+تېما يوللاش
hawaskar27 يوللانغان ۋاقتى:2016-12-29 16:55 4575 قېتىم كۆرۈلدى 39 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىپ مۇنبېرىدىكى دوستلار، مەن ئىككى ئاي ئىلگىرى يۇرتۇم ھاۋا رايى ئەپ دىتالىنىڭ بىرىنجى نەشىرىنى تۈزۈپ مۇنبەرگە سۇنغان ئىدىم، تورداش دوستلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىگە ئاساسەن ئەپكە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ ھەمدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزۈتۈپ بۈگۈنگە كەلگەندە ئەپنىڭ سەككىزىنجى نۇسقىسى تۈزۈلۈپ بولدى، سەككىزىنجى نەشىرىنى مۇشۇ ئەپنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ مۇكەممەل ئەڭ مۇقىم نەشىرى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پىروگراممىر بولغاچ دائىم http://github.com دىن ئۇچۇق كودلۇق پىروگراممىلارنى ئىزدەپ پايدىلىنىمەن، كۆپچىلىك بىلگەنلىرىمىزنى ئورتاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەمدە بۇلۇپ تەڭ ئىلگىرلىسەك مىنىڭچە ھەممىمىزگە ياردىمى زور بۇلىدۇ دەپ قارايمەن، شۇڭا ئويلىنىش ئارقىلىق يۇرتۇم ھاۋا رايى ئەپ دىتالىنىڭ ئەسلى كودىنى پۈتۈنلەي ھەقسىز ئېچىۋېتىش قارارىغا كەلدىم، ئەپ ئاچقۇچى پروگراممىر دوستلارنىڭ ۋە ھەۋەسكار دوستلارنىڭ پايدىلىنىشىنى قارشى ئالىمەن، ئەسلى كودىنى مىنىڭ github تور بېتىمدىن چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ، مىنىڭ باش بېتىم github.com/bodekjan، مۇلازىمىرنىڭ ئادرىسىنىمۇ تەمىنلىدىم، ئەپنىڭ ئەسلى كودىدىن خالىغانچە پايدىلىنىشڭلارنى، لىكىن مۇلازىمىرنى قالايمىقان ئىشلىتىپ مۇلازىمىرنى قاتۇرۇپ قويماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن،رەھمەت.
ئەپنىڭ كونا نۇسقىلىرى ئىشلىتىۋاتقان دوستلارنىڭ ھەمدە ئەپنى قاچىلاپ نورمال ئىشلىمەي قېلىپ ۋاقتىنچە يۇيىۋەتكەن دوستلارنىڭ ئەپنىڭ سەككىزىنجى نەشىرىنى چۈشۈرىۋېلىشىنى قارشى ئالىمەن: چۈشۈرۈش ئادرىسى: بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ
بەزى دوستلار مىنى قۇشۇپ ئەپ ياسىسا قانچە پۇل تاپقىلى بولىدۇ ؟ بۇ ئەپنى ياسىسىڭىز سىزگە جېق پۇل بەرگەندۇ دەپ سورىدى، ئۇلارنىڭ نەزىرىچە ئەپنى ياساپ تارقاتسىلا بىر يەردىن پۇل بېرەمىش    ئۇنداق ئىش يوق، ئۆزلىكىدىن ياسىغان ئەپكە ھىچكىم پۇل بەرمەيدۇ، ئەپنىڭ ئۇيەر بۇيەرلىرىگە ئانچەمۇنچە ئېلان قىستۇرۇپ يۈرۈپ كىرىم قىلىدىغان گەپ، تۆۋەندىكىسى ئىككى ئايدىن بىرى ئەپكە ئېلان قىستۇرۇپ يۈرۈپ قىلغان كىرىم: نەچچە ئايدىن بىرى كىرگەن كىرىمگە بىرتال ئاندرويدنىڭ كىتابىنى سېتىۋالدىم

ئەسلى كود قىسمىدىن رەسىم:

