك سودا شەكلى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى ۋە ئىستېمال پسىخىكىسىغا ئۇيغۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ناھايىتى تېز قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. جۇڭگو تور سودا ماگناتى مايۈننىڭ دېيىشىچە -2020يىلىغا بارغاندا تور سودىسى پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 50% نى ئىگىلەيدىكەن. دېمەك، تور سودىسى بۇندىن كېيىنكى مۇقەررەر يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ تۈرتكىسىدە رايونىمىزدا ئېلېكترونلۇق سودا قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم ئېلېكترونلۇق سودا شىركەتلىرى بارلىققا كەلدى.
تور سودىسى ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقتىن، تور دۇنياسىغا يوللانغان مەھسۇلاتىڭىزنى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقانداق ئادەملەر كۆرەلەيدۇ، دېمەك، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر سىزنىڭ ئىستېمالچىڭىزغا ئايلىنىدۇ.
تۆۋەندە مەن دىيارىمىزدىكى تور سودا سۇپىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىپى يوق(
1.ئەپەندى سودا تورى:
ئۇيغۇرلاردا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان سودا تورى بولۇپ C2C B2B ئەندىزىسىدىكى تور بېكەت.
قۇرۇلغان ۋاقتى تەخمىنەن 2006-يىلى ئەتراپىدا بولۇپ،ئۇيغۇرلارنى ئېلىكترونلۇق سودىغا باشلاپ كىرگەن تور سودا سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ.
ھازىر ئېچىلمايدۇ.
2.ئىزنا سوداتورى: http://www.izna.biz
ئۇيغۇرلاردا ئىككىنچى تۈركۈمدە بولۇپ قۇرۇلغان سودا تورى بولۇپ C2C ئەندىزىسىدىكى تور بېكەت. ھازىر ئېچىلمايدۇ.
3.شىنجاڭ سوداتورى: http://www.xjsoda.com
ئۇيغۇرلاردا ئىككىنچى تۈركۈمدە بولۇپ قۇرۇلغان سودا تورى بولۇپ C2C ئەندىزىسىدىكى تور بېكەت. ھازىر ئېچىلمايدۇ
4.ئۇيغۇر سوداتورى: www.uysoda.com
ئۇيغۇرلاردا تۇنجى تۈركۈمدە بولۇپ قۇرۇلغان سودا تورى بولۇپ B2C ئەندىزىسىدىكى تور بېكەت. ئاساسلىقى ئېلىكترونلۇق بۇيۇملار،يانفۇن زاپچاسلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇلللانغان ھازىر ئېچىلمايدۇ
5.تور تاۋار سوداتورى:www.TorTawar.com
شىنجاڭ «ئەلفۇن» تور-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2013-يىلى5-ئايداقۇرۇلغان . يۇمشاق دىتال ئېچىش ، مىللىي تىل-يېزىقتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا (تورسودىسى)نى ئاساس ،ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان تور-تېخنىكا تەرەققيات كارخانىسى, يېڭى ئەسىرنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، كومپيۇتېر ۋە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال سىستېمىسى تېز تەرەققىي قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ ئانا تىلدىكى تور سودا بىكەتلىرىگە بولغان ئىھتىياجى يۇقىرى كۈتۈرۈلدى . شىنجاڭ ئەلفۇن تور – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىر قانچە يىللىق ئىزدىنىش ئاساسىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ، مال سېتىش ،مال سېتۋېلىش بىخەتەر ھەم قۇلايلىق ، ئىقتىدارى يۇقىرى، سۈرئىتى تېز، رەسىم-يېزىق-سىن بىرلەشكەن ئۆگىنىش مەزمۇنلىرى قوشۇلغان، مۇستەقىل ئالاقە قۇرالى ،ئىزدەش ئىقتىدارى ، سودا خاتىرىلەش ۋە شەخسلەر ياردەمچىسى ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان ، ھازىرقى ئەڭ بىخەتەر پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ئالپاي (alipay)ئارقىلىق پۇل تۆلەش، ئۈچىنجى تەرەپ بانكا كارتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەش ئىقتىدارى قۇشۇلغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن ياسالغان تورتاۋار سودا تورىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ خەلقىمىزنىڭ ئانا تىلدا تور سودىسى قىلىشىغا تىگىشلىك تۆھپىسنى قوشتى
6.تاۋرىم سوداتورى
2013-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغان ئىككى يىل جەريانىدا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرى.
