+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2016-9-2 13:42 8496 قېتىم كۆرۈلدى 73 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
شىياۋمى رومىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى تىلشۇناسلار، IT ساھەسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلتۈردۇق. ئۇچىرىغانلىرىنى يېزىپ قويدۇم. قالغانلىرىنى داۋاملىق قوشۇپ قويىمەن. باشقىلار  تەرجىمە ئىشلىرىدا پايدىلانساڭلار بولىدۇ.

便签                 باغاقچە
私密                 شەخسىي
暂停                 تورمۇزلاش
默认                 سۈكۈتتىكى
扫一扫                 سايىلەش
快捷                 تېزلەتمە
快捷方式         قىسقا يول
幻灯片                 تامتەسۋىر       
电子邮件         تورخەت
电子书                 ئېكىتاب
呼叫转移         چاقىرىق يۆتكەش
密码                 پارول
图案解锁         سىزىپ قۇلۇپ ئېچىش
图案锁                 سىزما قۇلۇپ
智能                 ئەقلىي
手机分身         يانفون ئايرىش
分享                 ھەمبەھر
视频                 سىن
注册                 تىزىملىتىش
登陆                كىرىش
数据网络         كۆچمە تور
联系人                ئالاقىداش
应用                ئەپ
软件                يۇمشاق دېتال
充电                زەرەتلەش
缓存                غەملەك
发送成功        يوللاندى
发送失败          يوللانمىدى        

运营商                خەۋەرلىشىش شىركىتى
壁纸                تەگ رەسىمى
模式                 ھالەت
飞行模式        ئايروپىلان ھالىتى
关键词                ئاچقۇچلۇق سۆز
安装包                قاچىلاش بولىقى
语言包                تىل بولىقى
官方                ئىگە تەرەپ
文件夹                قىسقۇچ
黄页                مۇندەرىجە بەت
小部件        ئەپچە
自定义        ئۆزلەشتۈرۈش

(成功، 失败 دەپ كەلگەن جۈمىللەردە غەلبىلىك بولدى، مەغلۇب بولدى دەپ خەتنى شۇ پېتى تەرجىمە قىلىپ سوزۇپ يۈرمەي، جۈمىلىگە ماسلاشتۇرۇپ ئالساق بولىدۇ. خەنزۇچىدا شۇنداق يازمىسا مەزمۇن ئىپادىلەنمەيدۇ، ئەمما ئۇيغۇرچىدا بولىۋېرىدۇ)
ئەپ، يۇمشاق دېتال، مەشغۇلات سىستېمىسنى تەرجىمە قىلىش يەرلىكلەشتۈرۈش دېيىلدۇ. نۇقۇل تەرجىمىلا ئەمەس. ئېنگىلىزچە Localization ، خەنزۇچە 本地化 ياكى 汉化  دەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا ھەممە گەپنى خەتمۇ خەت تەرجىمە قىلمايمىز. بەزىلىرىنى ئەمىلىي ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىمىز، بەزى گەپنى قوشىمىز. بەزىلىرىنى ئېلىۋېتىمىز.
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش11 ھەمبەھرھەمبەھر2 قوللايمەنقوللايمەن7 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

73ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋسىيىلەش
alip ۋاقتى: 2016-9-2 16:10:51
nida يوللىغان ۋاقتى  2016-9-2 16:03
充电 نى توك قاچىلاش دېگۈچە، توكلاش دېسەكچۇ؟ زەرەتلەش دېس ...


كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەممە ئادەم توك قاچىلاش، توك قاچىلاڭ دەۋاتسا. ماشنىغا گاز قاچىلاش دەيمىزمۇ ياكى ماشنىنى گازلاڭ دەيمىزمۇ. بېنزىن قاچىلاڭ دەيمىزمۇ بېنزىنلاڭ دەيمىزمۇ؟ ماي قاچىلاڭ دەيمىزمۇ مايلاڭ دەيمىزمۇ؟
ئاددىي خەلق ئاممىسى چۈشەنگۈدەك تەرجىمە قىلمىسا گەپلىرىنى چۈشىنەلمەي ئۇيغۇرچىدىن زېرىكىپ قالىدۇ.

