SAMSUNGيانفونى سېتىۋىلىشتىن مەسلىھەت بەرسەڭلار...

يوللىغۇچى: مۇزەپپەر | يوللىغان ۋاقتى: 2011-10-26 04:11| كۆرۈلۈشى: 961| ئىنكاس سانى: 14|تېما مەشغۇلات خاتىرىسى

     SAMSUNGيانفونىغا ئۇزۇندىن بىرى دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان، بولۇپمۇ galaxy تۈركىمىدىكىلىرى مېنى خىلى مەپتۇن قىلىۋالغان. يېقىندىن بىرى SAMSUNG I9000 ۋە i9100گە ماس ROMنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن، يانفون ئاملاشتۇرۇش ئويىدا بولىۋاتقىنى خىلى ئايلار بولغان مەن ئەمدى رەسمىي بىرنى سېتىۋالىدىغان يەرگە كەلدىم.

      ئەمدىكى گەپ، قايسىنى سېتىۋىلىشتا بولۇپ قالدى.i9000نى ئالاي دېسەم، بۇنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدا بازارغا سالماپتىكەن، بارزاردىكىلىرى سۇيولى ماللىرى ئىكەن. i9003نى ئالاي دېسەم، بىرى i9000نىڭ ئۇيغۇرچە ROMمى چۈشەمدۇ يوق بىلمىدىم، يەنە بىرى قەشقەردىكى بىرنەچچە دۇككانغا كىرسەم، «行货»دېگەنلىرىنىڭمۇ باھاسى نەچچە خىل تۇرىدۇ(3049-3800+غىچە)، شۇنىڭ بىلەن بېشىم قاتقاندەك بولدى.

     تۈنۈگۈن 9100نىڭمۇ ئۇيغۇرچە ROMمى چىققانلىقىنى كۆرۈپ، كۆزۈم يەنە مۇشۇنىڭغا تىكىلدى، لېكىن 1كويى كەم5000لىق باھاسى خىلىلا ئۆرى بىلىندى. ئالىدىغان ئىش بولسا «سۇ مىلى»نى ئالسام بولىدىكەن. «سۇ مىلى»نى ناچار دېگىنىم ئەمەس، مېنىڭ «سۇ مىلى»نى ئېلىشتىن ئەڭ چوڭ ئەندىشىم: 1. ئالغان يانفون يېڭىلىغان ياكى باشقا بىرقانداق مەسىلىسى بار ۋە ياكى ساختا مالغا يولۇقۇپ قىلىش؛ 2. قايسى نەشىرىدىكىسىنى ئالسام ياخشى؟(ياۋروپا،كورىيە،شاڭگاڭ...)9000نىڭ ROMمىنى يوللىغان تېمىدا بىرەيلەن ‹مېنىڭ شاڭگاڭ نەشىرى ئىدى، ھەرقاچان بۇ چۈشمەيدۇ›دېگەندەك ئىنكاس قالدۇرغىنىنى كۆرۈپ، سەل ئاڭقىرالماي قالدىم. 3.توردىكى ياكى قەشقەر بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ بىرىدىكى ئىشەنچىلىك دۇككان ئۇچۇرى يوق.

      جۇڭگونىڭ ئىستىمال سەۋىيىسىدە، 3000دىن ئارتۇق پۇل خەجلەيدىغان يەرگە كەلگەندە مۇشۇنداق ئويلۇشۇپراق ئىش قىلمىساق بولمايدىكەن. ئالغان يانفوننىڭ سۈپىتىلا ئەمەس، ئالغان يانفونغا ئەگەر يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرچە ROMلار چۈشمىسە، مەن ئۈچۈن خەجلىگەن پۇل ئوخشاشلا بىكار كەتكەن ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا، يۇقىرىدا مەن ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ئۈستىدە ماڭا تەپسىلىيرەك مەسلىھەت، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسەڭلار.
ئۆزۈمنىڭ كۆڭلى بەكىرەك 9100گە تارتىدۇ، «سۇ مىلى»نى ئالسام قايسى نەشىرىنى ئالسام بولىدۇ، ئۇيغۇرچە ROMغىمۇ ماس كىلىدۇ؟ ياكى قايسى نەشىرى بولسا چۈشىۋىرەمدۇ؟ دېگەندەك...

