+تېما يوللاش
hawaskar27 يوللانغان ۋاقتى:2016-12-23 14:14 3332 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
        ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىپداشلار:
        نەچچە ئاي ئىلگىرى ئوقۇۋاتقان كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يەر تەۋرەش ھەققىدە ياسغان ئەپنى ئالىپ مۇنبىرىدىكى دوستلارنىڭ ئىشىلتىشىگە سۇنغان ئىدىم، ئارىلىقتا پىراكتىكا قىلىش خىزمەت ئىزدەش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەلەلچىلىلىدە ئەپنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ۋاقتىم چىقماي قالغان ئىدى، ئالغان بۇلۇت مۇلازىمىرىمنىڭمۇ ۋاقتى ئۈتۈپ كېتىپ توختاپ قاپتىكەن، بۇ بىرقانچە كۈندە ئەپنى يېڭىلاپ يېڭى مۇلازىمىر ئارقىلىق نەشىرىنى يېڭىلاپ قويدۇم، قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېشىقىشىنى قارشى ئالىمەن.
        ئالدىنقى نەشىرىدە كۆپچىلىكنىڭ قويغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ:
        بۇ ئەپ تېخى يۈز بەرمىگەن يەر تەۋرەشنى سىزگە پەرەز قىلىپ بېرەلمەيدۇ، بۇنداق تېخنىكا ھازىرقى ئىلىم-پەن سەۋىيەسىدە تېخى بارلىققا كەملىدى. كۆپچىلىك ئېيىتقان " ياپۇنىيىكلەر ياساپتىكەنغۇ..." بولسا بىرىنجى: ماتىماتىكىلىق ئىستاتىسكا ئارقىلىق پەرەز قىلىپ تاسادىبىي توغرا كېلىپ قالغان ، ئىككىنجى: يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان يەرنىڭ نەچچە ئون كىلومىتىر ئاستىدىكى يەر قاتلىمىغا سېنسزور ئورۇللاشتۇرۇپ ، سېنسزور يەر تەۋرەشنى بايقىغان ھامان ئىلىكتىر سىمى ياكى سىمسىز چاستۇتا ئارقىلىق ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرگە خەۋەر قىلىش ، ئىلىكتىر سىمىدىكى ياكى سىمسىز چاستۇتىدىكى ئۇچۇر نۇر تېزلىكىدە تارقىلىدۇ، يەر تەۋرەش دۇلقۇنى بولسا 5000-7000 مىتىر ھەر سېكونتلۇق سۈرئەتتە تارقىلىدۇ، شۇڭا يەر تەۋرەش كېلىشتىن بۇرۇن بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
        بۇ تۈردىكى ئەپلەرنىڭ خەنچىلىرى ئاز ئەمەس، مەن ئۇلارنى دوراش مەقسىدىدە ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرچىدىكى مۇشۇ تۈردىكى ئەپنىڭ يوق بۇلىشىدەك بوشلۇقنى تولدۇرسام دىگەن نىيەتتە ئىزدىنىپ باقتىم، بۇ كەسىپتە ئوقۇغاندىن كىيىن مۇشۇ كەسىپتىن كۆپچىلىككە ئازىراق پايدىسى كەلگۈدەك ئىش قىلالىسام خوش بولۇپ قالىدىكەممەن.
        ئەپنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى:
        ھەر قېتىم يەرتەۋرىگەن ھامان دۆلەت يەرتەۋرەشنى كۈزۈتۈش مەركىزى توردا شۇھامان بۇ ئۇچۇرنى تارقىتىۋېتىدۇ، مەن بۇلۇت مۇلازىمىردىن بىرنى ئېلىپ مەخسۇس مۇشۇ ئۇچۇرنى يىغىشقا قويدۇم، ئۇچۇر قۇبۇل قىلىنغان ھامان سېستىما بۇ ئۇچۇرنى تەرجىمە قىلىپ سانداندا ساقلاش بىلەن بىرگە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يانفۇنىغا تارقىتىدۇ، يانفۇن قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئاۋازلىق ياكى تىتىرەش ئارقىلىق يانفۇن ئىگىسىگە خەۋەر قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپچىلىكنىڭ خەرىتە كۆرىشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن خەرىتىگە رايۇنىمىزدىكى ناھىيە شەھەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزاھاتىنى قۇشىۋەتتىم، ھازىرقى مۇلازىمىرىمنىڭ ئىقتىدارى ۋە تور شارائىتىدىن قارىغاندا يەر تەۋرەپ بىر مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بولغان ئارلىقتا ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالالايسىز.
        چۈشۈرۈش:  ئاندرويد نۇسقىسىنى بۇ خەتنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ
        ئەپتىن رەسىملەر:
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش1 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن6 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

6ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
xukur000 ۋاقتى: 2016-12-23 14:36:39
كوت كوتقا بەھىرلىگىلى بولمامدۇ
گىلەم
15599976892 ۋاقتى: 2016-12-23 14:37:11
پەن-تېخنىكا دەرىجىدىن تاشقىرى تەرەقى قىلىپ كەتسىمۇ ،ئىنساننىڭ بىلىش دائىرىسى چەكلىك ئەتە نىمە ئىش بولدىغانلىقىمۇ شۇنىڭ بىرسى
ئورۇندۇق
1033993080 ۋاقتى: 2016-12-23 15:43:08
بۇلدىكەن مەن چۈشۈردۈم ئەمسە
5-قەۋەت
vipkarakqi ۋاقتى: 2016-12-23 17:23:20
يارايسىز  بولدغان ئەپكەن ھەر ھالدا يەرتەۋرگەن ئۇرۇننى بىلۋالغلى بولدكەن   مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم رەھمەت
6-قەۋەت
يولتاپ ۋاقتى: 2016-12-23 17:37:59
يېڭى يەر تەۋرىگەن ئۇرۇنلار ۋاقتى ۋاقتىدا يوللىنىپ تۇرامدىكەن
7-قەۋەت
Günes ۋاقتى: 2016-12-24 14:01:21
ياخشى ئەپكەن لېكىن ئىملا خاتالىقى كۆرنەرلىككەن.
كۇچار ئەمەس كۇچا
ھەمبىرەككە ئەمەس چەمبىرەككە بولىشى كېرەكقۇ دەيمەن ؟
كىيىنكى نەشىردە تۈزتىۋەتكەيسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部