باھا سۆز

ئاممىباپ بولغىنى ياخشى، ھەرقانداق كىشى كۆرۈپ چۈشۈنەلەيدۇ.  ۋاقتى: 2016-10-29 12:30
تەۋسىيىلەش
ئىدىقۇت ۋاقتى: 2016-9-2 21:24:41
مېنىڭچە بەكلا يەرلىكلىشىپ كەتمىگىنى ياخشى ، سىلىق ، يېقىملىق ئىلمىي چىققىنى ياخشى ، مېنىڭچە 快捷方式  نى  تېز ئىجرا شەكلى ، 电子邮件 نى ئېلخەت ، 图案锁 نى ئەندىزە قۇلۇپ ، 数据网络 نى كۆچمە تور ، 扫一扫 نى سېكاننېرلاش ، 充电 نى زەرەتلەش ، 幻灯片 نى زەرەتلەش ، 关键词 نى ھالقىلىق سۆز … دېسەك ، مېنىڭچە ئۆلچەملىك ئىلمىي يېزىقتا چىققىنى ياخشى ، بۇنى ھەر ساھەدىكى كىشىلەر ، ھەر يەردىكى كىشىلەر ئىشلىتىدۇ ، شۇڭا ئىلمىي چىققىنى ياخشى ، ھازىر ئۆزىمىزنىڭ ھېسىياتىنى دەپ ھەر خىل يەرلىك شېۋىلەردە قىلساق بولمايدۇ ، ئۇيغۇر تىلى شۇنداق بىر گۈزەل تىل ، شۇڭا سۈپەتلىك ، توغرا تەرجىمە قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ . يەنە دەيدىغىنىم ، تەرجىمە جەريانىدا ، بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ تەرجىمىسىدىن پايدىلانساڭلار ، ئۆز ئالدىڭلارغا تەرجىمە قىلىۋەرمەي . مەسلەن ، بىلكان ، مۇئەللىم ، ئىرپان ، ئۇيغۇر سوفت لۇغىتى ۋە ھەر قايسى لۇغەتلەر ، Windows نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن پايدىلانساڭلار .

باھا سۆز

قوللايمەن  ۋاقتى: 2016-10-15 17:46
تەۋسىيىلەش
merdan ۋاقتى: 2016-9-2 17:20:02
بۇلارنى بىر ئادەم ئۆزىچىلا چىقىرىۋالغان ئەمەس، بىرلىككە كەلگەن دېگەندىكىن ھەممىمىز شەخسىي قاراشلىرىمىزنى تاشلاپ شۇ بۇيىچە ئىشلىتەيلى.
تەۋسىيىلەش
nida ۋاقتى: 2016-9-2 16:03:38
充电 نى توك قاچىلاش دېگۈچە، توكلاش دېسەكچۇ؟ زەرەتلەش دېسەكچۇ؟
تەۋسىيىلەش
alip ۋاقتى: 2016-9-2 15:56:18
TaymasNet يوللىغان ۋاقتى  2016-9-2 14:31
تور خەت       电子邮件
ئېكىتاب            电子书  
==================================== ...


ئىسىمنىڭ بېشىغا ئىككى ھەرپنى قوشۇپ سۆز ياساش ئۇيغۇر تىلى گىرامماتكىسىغا خىلاپ. تور خەت تىل-يېزىق كومېتىتى بېكىتكەن ئاتالغۇ.
بۇندىن كېيىن شۇنداق ئىشلىتىلدۇ.
تەۋسىيىلەش
Gvllinayli ۋاقتى: 2016-9-3 09:57:11
ماۋۇ 电子邮件 دىگەننى كۆپىنچە توربەت ۋە بىرقىسىم تەرجىملەردە «ئېلخەت» قىلىپ تەرجىمە قىلىنىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچۇر-تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنى تىل-يېزىق كومېتىتىنىڭ دىگىندەك قىلغان بىلەن سۆز ئۇزاراپ ئابايقى تور خەت دەيدىغان ئىش چىقىدۇ. تىل-يېزىق كومتېتىغا ئەمدى قىلىدىغانغا ئىش يوق، تاۋۇش قوشۇپ ئېلىپ بۆلۈپ يۈرۈپ ھېچنىمىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئۇچۇر-تېخنىكا ساھەسىدە ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ۋە باشقا تىلشۇناسلار تۈرك تىلىنى ۋە باشقا يېقىن تىللارنىڭ شۇ ئاتالغۇنى نىمە دەپ ئاتايدىغانلىقىغا ئاساسەن مۇزاكىرلىشىپ قىسقا، چۈشنىشلىك، ئامىباب قىلىپ بىكىتسە بولىدۇ. مىنىڭچىمۇ ئالپ ئەھلى سۆز جەھەتتىكى كۆپچىلىكنىڭ شەخسى پىكىرىنى يىغىپ مۇۋاپىقلىرىنى ئويلاشقىنى تۈزۈك.
قالغىنى ئىدىيەڭلارغا باغلىق.


