ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى  ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى HTC Samsung Motorola Sony Ericsson Iphone Android Windows Phone ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار  كومپىيۇتېر ئويۇنلىرى

كۆرۈش: 802|ئىنكاس: 16

ئالىپ تورىغا پىكىرىم بار!!!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئاقچا
22
جۇغلانما
249
توردا
73 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 14:27:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.
     تۆۋەندە ئالىپ تورىغا ۋە ئاتامانلارغا بىر-ئىككى ئېغىز پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىۋالاي، قۇلاققا سەل قاتتىق تەگسىمۇ قوبۇل قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن(مېنىڭچە ئالىپ تورى قانداقلا پىكىر بولمىسۇن، ئويلىشىپ بېقىشنى چوقۇم خالايدۇ).

      بىر نەچچە تېمىدا جاۋابسىز قالغان ئىنكاسنى ئۇچۇراتىم، ئۆزۈمنىڭ يازغان بەزى تېما، ئىنكاسقىمۇ قانائەتلەنگىدەك جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم،ياكى نەزەرگە ئېلىنمىغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويدى. QQ ئارقىلىقمۇ ئالاقىلاشتىم، ئەمما بىر ۋاقتتا يوللىغان بىرنەچچە ئۇچۇرۇم پەقەت نەزەرگە ئېلىنماي قالدى. ئەگەر سورىغان سۇئالىمغا ئۆز ۋاقتىدا جاۋاب بېرىش قىيىن كەلسە، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ياكى ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بولسىمۇ بىر جۈملىلىك چۈشەنچە بېرىپ قويسا توغرا بولاتتى. (تېما،ئىنكاسلارغىمۇ ھەم شۇنداق) ...

      مېنىڭچە بۇ ئالىپ تورى مەسئۇللىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ھېسابلىنىدۇ. بىلىمەن، بىر تورنى ماڭغۇزماق تەس، ۋاقىت بىلەن مېڭە يەيدىغان ئىش. ئۆزۈممۇ كۈندە يۈزلىگەن يازما يوللىنىدىغان تور بېكەتنى ماڭغۇزۇپ باققان. ئەمما، ۋاقىت قىسلىقى ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى جايىدا ئادا قىلالماسلىقىمىزغا سەۋەب بولالامايدۇ، مېنىڭچە.

      ئالىپ تورىنىڭ قىلىۋاتقان ئەمىلىي ئىشلىرىنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز ھەم ئىچ-ئىچىمىزدىن مىننەتتار بولىۋاتىمىز. مۇنكىن بولسا، ئۆز مەسئۇلىتىڭلارنىمۇ ئامال بار تېخىمۇ جايىدا ئېلىپ بارساڭلار. بىر نەرسىنى چىقىرىپ قويغانلىق بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ، شۇ نەرسىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالغا، ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىلىلەرگىمۇ ئاز-تولا نەزەر سېلىپ قويسڭلار دېگەن ئۈمۈدتە. ئەگەر سورالغان سوئال ياكى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە قارىتا، سىلەردىمۇ توغرا بىر جاۋاب بولمىسا، چىرايلىقچە چۈشەنچە بەرسەڭلەرمۇ بولىدۇ، بىز بۇنىڭلىق بىلەن سىلەرنىڭ قابىلىيتىڭلاردىن گۇمانلىنىپ قالمايمىز.

      ئاخىردا، ئالىپ تورىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەڭ تورداشلارنىڭ ئالىپقا ئوخشاش ئەمىلىي ئىشنى قولدىن بەرمىگەن تور بېكەتنى ئۈزلۈكسىز قوللاپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!!!

.
..........

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
627
توردا
3268 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 15:32:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاندرويىد يانفۇننى ئۇيغۇرچە تولۇق تونۇتالمىدىم، قانداق قىلىمەن دىگەن ئوخشاش مەزمۇندىكى سۇئاللار بەك كۆپ. كىيۇكىيۇرىممۇ شۇ سۇئاللارنى سوراپ، جاۋاپ بىرىپ تۇشۇپ كەتتى. سىزمۇ ئەتىدىن كەچكىچە بىر خىل سۇئالغا جاۋاپ بېرىۋەرسىڭىز چوقۇم ئىچىڭىز پۇشىدۇ.
بىز ئۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىپ بولغان. شۇڭا تەكرار سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمىگەن بولۇشىمىز مۇمكىن.
پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق. دىققەت قىلايلى. بىزنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

ئاقچا
22
جۇغلانما
249
توردا
73 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 15:36:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2011-10-27 13:32
ئاندرويىد يانفۇننى ئۇيغۇرچە تولۇق تونۇتالمىدىم، قاند ...
بىز ئۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىپ بولغان. شۇڭا تەكرار سۇئاللارغا جاۋاپ بەرمىگەن بولۇشىمىز مۇمكىن.

مېنىڭ سورىغان سوئالىمغا ماس جاۋابنى ئالىپتا ھىچ ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم، شۇ ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشنى بولسىمۇ قالدۇرۇپ قويسىڭىزچۇ. ياكى ھازىرمۇ بولسا بولىدۇ.
مەن تۈنگۈن كەچتە QQدا ئالاقىلاشقان، QQنامىم Zeper
..........

