+تېما يوللاش
hawaskar27 يوللانغان ۋاقتى:2016-10-27 18:52 5977 قېتىم كۆرۈلدى 109 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى تورداشلار كەچلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن، مەن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى يۇرتۇم ھاۋارايى ناملىق ئەپنى پۈتتۈرگەنلىكىم توغرىلىق تېما يىزىپ تورداشلارنىڭ ئىشلىتىپ كۆرىشىگە سۇنغانىدىم، ئالىپ تورىدىكى تورداشلارنىڭ كۆڭۈل بۈلۈشى ۋە قىزغىنلىق بىلەن پىكىر-تەكلىپلەرنى بىرىشى ئارقىلىق ئەپتە ساقلانغان ئاز بولمىغان مەسىلىلەرنى بايقىدىم، تورداشلارنىڭ مەدىتى بىلەن بۇ بىرقانچە كۈندە مەسىلىلەرنى بىردىن بىردىن تۈزۈرۈپ چىقتىم، تۆۋەندە يېڭى نەشىرىنى ئازراق تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن:
مۇشۇ بىرقانچە كۈندە ئۈندىدارىمنى ئاتايىتەن قۇشۇپ ماڭا قىزىل بولاق ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرغان دوستلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىم، تىنىڭلار سالامەت، ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن!
ئالدىنقى يازمامدا يوللىغىنىم ئەپنىڭ 1.0 نەشىرى ئىدى، ئەپتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئىشلىتىپ باققان دوستلار بىلىسىلەر
يازمىنى يوللىغاندىن كىيىن ئىشلەتكۈچىلەر تۇيۇقسىز كۆپىيىپ مۇلازىمىرنىڭ تور ئېقىم مىقتارى يىتىشمەي قالغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئەسلىدىكى 1 M لىق مۇلازىمىرنى پۇل قۇشۇپ 4 M غا كۆتىرىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن توختىماي مۇلازىمىرغا ئۇلانمىدى دەپ چىقىدىغان مەسىلە ئاساسەن ھەل بولغان. شۇنىڭ بىلەن مەن ئەپنىڭ 1.1 نۇسقىسىغا خەنزۇچە ئەپ بازىرىنىڭ ئېلانىنى قۇيۇپ تارقاتتىم، بۇنى توغرا چۈشەنگەنلەرمۇ بولدى توغرا چۈشەنمىگەنلەرمۇ بولدى، لىكىن ھىچقىسى يوق دوستلارنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ئاساسى بار، بۇ بىرقانچە كۈندە كۆپچىلىك بايقىغان مەسىلىلەرنى ئاساسەن ھەل قىلىپ ئەپنىڭ 1.2 نۇسقىسىنى ھازىر تارقاتتىم، تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە.
تۈزۈتۈلگەن خاتالىقلار :
1. ئەپتىكى ئۇيغۇرچە خەتلەردىكى ئىملا خاتالىقلىرى تۈزىتىلدى، ماڭا خەتلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈشۈپ بەرگەن تورداش دوستلارغا رەھمەت.
2. ئىئاقسۇ دەپ چىقىۋالىدغان ئىش ئوڭشالدى، ئاقسۇ دەپ چىقىدىغان بولدى.
3. قارغىلىق دىگەن نام قاغىلىقغا ئۆزگەرتىلدى.
4.ئېكران باش تەگلىكىدىكى ھاۋارايى سائىتى سېستىما سائىتىدىن كىيىن قالىدىغان خاتالىق تۈزۈتۈلدى.
5. شىياۋمى يانفۇنلارغا تورغا ئۇلانماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى، شىياۋمى بەش يانفۇنىدا سىناقتىن ئۆتكۈزۈلدى.
6. سەنشىڭ يانفۇنىدا تورغا ئۇلانماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى، سەنشىڭ S 6 تىپلىق يانفۇندا سىناقتىن ئۆتتى.
7. يەر جايلىرىنى خاتا تەرجىمە قىلىدىغان خاتالىقى تۈزۈتۈلدى.
8. ھەر كۈنى كەچ سائەت 12 دە ھاۋارايى ئۇچۇرنى 22 سائەت بۇرۇنغا قايتىپ قالىدىغان خاتالىق ئۆزگەرتىلدى.
9. ئەپتىكى ئېلان چىقىرىۋېتىلدى، بۇ نەشىرىدە ئەمدى ئېلان چىقمايدۇ.

