+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2015-6-27 11:56 115898 قېتىم كۆرۈلدى 77 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئالدىنقى كۈندىكى ئۇقتۇرۇش بويچە تورداشلار قالدۇرغان، بۇرۇن ئالپ تورىغا يوللانغان ئۇيغۇرچە ئاندرويد ئەپلىردىن ئوننى تاللاپ چىقتۇق. تورداشلار بۇ پائالىيەتكە تازا ئاكتىپ بولمىغاچقا بەزى ئەپلەر ئايرىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئىنكاس شەكىلدە تەپسىلى ئۇچۇرلىرنى قالدۇرساڭلار بولىدۇ.

1. بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى



خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە، ئىنگلىزچە – ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://bazar.bilkan.net/App.aspx?id=298
چۈشۈرۈش ئادېرسى: http://bazar.bilkan.net/download.aspx?id=298

2. نۇر خەۋەرلىرى

ئەڭ كەڭ تارقالغان خەۋەر كۆرۈش ئەپ دېتالى
ئىگە تەرەپ تور بېتى: http://www.uyghurapps.biz/nur.apk
چۈشۈرۈش ئادېرسى: http://www.uyghurapps.biz/nur.apk

3. ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئاۋازلىق ئەقلى ئىقتىدارلىق تەرجىمان

شىنجاڭ ئونۋېرستىتى بىلەن كېدا شۈنفېي شىركىتى ياسىغان ئاۋازلىق تەرجىمان. ئاۋاز تونۇش نىسبىتى بەك ياخشى. تەرجىمە سۈپىتىمۇ ھەر ھالدا بولىدۇ.
ئىگە تەرەپ تور بېتى: http://www.misiran.com
چۈشۈرۈش ئادېرسى: http://www.uyghurapps.biz/汉维语音翻译.apk

4. ئېلىپبە

قارلۇق شىركىتى ياسىغان ئېلىپبە ئەپ دېتالى. كىچىك بالىلارنىڭ ئويناپ تۇرۇپ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشىگە ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ.
ئىگە تەرەپ تور بېتى: http://www.qarluq.com
چۈشۈرۈش ئادېرسى
بۇ ئەپ ئۈچۈن adobe air لازىم بولىدۇ، adobe air چۈشۈرۈش

5. ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفون ئۇرغۇچ

كونۇپكا تاختىسىغا ئۇيغۇر تىلىدىكى 32 ھەرپ ( بىر ئ  قوشۇلۇپ 33 ھەرپ ) ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، تېلېفون دەپتىرىدىكى ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى تېز سۈرئەتتە ئىزدىگىلى بولىدۇ . ئالپ تورىنىڭ ئالى باشقۇرغۇچىسى مەردان تۇنجى قېتىم بۇ تېلېفۇن ئۇرغۇچنىڭ كۇنۇپكىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئىگە تەرەپ تور بېتى
چۈشۈرۈش ئادېرسى

6. Touchpal كىرگۈزگۈچ (چۇباۋ كىرگۈزگۈچ)


ئىقتىدارى ياخشى كۆپ تىللىق كىرگۈزگۈچ، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار. سۆزلۈك ئامبىرى بار، سۆز كىرگۈزۋاتقان ۋاقىتتا نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئالپ تورىدىكى «دىتالىم» ناملىق تورداش كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە قىلغان.
ئىگە تەرەپ تور بېتى: http://www.cootek.com/
چۈشۈرۈش ئادېرسى: http://qiannao.com/file/uydital/6c5c6a90/

7. قۇتيار فونتلىغۇچ

Android نەشرى 4.0 دىن 5.0 گىچە بولغان ، رۇت ھوقۇقى ئېلىنغان ھەرقانداق يانفۇنلارغا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلايدۇ. بۇنىڭ يەنە samsung يانفۇن ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغىنى بار بولۇپ، samsung يانفۇنلارغا root ئېلىنمىسىمۇ ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىيالايدۇ.
ئىگە تەرەپ تور بېتى: http://www.qutyar.net
چۈشۈرۈش ئادېرسى: http://tel.shopurluq.com/Qutyar-FontInstaller2.0.apk

8. ئالماس شوپۇرلۇق نەزەرىيە ئىمتىھان سىستېمىسى

مەزكۇر دېتالنىڭ سۇئال ئامبىرى 2013 –يىلى 8- ئايغىچە بولغان بىر قىسىم ئەڭ يېڭى
ماتېرىياللارغا  ئاساسەن تۈزۈلۈپ چىقىلدى،يۇمشاق دېتال سۇئال ئامبىرى ئەڭ يېڭى كىتاپ ھەم مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.
پەن تۈرى 1
ئىگە تەرەپ تور بېتى: http://www.almas.biz
چۈشۈرۈش ئادېرسى: http://app.almas.biz/shopurluq.apk

9. گۈزەل ئىسىملار

يەلتاپان شىركىتى ئىشلىگەن گۈزەل ئىسىملارناملىق ئىسىم تاللاش دېتالى. 10مىڭدىن ئارتۇق ئىسىمنىڭ مەنىسى خەنزۇچە لاتىنچە يېزىلىشى بار.
ئىگە تەرەپ تور بېتى: http://www.yeltapan.com/
چۈشۈرۈش ئادېرسى: http://apps.yeltapan.com/Down.PHP?DownKey=isimalar

10. ئالامەت

ئۆتكۈر شىركىتى ياسىغان كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىردىكى ئەپ.
ئىگە تەرەپ تور بېتى: http://otkur.biz
چۈشۈرۈش ئادېرسى: http://www.uyghurapps.biz/alamet.apk