Rank: 4

ئاقچا
22
جۇغلانما
249
توردا
73 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 15:38:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2011-10-27 13:32
ئاندرويىد يانفۇننى ئۇيغۇرچە تولۇق تونۇتالمىدىم، قاند ...

ئاۋۇ يەنە بىر تېمامنىڭ كچىككىنە يېرىنى تەھرىرلىگەن، قايتا تەستىق قاتارىغا كىرىپ قالدى. شۇنىمۇ بىر ياردەم قىلىپ قايتا تەستىقلىۋەتسىڭىز.
..........

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2282
جۇغلانما
627
توردا
3268 سائەت
نادىر
41
تېما
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 15:49:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ تېمىڭىزنى قايتا تەستىقلاپ، جاۋاپ يېزىپ قويدۇم.

كۆزدە تۇتۋاتقان سۇئالىڭىز
/thread-1524-1-1.html
مۇشۇ تېمىدىكىسى شۇ بولسا، ئۇ سۇئالىڭىزغا Chorme ئەپەندى بىلەن nuer0997 ئەپەندى خېلى تەپسىلى جاۋاپ بېرىپتىغۇ.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

ئاقچا
22
جۇغلانما
249
توردا
73 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 15:57:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2011-10-27 13:32
ئاندرويىد يانفۇننى ئۇيغۇرچە تولۇق تونۇتالمىدىم، قاند ...

سىزمۇ ئەتىدىن كەچكىچە بىر خىل سۇئالغا جاۋاپ بېرىۋەرسىڭىز چوقۇم ئىچىڭىز پۇشىدۇ.

تۇيۇقسىز ماۋۇ گىپىڭىز ماڭا ياقمىدى، مەن بۇنى جۇڭگوچە ئەمەلدارلىق پىسخىكىسى دەپ بىلدىم(ھۆكىمەت ئورگانلىرىغا ئىش بىجىرگىلى بارسا،ئىش بىجىرىدىغانلارنىڭ پوزۇتسىيىسى ئادەتتە مۇشۇنداق بولىدىغان،شۇڭا ئوخشاتتىم)

ھەممە ئادەمنىڭ قورسىقىدىكى ئومىچى ئوخشاش مىقتاردا بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بەزىلەرگە گەپ چۈشەندۈرۈش ئاسان، بەزىلەرگە بولسا خىلى ۋاقىت سەرىپ قىلمىسا گەپنى ئېنىق چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. سىز دېگەندەك ماڭىمۇ بۇرۇن  بېكەت ئەزالىرىدىن كۆندە نۇرغۇن ئۇچۇر كىلىپ تۇراتتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئاڭلىق، بەزىلىرى بولسا يىپىشقاق كىلەتتى. ئەمما مەن بۇنىڭلىق بىلەن ئىككىسىگە ئىككى خىل مۇئامىلىدە بولۇپ باققان ئەمەس.

مۇنبەردەك بىر نەرسىگە ئەركىن ئەزا بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغانىكەن، ئۇنىڭغا كىرىدىغان ئادەم ھەرخىل بولىدۇ. سىز دېگەندەك بىر نەچچە قېتىم جاۋاب بېرىپ بولغان سوئالنى، باشقالار يەنە سورايدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچىرايدۇ. «ئىچىم پۇشتى»دەپلا نەزەرگە ئالمىساق قاملاشماس،مېنىڭچە. خەنلەرمۇ مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ تەلىپىنى ئېرىنمەي قىلىدىكەن، تەكرار بولسا، بۇرۇنقى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنىڭ ئۇلانمىسىنى قالدۇرىدىكەن. بىز نېمىشقا شۇنداق قىلالمايمىز؟!

ئەمىلىي تۇرمۇشتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇلازىمەت پوزۇتسىيىسى ئاشۇ ماڭنۇرلارنىڭكىگە پەقەت يەتمەيدۇ، بۇنى ئىنكار قىلالمايمىز!

بىر ئېغىز گەپكە بىرمۇنچە بىرنەرسە يېزىۋەتتىم، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز. « دوست يىغلىتىپ ئىيتار،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ» نى ئىسىڭىزگە ئېلىپ قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mzp009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-27 13:59  

..........

Rank: 4

ئاقچا
22
جۇغلانما
249
توردا
73 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 16:08:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2011-10-27 13:49
ئۇ تېمىڭىزنى قايتا تەستىقلاپ، جاۋاپ يېزىپ قويدۇم.

كۆز ...


nuer0997 نىڭ ئىنكاسى مەن ئىككى تېمىنى يېزىۋاتقاندا يېزىپتىكەن، ھەم «ئۇيغۇرچە romدىن ئۈمۈد بار» دېگىنى ماڭا «مۇمكىن»دېگەندەك بىلىندى.
Chorme ئەپەندى بولسا، قايسى تىپتىكىنى ئالسام ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ، نەشىر توغرىسىدىكى ئەندىشىمگە جاۋاب يازماپتىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mzp009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-27 14:08  

..........

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
4003
جۇغلانما
664
توردا
210 سائەت
نادىر
0
تېما
16
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 18:38:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا جاۋاب
/forum.php?mo ... d=1537&pid=8542

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
81
توردا
17 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 11:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېغىربېسىق بولۇڭلار

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
33
توردا
17 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 18:10:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ ئەپەندىم ، ماڭىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلدى ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.073124 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-23 04:19

چوققىغا قايتىش