يېڭىدىن قۇشۇلغان مەزمۇنلار :
1. كۈن چىقىش كۈن پېتىش ۋاقتىنى ھىسابلاش ئىقتىدارى قۇشۇلدى.
2. ئەپنى بېيجىڭ ۋاقتى ۋە شىنجاڭ ۋاقتىغا توغىرلىغىلى بۇلىدىغان بولدى، بەزى دوستلار ئىشكىردە بولغاچقا شىنجاڭ ۋاقتىدىن ئىككى سائەت ئىلگىرى بولغان بېيجىڭ ۋاقتىنىمۇ قۇشۇشنى زۈرۈر دەپ قارىدىم.
3.ھاۋارايى بېتى كۆركەملەشتۈرۈلدى، خەتلەرنىڭ ئەتراپىغا مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان كىچىك رەسىملەر قۇشۇلدى.
4.ئەپ ھەر يېرىم سائەتتە باش شەھەرنىڭ ھاۋارايىنى بىر قېتىم ئاپتۇماتىك يېڭىلايدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلەتكۈچى قول بىلەنمۇ ئۆزى يېڭىلاشقا يول قۇيۇلدى، ھاۋا رايى بىتىنى بېسىپ تۇرۇپ تۆۋەنگە تارتسىڭىز ھاۋارايى يېڭىلىنىدۇ، ھاۋارايى ئىستانسى يېڭى ئۇچۇر تارقاتمىغان بولسا يېرىم سائەتتىن كىيىن ئەپ ئۆزى قايتا يېڭىلاش ئۈچۈن ئۇرىنىدۇ.
5.ئېكران ئۈچۈك ياكى ئەپنى ئاچمىغان ۋاقىتتىمۇ، باش شەھەرنىڭ ھاۋارايى يېرىم سائەتتە بىر يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بولدى.
6.شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپەت مەلۇماتى قۇشۇلدى، بۇ ئىقتىدارنى ياساپ ئەپكە قۇشۇپ بولدۇم ،شۇنچىسى ھەقسىز ئېرىشكەن ئۇچۇرۇمدا رايۇنىمىزدىن پەقەت بىر قانچە شەھەرنىڭلا باركەن، كىيىنچە قۇربۇم يەتكەندە ناھىيىلەرنىڭمۇ ھاۋاسۈپەت مەلۇماتىنى سېتىۋېلىپ تەمىنلەيمەن.
7. ئەپ ئۆزىنى ئۆزى يېڭىلاش ئىقتىدارى قۇشۇلدى، ئەگەر ئەپنىڭ يېڭى نەشىرى بايقالسا ئۆزى ئاپتۇماتىك سىزگە يېڭىلاشنى ئەسكەرتىپ چۈشۈرۈپ بېرىدۇ ، سىز چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئىزدەپ ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

كىيىنكى نەشىرىدە ئوڭشىماقچى بولغانلار:
1. تۇمشۇق شەھىرىنىڭ مەلۇماتى مەندىكى ئۇچۇردا يوقكەن، كىيىن ياخشاراق مەلۇمات مەنبەيىدىن سېتىۋالسام، تۇمشۇق شەھىرنى قۇشىۋېتىمەن.
2. ھىجىرىيە كالىندارىنى قۇشۇشقا ئۈلگىرەلمىدىم، كىيىنكى نەشىرلىرىدە قۇشىمەن.
3. بەزىدە مۇلازىمىرغا ئۇلانمىدى دەپ چىقسا بىرەر مىنۇتتىن كىيىن قايتا سىنىسىڭىز ئوڭشىلىدۇ، مۇلازىمىرنىڭ ئىشى
ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ مېنى قوللىغىنىغا كۆپ تەشەككۈر!