   

يېڭى ئىنكاسلار

awral يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 11:10:20
مەنمۇ سىزدەك بۇ يانفونغا قىزىقىۋاتقىلى خېلى ئۇزاق بولغان ، مەنمۇ قايسى خىل سۇ مېلىنى ئېلىشنى بىلمەي بېشىم قىتىپ تۇرىدۇ . سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز، بۇنىڭ تاغ تۇراسىغا ئۇچراپ قالىدىكەنسىز.
UyghurWeb يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 14:13:23
ئەگەر پۇلدا مەسىلە يوق بولسا 9100 نى ئېلىڭ. توردىن 3100 گە، بازاردىن 3200 گە ئالغىنى بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا 9000 نى ئېلىڭ، بۇنى 2000 ئەتراپىدا ئالغىنى بولىدۇ. ھازىرچە 9003 نى ئالماڭ. مەن يىقىندا تېلفۇن سېتىۋىلىش توغرىسىدا تەپسىلىي بىر يازما يازىمەن.
مۇزەپپەر يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 18:52:06
Chrome يوللىغان ۋاقتى  2011-10-26 14:13
ئەگەر پۇلدا مەسىلە يوق بولسا 9100 نى ئېلىڭ. توردىن 3100 گە،  ...

9100نىڭ قايسى نەشىرىنى ئالسام ياخشىراقتۇ؟ ياۋروپا نەشىرىنى ئالسام ئۇيغۇرچە romغا پۇتلاشماس ھە؟ ئانچە-مۇنچە دۇككان ئۇچىرى بولغان بولسا بەك ئوبتان بولاتتى...
uggame يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 20:00:15
دۇكان ئۇچۇرى بار،ئۈرۈمچى كونسول كوچىسىنىڭ يېنىدىكى BRT ئاپتۇبوس بېكىتىنىڭ يېنىدا يېڭىدىن ئىرپان ئىلىكتىرون دۇكىنى ئېچىلدى ،9100 نى 3300يۈەن دىگەندەك قىلغان،ئۆزى ئىشەنچىلىك ماللار،بىريىللىق كاپالەت بىلەن ساتىدۇ.
perwaz812 يوللىغان ۋاقتى 2011-10-26 20:31:27
ئەگەر توردىن سىتىۋىلىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز ماۋۇ دۇكاندىن سىتىۋىلىڭ http://item.taobao.com/item.htm?id=10085514200 مەن خىزمەتدىشىمغا
3500سومغا بىرنى ئەكەلگۈزۈپ بەردىم  ، شىياڭ گاڭ نەشىرى رەڭگى قارا  2ماي  .
nuer0997 يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 14:01:35
مەن بىلگىنىمنى بىر بىلجىرلاي ،  بىرىنچىسى :سۈپەت جەھەتتە ئەسلى نۇسقىسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ،مەن كورىيە نۇسقىسىنى دەيمەنغۇ(韩版) لىكىن بۇخىلدىكىسىنىڭ باھاسى بىر قەدەر ئۆرە ،ئەڭ زور كەمچىلىكى بولسا كەلگەندە كۆپ ساندىكىسى كورىيە يىزىقىدا،خەنزۇچە روملىرىنمۇ تاپماق بىر قەدەر تەسرەك ،لىكىنزە يانفون بەك ياخشى.بۇ خىلدىكىسىىگە ئويغۇرچە تونۇتۇش مىنىڭچە يېقىنلاردا ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئىككىنجىسى :تەيۋەن ،شىياڭگاڭ ،ۋە ياۋرۇپا ماللىرى ،بۇلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ (国际版) دەيدىكەن ،ئويغۇر دېۋ دىكىلەر ئويغۇرچىغا ئۆرۈگەن روملار ساينوگىننىڭ بولسا مۇشۇ خىلدىكىلەرگە ئاساسەن چۈشىدۇ،(ئويغۇرچىدىن ئۈمىد بار دىمەكچىمەن) ئۈچىنجىسى:ئۆزىمىزنىڭ 行货 سى ،بۇ خىلدىكىلەرنىڭ سۈپەت كاپالىتى بار،رىمونىتتىن ئەندىشە قىلمايسىز ،باھاسىمۇ مۇۋاپىق،خەنزۇچە روملىرىنىڭ يېڭىلىنىشى تىز، بۇنىڭدىنمۇ ئويغۇرچىدىن ئۈمىد بار .....
مۇزەپپەر يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 14:28:39
nuer0997 يوللىغان ۋاقتى  2011-10-27 14:01
مەن بىلگىنىمنى بىر بىلجىرلاي ،  بىرىنچىسى :سۈپەت جەھەت ...

ئىنكاسىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
nuer0997 يوللىغان ۋاقتى 2011-10-27 14:35:05
ئەرزىمەيدۇ ،ئۆزەمنىڭمۇ ئىشلىتىۋاتقىنى (韩版i9000)  بولغاچقىمۇ ئىشقىلىپ بەك ھەپىلىشىپ كەتتىم بۇ بىر نىمىلەر بىلەن ، ياردەم لازىم بولسا مۇڭداشقۇ 843569714 ياكى يانفون 15009080261 .
●"純黑sè يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 10:23:08
9100كورىيە نۇسخىسىدىن باشقىسى ئاساسەن ئوخشاشقۇ دەيمەن... 行货قىممەت... مېنىڭچە سۇ يولى مېلى ئالسىڭىز مۇۋاپىق...
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.062460 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 05:55

چوققىغا قايتىش