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +4 يىغىش سەۋەبى
salman123 + 2 مەن قوللايمەن
-دانىش + 2 ياخشى دېتال

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش110 ھەمبەھرھەمبەھر1 قوللايمەنقوللايمەن46 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

77ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
akbulut ۋاقتى: 2015-6-28 01:51:48
نۇر خەۋەرلىرىنى بۇ قاتاردىن چىقىرىۋىتىش لازىم. چۈنكى بۇ ئەپتە ئىملا خاتالىقى شۇ قەدەر كۆپكى، ئادەمنىڭ نۇمۇسى كېلىدۇ. بولسا مۇشۇ ئىنكاسىمنى نۇر تورى ئەپىنىڭ ئىگىسى بىر كۆرسە!
تۆر
2595922642 ۋاقتى: 2015-6-27 12:17:08
ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق تەرجىمە يۇمشاق دېتالى ئايرىلىپ قاپتۇ،
گىلەم
alip ۋاقتى: 2015-6-27 12:34:28
2595922642 يوللىغان ۋاقتى  2015-6-27 12:17
ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋازلىق تەرجىمە  ...

ئۇ ئەپ قوزغالماس بولۇپ قالدى.
ئورۇندۇق
2595922642 ۋاقتى: 2015-6-27 12:47:54
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   2595922642 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-27 13:34  
alip يوللىغان ۋاقتى  2015-6-27 12:34
ئۇ ئەپ قوزغالماس بولۇپ قالدى.

مانا نۇرمال ئىشلەيدۇ،





5-قەۋەت
hutanjan ۋاقتى: 2015-6-27 12:52:46
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي ،تېلفۇن ئالماشتۇرۇپ قالسام لازىمى بولىدۇ دەپ ئويلۇدۇم ئۆزەمچە

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
6-قەۋەت
uyghurdetal ۋاقتى: 2015-6-27 13:00:32
يەنە باشقا چۈشۈپ قالغان نادىر ئەپلەرمۇ بار ئىكەنتۇق. تېما يوللانغاندا ئىنكاس قايتۇرۇشقا پۇرسەت بولمىدى.
7-قەۋەت
yigana240 ۋاقتى: 2015-6-27 13:14:10
http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=40129&highlight=%D8%AA%DB%95%D8%B1%D8%AC%D9%89%D9%85%D8%A7%D9%86&mobile=2
بۇ ئادىرىستىكى تەرجىماننى يېڭىلاپ ئوڭشاپ قويغان بولساڭلار بەك ئوبدان بۇلتى ھازىر تەرجىمە قىلالمايدىغان بوپقاپتۇ

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
8-قەۋەت
ھەيدەر520 ۋاقتى: 2015-6-27 13:34:20
ئاۋۇ تەرجىمان 78mb لىق تەرجىمان شۇمۇ
9-قەۋەت
2595922642 ۋاقتى: 2015-6-27 13:39:01
ھەيدەر520 يوللىغان ۋاقتى  2015-6-27 13:34
ئاۋۇ تەرجىمان 78mb لىق تەرجىمان شۇمۇ

ئەمەس
10-قەۋەت
1529657456 ۋاقتى: 2015-6-27 13:51:21
2595922642 يوللىغان ۋاقتى  2015-6-27 13:39
ئەمەس

ئەمسە چۈشۈرۈش ئادرىسىنى  سىز  يوللاپ قويامسىز
11-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2015-6-27 13:54:35
ئ‍ەسسالام ، ئ‍الىپ ، ئ‍ەپەندى ، يەنە ، تەلەي يامىقى ، بەيدۇ ئ‍ۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ، ئ‍ۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بىۋاستە ئ‍ىكران يۈزىگە چىقارغىلى بۇلىدىغان ھاۋارايى دىتالى
12-قەۋەت
2595922642 ۋاقتى: 2015-6-27 14:26:12
1529657456 يوللىغان ۋاقتى  2015-6-27 13:51
ئەمسە چۈشۈرۈش ئادرىسىنى  سىز  يوللاپ قويامسىز

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

http://m.d9soft.com/android/952-101-129470.html

باھا سۆز

رېروس دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىۋالدىغۇ،مۇشۇنى توغرىلاپ قويساڭلار بوپتىكەن.  ۋاقتى: 2017-5-27 17:47
13-قەۋەت
ئاتەش119 ۋاقتى: 2015-6-27 14:39:53
ئەركيۇرت ئەپەندى ياسىغان تىما يوللاش ياردەمچىسى ۋە ئەرقال تاراتقۇ ئەپ دىتالىمۇ نادىر ئەپلەر قاتارىغا كىرىدۇ دەپ قارايمەن.
14-قەۋەت
APKK ۋاقتى: 2015-6-27 14:48:49
ئاتەش119يوللاش9مىنۇت ئىلگىرىئەركيۇرت ئەپەندى ياسىغان تىما
ئۇلار كىرمەپتۇ

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان
15-قەۋەت
yusanjan13 ۋاقتى: 2015-6-27 15:09:01
قۇتيار فونتلىغۇچىنىڭ سامسۇڭ نەشىرىنى پەقەت سامسۇڭغىلا ئەمەس باشقا 设置-显示-字体دەپ بولسىلا تۇنۇيدىكەن مەن 中兴غىمۇ شۇنى ئىشلەتتىم نۇرمال
باشقا بەزى تاغتۇرا تېلفۇنغىمۇ ماس كەلدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部