ئەپ نورمال ئىشلەۋاتقان دوستلار ئەپنىڭ ئىچىدە يېڭىلاش ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالىسىلەر، شۇ ئارقىلىق يېڭىلىساڭلار بولىدۇ، ئەپ نورمال ئىشلىمەي قالغان دوستلار ئەپنى يۇيىۋېتىپ ماۋۇ ئادرىستىن ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ:
http://115.159.28.64/weather2.apk

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4تەجرىبە +92 يىغىش سەۋەبى
BazilaR + 2 يەنىمۇ تىرشىىڭ
kilimat + 50 ئىجادىي ئەسەر
secret + 30
بۆرە216 + 10 داۋاملىق تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش2 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن8 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

109ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
于于于于于 ۋاقتى: 2016-11-4 13:45:49
mayus يوللىغان ۋاقتى  2016-11-4 12:35
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەپ ياسىغۇچى ھەۋەس 27 قىرىندىشىم ! ھ ...

ئۇلنىش ھاۋارايى.ماۋۇ قېرىندىشىمىز ياسىغان ھاۋارايىدەك، ئېكران يۈزىگە چىقامدىكەن.سىزمۇ نەدىكىى بىرگەپنى قىلىدىكەنسىز، كىشىنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىپ.
گېپىم ئېغىر كەتىكەن بولسا كەچۈرۈڭ.

Screenshot_2016-11-04-11-42-19-257_com.miui.home.png (198.13 KB, چۈشۈرۈش سانى: 14)