مۇشۇنداق بىر تارىخي ۋەزىيەتتە كەڭ خەلقىمىزنىڭ جۈملىدىن بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىزدا بەھۇزۇر تور سودىسى قىلىش تەقەززاسى ھەسسىلەپ ئاشتى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىككى يىللىق جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە رايونىمىزدىكى پايدىلنىش قىممىتى بولغان تاۋارىم سودا تورى بارلىققا كەلدى.
ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە تاۋارىم سودا تورىدا2000دىن ئارتۇق تور دۇكان، كۈنىگە15000دىن ئارتۇق ئادەم زىيارەت قىلىدىغان، يىللىق سودا سوممىسى2مىليوندىن ئارتۇق سودا بولىدىغان، سودا تورى بارلىققا كەلدى.
7.شىنجاڭ تاۋارسودا تورى
شىنجاڭ ئۇرچى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىر قانچە يىللىق ئىزدىنىش ئاساسىدا
ئۆزگىچەئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ، مال سېتىش ،مال سېتۋېلىش بىخەتەر ھەم قۇلايلىق ،ئىقتىدارى يۇقىرى، سۈرئىتى تېز، رەسىم-يېزىق-سىن بىرلەشكەن ئۆگىنىش مەزمۇنلىرى قوشۇلغان، ئىزدەش ئىقتىدارى ، سودا خاتىرىلەش ۋە شەخسلەر ياردەمچىسى ئىقتىدارلىرىنى قوشۇمچە قىلغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن ياسالغان شىنجاڭ تاۋار سودا تورىنى بارلىققاكەلتۈرۈپ خەلقىمىزنىڭ ئانا تىلدا تور سودىسى قىلىشىغا تىگىشلىك تۆھپىسنى قوشتى
8.ئېتىبار سوداتورى
شىنجاڭ ھەمكار خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتى بايرى قىئاستىدىكى ئىتىبار تور سودا شەھەرچىسى
رايونىمىزدىكى كەسىپلەشكەنB2C تور سودا سۇپىسى بولۇپ ،ھازىر 13 نەپەر
خىزمەتچى خادىمغا ئىگە
9.بايرام سوداتورى
تور سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،رايونىمىز ئېلېكترونلۇق سودىسىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، شىنجاڭدىكى ئېلېكترونلۇق سودا بويىچە تۇنجى دوكتۇر ئابدۇراھمان ئابدۇغېنى يېتەكچىلىكىدە-2015يىلى-1ئايداكۈچلۈك مەبلەغ ئاساسى ۋە مۇكەممەل قوشۇن قۇرۇلمىسى بولغان شىنجاڭ بايرام ئېلېكترونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى. ئابدۇراھمان ئابدۇغېنى يىتەكچىلىكىدىكى بۇ قوشۇن شىنجاڭدىكى ئۇتۇق قازانغان مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سالغان،ئېلېكترونلۇق سودا، ماركىتىڭ، لايىھىلەش، پروگرامما قاتارلىق ساھەلەردە شىنجاڭدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئىنتېرنېت تەپەككۇرىغا ئىگە ياش ئىختىساسلىق خادىملاردىن تەشكىللەنگەن. بايرام تور سودا شەھەرچىسى ئېلېكترونلۇق سودىدىكى O2O, C2C, B2Cقاتارلىقسودا ئەندىزىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن، بېكەت كۆرۈنمەيۈزى، تور تېخنىكا، بىخەتەرلىك جەھەتلەردىن خەلقئارالىق سەۋىيىگە يېقىنلاشقان شىنجاڭدىكى مۇكەممەل تور سودا شەھەرچىسى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تور بېكەت ئىلگىرىكى بىر تور بېكەتتە بىرلا خىل تور سودا ئەندىزىسىنى قوللىنىشتەك ئۇسۇلغا خاتىمە بېرىپ، ئۈچ خىل تور سودا ئەندىزىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ،ئالاھىدە شەكىلدىكى بىر خىل تور سودا ئەندىزىسنى شەكىللەندۈردى.لىكىن ئېچىلمايدۇ
10.ئايخېنىم سوداتورى
2008-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە قۇرۇلغان مەخسۇس خانىم قىزلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى B2Cئەندىزىسىدىكىتور بېكەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىر مەزگىل ياخشى بولغان نەتىجىلەرنى ياراتقان بولسىمۇ كىيىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى توختىتىلغان.(ھازىر مىليونگۈل گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئورگان بېتى قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە)
