+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2016-9-2 13:42 8494 قېتىم كۆرۈلدى 73 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
46-قەۋەت
يولتاپ ۋاقتى: 2016-9-3 17:40:54
مىنىڭ  ھازىرچە پىكىرىم  يوق ،
47-قەۋەت
ئارىپ ۋاقتى: 2016-9-3 18:32:29
مېنىڭ ئۈمىدىم تەرجىمە قىلغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىغا بەك دىققەت قىلسكەن
48-قەۋەت
ئۆتكور ۋاقتى: 2016-9-3 18:51:02
Miradiljan يوللىغان ۋاقتى  2016-9-3 12:27
مەنچىمۇ ئىلخەت دىگەن مۇۋاپىقمىكى دەيمەن ، ئەينى چاغدى ...

سىز دىھقاننى قارا ساۋات ھېچنىمىنى چۈشەنمەيدۇ دەپ قالدىڭىزما؟ دىھقاننىڭ ئىچىدىمۇ ھەر ئۇقۇمۇشلۇق كىشلەر بار قىرىندىشىم، سەل گەپ سۇزدە سىپايىراق بۇلساق،
49-قەۋەت
ئىدىقۇت ۋاقتى: 2016-9-3 19:23:24
alip يوللىغان ۋاقتى  2016-9-3 14:01
ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائى ...

مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئېلخەت (E-mail) ، كومپىيۇتېر (Computer) ، يانفون (Phone) ، پىرېنتېر ( Printer ) ، ئەپ (App) ،  فونت (Font)  … دېگەندەك ئۆزلىشىپ بولغان سۆزلەرنى ئۆزگەرتمىسەك . ئالپ ئەپەندىنىڭ توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن  ، « زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق »دېگەن لدەك ، دەۋرىگە ماسلاشمىساق بولمايدۇ ، شۇڭا ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . ( قارشى پىكىردىكى ئىنكاسلار قارشى ئېلىنمايدۇ . )
50-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2016-9-3 20:26:29
ئىدىقۇت يوللىغان ۋاقتى  2016-9-3 19:23
مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئېلخەت (E-mail) ، كومپىيۇتېر (Computer ...


بۇ يەردە كومپىيۇتېر پىرېنتىرنىڭ گېپى بولۇنمىدى. بۇلار ئېنگىلىزچىدىن شۇ پېتى قوبۇل قىلىنغان. چەتتىن سۆز قوبۇل قىلىش ئۇيغۇر تىلى قائىدىسدە بار. e-mail نىڭ گېپى بولۇۋاتىدۇ. يا ئېنگىلىزچە شۇ پېتى ئېمايىل دەپ ئېلىش كېرەك. ئېل دېگەن بىر بۇغۇمنى زورلاپ خەتنىڭ ئالدىغا قوشۇش ئۇيغۇر تىلى قائىدىسىگە خىلاپ دەپ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋاتىمىز. ئېخەت ياكى تورخەت دېيىش توغرا بولىدىكەن. بۇ سىز بىزدەكتىن نەچچىنى ئوقۇتىدىغان تىلشۇناسلارنىڭ پىكىرى. مەنمۇ دەسلەپتە ئېلخەت دەپ ئىشلەتكەن، كېيىن تورخەت دەپ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلىپ نەچچە مىڭ قۇر تەرجىمە قىلىپ بولغان تېكىستنى قايتا تەكشۈرۈپ ھەممىنى ئۆزگەرتىپ چىقتىم.
خاتا نەرسە مىڭ ئومۇملىشىپ كەتسىمۇ ھامان خاتا. بىر زامانلاردا نۇرغۇن ئادەم ئۇرغۇي دەيدىغان بولۇپ كەتكەن، خېلى ئومۇملىشىپ قالغان. ئومۇملاشتى دەپ ئۇيغۇر ئۇرغۇي بولۇپ قالمىدى.
ئېلخەت يا ئېنگىلىزچە ئەمەس، يا ئۇيغۇرچە ئەمەس، ئېلى ئىسىملىك ئادەمنىڭ خېتى دېگەن گەپمۇ يا. سىز گەپ چۈشەنمەيدىكەنسىز، بۇ ھەقتە ئەمدى بىر گەپنى تەكرارلاپ ۋاقتىمنى ئالماڭ. تامام.
51-قەۋەت
uyghurr007 ۋاقتى: 2016-9-4 00:11:07
Gvllinayli يوللىغان ۋاقتى  2016-9-3 16:58
ئەمىسە روس تىلىدىن كىرگەنمۇ؟

سىزنىچە نەدىن كىرگەندۇ
52-قەۋەت
Gvllinayli ۋاقتى: 2016-9-4 00:19:42
uyghurr007 يوللىغان ۋاقتى  2016-9-4 00:11
سىزنىچە نەدىن كىرگەندۇ