Screenshot_2016-11-04-11-42-19-257_com.miui.home.png
تەۋسىيىلەش
mayus ۋاقتى: 2016-11-4 12:35:47
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەپ ياسىغۇچى ھەۋەس 27 قىرىندىشىم ! ھەۋەس بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ شۇنداق ياخشى بىر ئەپنى ئشلەپ يوللىغانلىقىڭىزدىن ئنتايىن بەك خوش بولدۇم . رەھمەت سىزگە . يۇقىرىدا تورداشلار ناھايىتى قىممەتلىك پىكىر ، تەكلىپلىرىنى بايان قىلىپتۇ . قارىسام يەنە تىخى تەكلىپلىرى تۇگەيدىغاندەك ئەمەس . سىز يەنە بەزى كام جايلىرىنى سىتىۋىلىپ يەنە يوللايدىغانلىقىڭىزنى ئىتىپسىز .
شۇڭا مىنىڭ تەكلىۋىم : بۇ ئەپتىنمۇ بەكىرەك ياخشى ھەم مۇكەممەل بولغان ھاۋارايى ئەپ دىتالىنى سىزدىن بۇرۇن ‹‹ ئۇلىنىش تورى ›› ياساپ ئىلان قىلىپ بولغىنى نە ۋاخ .
‹‹ ئۇلىنىش ›› تورىنىڭ بۇدىتالى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ، بۇنىڭدا ھىجىرىيە ۋە مىلادىيە يىل ، ئاي ، كۇن چىسلالىرى ، ھەپتە كۇنلىرى ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ، ناھىيە ،ئوبلاس ، شەھەرلەرنىڭ شۇ كۇنلۇك ھاۋارايى مەلۇماتى تولوق تونوشتۇرۇلغان . يەنە كەلگۇسى بەش كۇنلۇك ھاۋارايى ئەھۋالى ،  ھەر قايسى  جايلارنىڭ شۇ كۇنلۇك كۇن چىقىش ۋە كۇن پىتىش ۋاختىلىرىدن تولوق مەلومات بىرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان  .
گەپنىڭ قىسقىسى ، يۇقىرىدا تورداشلار تەلەپ ۋە ئنكاس يازغانلارنىڭ شۇنداقلا سىز سىتىۋالماقچى بولغانلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ‹‹ ئۇلىنىش ›› تورىنىڭ ‹‹ ھاۋارايى ›› ئەپ دىتالىدا تولوق بار . بۇدىتالنى مەن ‹‹ ئوتقاش  ئەپ بازىرى›› دىن يانفۇنۇمداچۇشۇرۇپ ئشلىتىپ بۇ ئەپنى ئشلىگەن  ‹‹ ئۇلىنىش ›› تورىدىن تولىمۇ سۆيۇندۇم . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارغا كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ئيتىمەن . شۇنداقلا تورداشلارنىڭ ۋە تىما ئىگىسىنىڭ ‹‹ ئوتقاش ئەپ بازىرى ››دىن بۇدىتالنى چۇشۇرۇپ ئشلىتىپ كۆرۇپ بىقىشىڭلارنى كۇچلۇك تەۋسىيە قىلىمەن .  شۇنداقلا ‹‹ئوتقاش ئەپ بازىرى ›› دىتالىنى يانفۇنىڭلاردا چۇشۇرۇپ ، ئۇنىڭ ئچىدىكى ئسىل ئەپلەردىن پايدىلىنىشىڭلارنى ئاجايىپ بەك كۇچلۇك تەۋسىيە قىلىمەن .
تەۋسىيىلەش
mamatili ۋاقتى: 2016-10-29 16:35:34
ئىنكاس بىرىشنى لايىق تاپتىم ، سائىتىنىڭ باتارىيىسى تۈگىدىمۇ ، كەينىدە قالىدىكەن . ئىشلەتكەن بولسام نۇرغۇن ئىشلىرىمغا دەخلى يەتكۈزەركەن . باتارىيىسىنى تولۇقلاپ يېڭى نەشىرىنى يەنە بىر قىتىم يوللاپ قويسىڭىز بولغۇدەك . تىرىشىڭ ياخشى ياسىلىپتۇ .

باھا سۆز

بۇ مەسىلە يەنىلا پاكىز ھەل بولمىغان ئوخشايدۇ، كىيىنكى نەشىرىدە ھەل قىلىۋ....  ۋاقتى: 2016-10-29 19:13
تەۋسىيىلەش
joda ۋاقتى: 2016-10-28 14:43:16
خىلۋەت يوللىغان ۋاقتى  2016-10-27 20:59
رەھمەت جۇمۇ سىزگە ، بۇ دىتالىڭىزغا بەك بەك كۆيدۈم …
لىك ...

مىنىڭ ئۇستىدىكى سائەت چىقماي ،ئاستىدىكى 5 كۈننىڭلا چىقىۋاتىدۇ ..ئۇنى قانداق تەڭشەيمىز ؟؟
تەۋسىيىلەش
خىلۋەت ۋاقتى: 2016-10-27 21:11:59
2595922642 يوللىغان ۋاقتى  2016-10-27 21:06
مەن چىقىۋالدىمغۇ ئەمسە باي دەپ