11.ئەلنۇر يانفۇنتورى:
ئەلنۇرئېلكتىرون پەن-تىخنىكا چەكلىك شىركىتى ئېلكتىرون ساھەسىگە كىرگەن 10 يىلدىن بۇيان،شېنجىندىكى ئەڭ چوڭ بولغان ئېلكتىرون بازارلىردا ۋە شىنجاڭ ئىچىدە بەلگىلىك زورتەسىر كۈچكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە، شىركىتىمىزدىكى بارلىق خادىملارنىڭ 6 يىل جاپالىق تېرشىش نەتىجىسىدە، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەم قويغاندا، دۆلىتىمىز ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە يىزىقتىكى ئىلىكتۇرۇنلۇق سودا سۇپىسىنى ھازىرلىغان، ۋە ماللىرى %100تولۇق بولغان ھەقىقى كۆلەملەشكەن، شىنجاڭئىچىدىكى، بارلىق يانفۈنچىلىق ساھەسىدىكىلەرگە باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان شىركەتكە ئايلىنىپ، دۆلىتىمىز ئىچى ۋە شىنجاڭدىكى يانفۈن تىجارەتچىلىرى ۋە خىرىدارلىرىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە، شىركەت مۇقىم مەبلىغى 5 مىليوندىن ئاشىدىغان شىركەتكە ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئېچىدىكى تۇنجى بولۇپ توردا مال سېتىۋېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئېلىكترون سوداتورنى قۇرۇپ چىقتى.
ئاساسلىقى يانفۇن،يانفۇن زاپچاسلىرىنى توپ ۋە پارچە سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
12.ئەلدىدار تورى
ئەلدىدارئېلكتىرون پەن-تىخنىكا چەكلىك شىركىتى ئېلكتىرون ساھەسىگە كىرگەن 8 يىلدىن بۇيان،شېنجىندىكى ئەڭ چوڭ بولغان ئېلكتىرون بازارلىردا ۋە شىنجاڭ ئىچىدە بەلگىلىك زورتەسىر كۈچكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە، شىركىتىمىزدىكى بارلىق خادىملارنىڭ 6 يىل جاپالىق تېرشىش نەتىجىسىدە، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەم قويغاندا، شىركىتىمىز2014-يىلى3-ئايدا ئەلدىدار ئېلكتىرون پەن-تىخنىكا چەكلىك شىركىتى، نامىنى رەسميئەنگە ئالدۇرۇپ، دۆلىتىمىز ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە يىزىقتىكى ئىلىكتۇرۇنلۇق سودا سۇپىسىنى ھازىرلىغان، ۋە ماللىرى %100تولۇق بولغان ھەقىقى كۆلەملەشكەن،شىنجاڭ ئىچىدىكى، بارلىق يانفۈنچىلىق ساھەسىدىكىلەرگە باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان شىركەتكە ئايلىنىپ، دۆلىتىمىز ئىچى ۋە شىنجاڭدىكى يانفۈنتىجارەتچىلىرى ۋە خىرىدارلىرىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە، شىركەت ئۇيغۇرلار ئېچىدىكى توردا مال سېتىۋېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئېلىكترون سودا تورنى قۇرۇپ چىقتى.
13.دوستۇم سوداتورى
«دوستۇم تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» دوستۇم سودا شەھەرچىسى ئاساسىدا 5 مىليۇن مەبلەغ بىلەن رەسمىي تىزىمغا ئېلىنىپ قۇرۇلغان بۇلۇپ ، شىركىتىىمىز دۆلەت ئىچى ۋەسىرتىدىكى كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارغا ئىنتېرنېت تېخنىكىسى ، تور قۇرۇلۇشى ، تورپىلانلاش ، توربېكەت لايىھىلەش ، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى تۈزۈش ،ئېلېكترونلۇق سودا ھەم ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېگراف ساھەسىدىكى ئاشۇرۇلما قىممەت كەسپى قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا كەسپىي كارخانىسىدۇر .
يۇقارقى ماتىرىياللارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىلغان ماتىرىياللار بولۇپ خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن،بەزى تور سودا سۇپىلىرى چۈشۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن،تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن پەقەت كۆپچىلىكنى پايدىلانسۇن دەپ ماتىرىياللارنى رەتلەپ قويدۇم،خاتا كەتكەن جايلار بولسا ئۆزرە ئېيتىمەن.
مۇھەممەدجان خېۋىر
|