خاتا ئويلاپتىمەن، بۇ خەن يۈەن سۇلالىللىرىدىكى گەپكەن. ھازىرغىچە داۋام قىپتۇ. توغرىسى «ئاقچا» دەك قىلىدۇ.
53-قەۋەت
uyghurr007 ۋاقتى: 2016-9-4 00:21:50
块钱دىگەن خەنزۇچە گەپتىن كىرگەنمىكى
54-قەۋەت
atax520 ۋاقتى: 2016-9-4 00:34:59
墙纸نى  تەگلىك دەپ ئالسامچۇ
55-قەۋەت
turkzad ۋاقتى: 2016-9-4 09:59:00
ئالىپ ئەپەندى بۇ تېمىنىڭ بېشىدا دەپتۇ، كېڭىشىپ بىكىتىلگەن ئاتالغۇلار، پايدىلىنىڭلار دەپ، ئەمدى مۇشۇنچىلىك بىرلىككە كەلدى نەچچە ھەپتە تالىشىپ يۈرۈپ. ئەمدى يەنە گەپ تېپىپ ئىشنى قالايمىقان قىلمىساڭلار قېرىنداشلار. بىز ئامال بار ۋىندوۋسنىڭ تەرجىمىسى بىلەن بىرلىكنى ساقلاشقا تېرىشتۇق. ئاپتونۇمدا يەنە ئانچە گىپى ئۆتمىسىمۇ نەچچە يىلدىن بىرى ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئىشلەپ كىلىۋاتقان تىل-يېزىق كومىتېتى دەيدىغان بىر ئورگان بار، شۇلارنىڭ گىپىنىمۇ ئاڭلىدۇق، شۇڭلاشقا بىرلىككە كەپ بولغان ئاتالغۇنى تالىشىۋەرمەي، مۇشۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان باشقا ئاتالغۇلارنى تالاش-تارتىش قىلىپ باقايلى.
56-قەۋەت
ablizt ۋاقتى: 2016-9-4 10:31:48
مەن    ئېلخەت  دىگەن سۆزدىكى   ئېل  دىگەن بوغۇمنى   ئېلىكتىر دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى دەپ چۈشۈنۈپ   ئېلخەت دىگەندە ئېلىكتىرونلۇق خەت  دەپ ئويلاپتىمەن  ئېلكىتاب  دىگەن سۆزنى  ئېلىكتىرونلۇق كىتاب  دەپ
57-قەۋەت
Miradiljan ۋاقتى: 2016-9-4 12:19:46
ئۆتكور يوللىغان ۋاقتى  2016-9-3 18:51
سىز دىھقاننى قارا ساۋات ھېچنىمىنى چۈشەنمەيدۇ دەپ قال ...

دىگىنىڭىز توغرا ، گىپىم قوپالراق كەتكەن ئوخشايدۇ ، دىھقان ھەر خىل بولىدۇ ، مەن دىھقاننى قارا ساۋات ، ھېچنىمىنى چۈشەنمەيدۇ دىمىدىم ، دىھقاننىڭ ئىچىدىمۇ سىز دىگەندەك ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەر بار ، شەخسەن مىنىڭ ئاكام ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كىلىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ توسۇشىغا باقماي دىھقان بولدى ، كومپىيۇتىرنى دىگەننى ئۆلتۈرىۋىتەلمىسىمۇ  يىقىتىۋىتەلەيدۇ ،  لىكىن ئاتالغۇ بويىچە پىكىر ئالغاندا  دىھقاننىڭ ئىچىدە كومپىيۇتىر ۋە تېلفۇننى چۈشەنمەيدىغان قارا ساۋات دىھقانلار بار ، بۇ ھەقىقەت دىمەكچى خالاس .
58-قەۋەت
2685058938 ۋاقتى: 2016-9-4 12:49:45
قانداقلا بولمىسۇن مەن قەتئى قوللايمەن .بەزىلەر ئۆزلىشىپ بولغاننى ئىشلەتسەك ئۇ بۇ دەپتۇ .ئۆزلۈشۈپ بولدى دەپ ئىنگىلىزچىنى ئىنگىلىزچە ،خەنزۇچىنى خەنزۇچە ئالغىلى بولمايدۇ .ھەر بىر تىلنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق خاسلىقى بار .ھېلىمۇ مۇشۇنداقلارنىڭ سەۋەبىدىن تىلىمىزنىڭ ساپلىقى ئىغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتتى .يەرلىك تىل بىزگە ئانىدىن تۇغۇلما چۈشۈنۈشلۈك  تىل .باشقىلاردىن كىرگەن ئاتالغۇلارنى ئاڭلاپلا  چۈشەنگىلى بولمايدۇ .ئۈزىمىزنىڭ ساپ بولغان ئاتالغۇلىرىمىزنى ئاڭلاپلا چۈشەنگىلى بولىدۇ .ئەگەر مەن بۇنى ئىشلەتمەيمەن .مەن دىگەن تىلشۇناسلىرىمىزدىنمۇ بىلىملىك دىسىڭىز ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشنى قۇيۇپ ،ئۇيغۇر تىلىدىن ئازراق ئۈگۈنۈپ  كىلىڭ .شۇ چاغدا ئاندىن مۇنازىرىلىشەيلى .
59-قەۋەت
2124644733 ۋاقتى: 2016-9-4 13:13:04
电子邮件         تورخەت
电子书                 توركىتاب دىيىلسە
60-قەۋەت
tanha8848 ۋاقتى: 2016-9-6 02:14:39
ۋېلى زىرەككەك يوللىغان ۋاقتى  2016-9-2 16:59
快键方式 دىگەن مىنىڭچە دىگەننىڭ راس تازا جايىدا بولمىغاند ...

توك قاچىلاش دىمىسەك بولمايدۇ مىنىڭچە ،سىز دىگەندەك مىخ قۇلۇپ دەپ ئاتسىمۇ بولدىكەن سىرىلما قۇلۇپنىڭ ئىشلىتلىش ئورنى ئوخشىمايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部