ۋاھ…   سىزنىڭكىدە راسلا باي نى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ،  
خەپ ، مەنمۇ چوڭ بولسام چۇقۇم خۇاۋېي ئالمىسام…
تۆر
غېرپ ۋاقتى: 2016-10-27 19:58:07
رەھمەت بەك ئېسىل ئەپكەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرى
گىلەم
hakanbiz49520 ۋاقتى: 2016-10-27 20:00:03
رەھمەت ، ئەپ دىگەننى ياساپ قۇيدىكەنسىزغۇ ؟
ئورۇندۇق
uyghur26 ۋاقتى: 2016-10-27 20:00:04
ئىشىلتىپ بېقىپ بىرنەرسە دەي ،رەھمەت ،بەك ياقتۇرغان كۇنىسىمىنىۇ
5-قەۋەت
uyghur26 ۋاقتى: 2016-10-27 20:07:13
شىنجاڭ ۋاقتى بەك ياخشى بوپتۇ، رەھمەت ،
6-قەۋەت
بۆرە216 ۋاقتى: 2016-10-27 20:10:35
ئىسىل    داۋاملىق تىرىشىڭ ......    سىزنى   قولايمىز
7-قەۋەت
abduxkuraaaaaaa ۋاقتى: 2016-10-27 20:12:55
مەنىڭ شىنجاڭ ۋاقتىدىن باشقا پىكرىم يوقتى ئەمدى بۇمۇ ھەل بوپتۇ رەھمەت
8-قەۋەت
سەرخىل ۋاقتى: 2016-10-27 20:15:19
كۆپ  رەھمەت قېرىندىشىم
9-قەۋەت
abduxkuraaaaaaa ۋاقتى: 2016-10-27 20:21:41
بوسا سائىتىنى 24 سائەتكى ئۇدۇللىغىلى بوسا كىيىنكى نەشرىدە مۇشۇنى بىر ھەل قىلۋەتكەن بوسىڭىز
10-قەۋەت
ئ‍ۆگەن ۋاقتى: 2016-10-27 20:26:27
ئالامەت ياخشى قىپسىز قېرىندىشىم قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .كېيىنمۇ ئ‍انا تىلىمىزدىكى نادىر ئ‍ەپلەرنى سۇنۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن .مەن سىزنى مەڭگۈ قوللايمەن
11-قەۋەت
yulyirak ۋاقتى: 2016-10-27 20:29:48
رەھمەت كۆپچىلىك ئۈچۈن  بەك جاپا چەكتىڭىز
12-قەۋەت
of38 ۋاقتى: 2016-10-27 20:40:51
GPS  نى  ئاچمىسا  ئىشلىمەمدۇ قاندا

باھا سۆز

ئۇرۇننى ip ئارقىلىق بەلگىلەيتى  ۋاقتى: 2016-10-27 20:46
13-قەۋەت
okyar ۋاقتى: 2016-10-27 20:41:19
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەپنى بەكلا ياخشى ياساپسىز.1 تەكلىپىم.بولساQQئارقىلىقمۇ ئاكتىپلاشنى قېتىپ قويغان بولسىڭىز.ئۈندىدار ئىشلەتمەيدىغانلار ئۈچۈن ئاسان بولاتتى.

باھا سۆز

كىيىنكى نەشىرىدە قۇشىۋېتەي  ۋاقتى: 2016-10-27 20:43
14-قەۋەت
muhtrim ۋاقتى: 2016-10-27 20:46:39
بارىكاللا قىرىندىشىم
15-قەۋەت
خىلۋەت ۋاقتى: 2016-10-27 20:59:02
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خىلۋەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-10-27 21:08  

رەھمەت جۇمۇ سىزگە ، بۇ دىتالىڭىزغا بەك بەك كۆيدۈم …
لىكىن بەك ئەپسۇس مىنىڭ قۇلۇمدىكى قىزىل گۈرۈچ 3s يانفۇنۇمدا يۇرتۇم باينى كۆرۈسۈتۈپ بەرسەممۇ يەنە ئېكرانغا ئۈرۈمچى چىقىۋېلىۋاتىدۇ…

Screenshot_2016-10-27-18-52-36-686_com.miui.home.png (241.78 KB, چۈشۈرۈش سانى: 5)

Screenshot_2016-10-27-18-52-36-686_com.miui.home.png

Screenshot_2016-10-27-18-53-03-532_com.miui.home.png (241.66 KB, چۈشۈرۈش سانى: 10)

Screenshot_2016-10-27-18-53-03-532_com.miui.home.png
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部