يېڭى نەشىرىدىكى رەسىملەر:
ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش6 ھەمبەھرھەمبەھر قوللايمەنقوللايمەن8 قوللىمايمەنقوللىمايمەن

39ئادەم ئىنكاس يازدى

تۆر
سال ۋاقتى: 2016-12-29 18:48:54
چۈشۈرسەم خەنزۇچە بىر  ئەپ چۈشتىغۇ،天气王 دەپ،ئۇلىنىش ئادرسىدا مەسىلە بارمۇ قانداق
گىلەم
于于于于于 ۋاقتى: 2016-12-29 19:05:08
بۇ ھاۋارايىدىن  سائەتنى چىقىرىۋەتتىڭىزمۇ.

ئورۇندۇق
WaPaDaRiM ۋاقتى: 2016-12-29 19:07:34
چۈشۈرۋالدىم رەھمەت

5-قەۋەت
8884979 ۋاقتى: 2016-12-29 19:12:58
پەچەت چىقىپتۇ
6-قەۋەت
BazilaR ۋاقتى: 2016-12-29 20:01:54
بۇ قېتىمقى نەشىرىدە سائەت چىقمايدىغان بولۇپ قاپتۇ،
7-قەۋەت
ئويغان07 ۋاقتى: 2016-12-29 20:21:11

8-قەۋەت
15609971791 ۋاقتى: 2016-12-29 20:23:09
مىنىڭ تىېلپۇنۇم شاۋمى 2ناھايىتى ياخشى نورمال ئىشلىدى رەھمەت سىزگە
9-قەۋەت
alipalim ۋاقتى: 2016-12-29 20:45:06
تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا ،بۇ قېتىمقى ھاۋارايى دىتالىنىڭ سائەت قىستۇرمىسى يوق ئوخشايدۇ ،
سائەتنىمۇ قۇشۇپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ مۇكەممەل بۇلاركەن ،،،،لېكىن كۆپ ئەجىر قىلغانسىز كۆپ رەھمەت
10-قەۋەت
1559977 ۋاقتى: 2016-12-29 21:49:39
مىنڭ تىلىفۇنۇم شىاۋمى ماش ئىدى روتلىيالمىدىم ئاندىروئىد.16روتلىغىلى بۇلىدىغان دىتال بولسا تەمىنلەپ  بەرسەڭلا  رەھمەت

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە -30 يىغىش سەۋەبى
alip -30

باھا خاتىرىسى

11-قەۋەت
مۇساجان2 ۋاقتى: 2016-12-29 21:55:46
شۇ بۇداقى يېڭى نەشىردە سائەت يۇقاپ كەتتى  ئىنكاس قىپ قويغان ئىدىم بۇ مەسىلىنى
12-قەۋەت
tugyar ۋاقتى: 2016-12-29 23:08:47
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوسلار مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن   سالون قۇرىدىغان  بۇرادەرلەر مىنى قوشساڭلار 18690182756
13-قەۋەت
QaS_ToY ۋاقتى: 2016-12-29 23:14:09
بەك ياخشى چىقىپتۇ رەھمەت ،
14-قەۋەت
alkizar520 ۋاقتى: 2016-12-30 00:57:53
رەھمەت چۈشۈرۋالاي
15-قەۋەت
tursunxayar ۋاقتى: 2016-12-30 01:30:01
بۇرۇنقىدىن راۋۇرۇس مۇقىم بوپتۇ، كىچىككىنە كەمچىلىكى سائەت بولغان بولسا، ئەسلىدىكى خەنزۇچە ھاۋارايىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە تامامەن بولار ئىكەن،
يەنە بىرى ئاستىدىكى ئۈچ كۈنلۈك ھاۋارايىنىڭ گىرادۇس سانلىرى مىنگىشىپ چىقىۋالىدىغان بوپ قاپتۇ
123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

快速
回复
返回
列表
返回
顶部