8-قەۋەت
2685058938 ۋاقتى: 2016-9-2 13:56:48
بەك ياخشى بوپتۇ.ئۇيغۇر تىلىمىز ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر خىزمىتىڭلارغا ئاللاھ ئىگەم ئۈزى بەرىكەت ئاتا قىلسۇن .
9-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2016-9-2 14:01:37
yoluqi-arwah يوللىغان ۋاقتى  2016-9-2 13:52
快捷方式  نى ئانچە مۇۋاپىق كۆرمۈدۈم

ھەممە ئادەم ئۆزى خالىغانچە ئىشلەتسە بىرلىككە كەلگىلى بولمايدۇ.
10-قەۋەت
بۇغرا ۋاقتى: 2016-9-2 14:29:42
تەرجىمە ئىشلىرى قانداقراق بولۇۋاتىدۇ قاچانلارغا كۆرۈشەرمىز شىياۋمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن ئازراق ئۇچۇرىنى ئاشكارلىسىلا
11-قەۋەت
TaymasNet ۋاقتى: 2016-9-2 14:31:17
تور خەت       电子邮件
ئېكىتاب            电子书  
=======================================
ئېلخەت         电子邮件
ئېلكىتاب           电子书
ياكى
تور خەت      电子邮件
تور كىتاب         电子书


يۇقىرىقى مىنىڭ شەخسى پىكرىم ئويلىشىپ باقساڭلا.
12-قەۋەت
ablizmansur ۋاقتى: 2016-9-2 14:32:00
رەھمەت!
13-قەۋەت
alip ۋاقتى: 2016-9-2 15:21:54
بۇغرا يوللىغان ۋاقتى  2016-9-2 14:29
تەرجىمە ئىشلىرى قانداقراق بولۇۋاتىدۇ قاچانلارغا كۆرۈ ...

تەرجىمە قىلىۋاتىمىز. يېرىمى تۈگىدى.
14-قەۋەت
﹏☆NicK☆﹏ ۋاقتى: 2016-9-2 15:50:03
电子邮件 ئېلخەت  دەپ ئالساق بولامدىكىن
15-قەۋەت
♥aTlAn♥ ۋاقتى: 2016-9-2 16:18:50
alip يوللىغان ۋاقتى  2016-9-2 16:10
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەممە ئادەم توك قاچىلاش، توك قاچىل ...

ماۋو گەپ بەك توغرا
16-قەۋەت
bayawat ۋاقتى: 2016-9-2 16:31:52
alip يوللىغان ۋاقتى  2016-9-2 15:21
تەرجىمە قىلىۋاتىمىز. يېرىمى تۈگىدى.

شۇنداق بولغاندا شاۋمىي تەرەپ ئۇيغۇرتىلى قۇشۇشقا قۇشۇلۇپتۇ - دە……؟
17-قەۋەت
ۋېلى زىرەككەك ۋاقتى: 2016-9-2 16:59:45
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ۋېلى زىرەككەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-9-2 15:00  

快键方式 دىگەن مىنىڭچە دىگەننىڭ راس تازا جايىدا بولمىغاندەك (ئەمما مۇۋاپىق ئىسىم تاپالمىدىم )
电子邮件  ئىلخەت
电子书  ئىلكىتاپ
图案解锁   مىخ قۇلۇپ ئىچىش (چۈنكى سىزىپ ئىچىش دىسە ئىمزا قۇلۇپنىمۇ سىزىپ ئاچىمىز ).
图案锁 مىخ قۇلۇپ
数据网路   ئاقما تور
充电  توكلاش
مىنىڭچە مۇشۇنداق ئاتىساق بولارمىكى
18-قەۋەت
abduxkuraaaaaaa ۋاقتى: 2016-9-2 17:09:06
ۋېلى زىرەككەك يوللىغان ۋاقتى  2016-9-2 16:59
快键方式 دىگەن مىنىڭچە دىگەننىڭ راس تازا جايىدا بولمىغاند ...

بەك قوپال چىقىپ قالامدۇ نىمە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部