--------------------------------------------------ئالدى بىلەن ---------------------------------------------------------
--------------------------ھەممىڭلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلاغا ئالدىن مۇبارەك بولسۇن--------------------------
------------------------------------قۇربان ھېيت بىزنىڭ ھېيت--------------------------------------
ئالدىنقى قېتىم مۇنبەردىكى قېرىندىشىمىز ئويغىنىمەن يوللىغان ئاندىروئىد ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدە دېگەن تېمىسىدا بىر قانچە يۇلۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈپتىكەن ، بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇ ھەقتە بىر توختىلىپ ئۈتىش نىسىپ بوپتۇ.
تېمىغا كەلسەك :
ئەسلى تېما ئادىرىسى :/thread-4636-1-1.html
قالدۇرۇلغان ئېنكاس :
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر ، تېمىنى ياخشى يوللاپ سىز ، مەن بىرقىسىم يەرلىرىنى تۈزىتىپ ئۆتەي ، ئۇيغۇرچە ئەپتىن يىشىپ چىقىرىلغان values-ug ،raw-ug ئىككى ھۆججەتنىڭ 100 پىرسەنت ئوخشاش بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن بۇنداق ئۇدۇللا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا بولسا بىرمۇ-بىر تەرجىمە قىلساق ياخشى ،ئاۋارچىلىق كۆرسەك تەرجىمە قىلماقچى بولغان سېستىمىنىڭ ئېنگىلىزچە تىل يامىقىنى كۈچۈرۈپ ئېلىپ values-ug ،raw-ug قىلىپ ئۆزگەرتىمىز ۋە سېلىشتۇرۇش قۇرالى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بولغان values-ug ،raw-ug ھۆججەتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوخشاش قىسمىنى كۈچۈرۈپ ئالىمىز ،ئوخشىمىغان قىسىملىرىنى ئۆزىمىز تەرجىمە قىلىمىز (تەرجىمە قىلغاندا ئامال بار چۈشىىنىشلىك ئىخچام بۇلىشى كىرەك ، تەرجىمىلەر قانچە ئىخچام چۈشىنىشلىك بولسا شۇنچە ياخشى ) .
ئۇندىن كىيىن سىز ئېيتقان رەسىمدىكى مەسىلە بولسا ، بەزى روملاردىكى بۇلۇپمۇ زاۋۇت رومىدىن باشقا روملارنى بىر قېتىمدىن بولاقلاپ بولغان ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزىلگەن شۇڭا framework-res ھۆججىتىنى پەقەت بىر قېتىملا ئېچىپ تەھرىرلەپ بولاقلاشقا بۇلىدۇ ، شۇڭا ئەسلى روم بولمىسا يۇقارقى خاتالىق چىقىدۇ ، شۇڭا framework-res نى تەرجىمە قىلغاندا ئامال بار apktool نى ئىشلەتمەيمىز .يەنە بىر مەسىلە بولسا framework-res ئىچىدىكى 9.png شەكلىدىكى ھۆججەتلەر بولسا ئاساسلىق كۈرىنىش رەسىملىرى بۇ ئادەتتىكى png رەسىملەر بىلەن ئوخشىمايدۇ ، گوگۇلنىڭ پاتنىتلىق تېخنىكىسىدىن بىرسى بۇلۇپ رەسىمنى قانچىە سوز سىمۇ رەسىمنىڭ سۈزىكلىك دەرىجىسى ئۆزگەر مەيدۇ ، شۇڭا يانفۇننى يانتۇ ۋە تىك ۋالەتتە تۇتقاندىمۇ نۇرمال چىرايلىق ئۈنۈم كۈرىلىدۇ ، بۇ رەسىملەرنى ئۆزگەرتىپ ئاندىروئىدنى تېخىمۇ مىللىي پۇراققا ئىگە قىلاي دىسىڭىز بۇ رەسىملەرنى ئۆزگەرتىش كىرەك ، بۇرەسىملەرى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن Nine-Patch Editor1_0_0_3 دېگەن قۇرالدىن پايدىلنىمىز .
يەنە بىر مەسىلە بار بەزى روملار دىكى نۇرغۇن ئەپلەر گە ئىمزا سىغا چەك قۇيۇلغان چۇقۇم بىردەك بۇلىشى كىرەك ، ئارىدىن بىرنى تەرجىمە قىلىپ بىرنى قىلمىغاندا ئىككى ئەپنىڭ ئىمزاسى ئوخشىمايدۇ دە يانفۇن قايتا قوزغالمايدۇ،شۇڭا بۇ يەرگىمۇ دىققەت قىلساق .
ئاخىرىدا تەرجىمە قىلغان ئەپلەرنىڭ لايوت قىسمىدىن خەتلەرنى ئوڭغا توغرىلىساق ، رەسىملەرنى سولغا توغرىلىساق .
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي قالغان مەسىلىلەرنى كىيىن دىيشەمىز !
يۇقاردا دىيىلگىنىدەك بىرقىسىم ئەپلەرنى apktool ئارقىلىق يىشىش مۇمكىن ئەمەس ، بۇنداق ۋاقىتتا تۈۋەندىكىدەك ئۇسۇلدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق بۇلىدۇ .
1- apktool غا سىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان سېستىما ئەپىنىڭ ئەسلى رومى ئىچىدىكى framwork—rew.apk نى قاچىلىۋېتىپ سىناپ بېقىڭ(قاچىلاش بۇيرۇقى :apktool if framwork—rew.apk ) ، قاچىلانغاندىن كىيىن apktool قۇرالىدا نۇرمال بولاقلاپ يەشكىلى بۇلىدىغان بۇلىدۇ .
يۇقارقى ئۇسۇل قاملاشمىسا ۋە ياكى سېستىما ئەپلىرىدىن باشقا ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىشتا apktool قاملاشمىسا تۈۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىمىز.
2- ئەپ ئىچىدىكى ئۆزگەرتىشتە رەسىملەرنى winrar قۇرالىدا تارتىپ چىقىرىپ ئۆزگەرتىپ بوپ يەنە winrar ئارقىلىق ئالماشتۇرۇپ قويساق بۇلىدۇ ، تەرجىمىلەرنى winrar ئارقىلىق resources.arsc نى تارتىپ چىقىرىۋېلىپ شۇ نىڭ ئىچىدىن تەرجىمە قىلىمىز ۋە winrar ئارقىلىق بالدۇرقىسى بىلەن ئاماشتۇرىۋېتىمىز
resources.arsc ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن بۇ قۇرالنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ
قۇرال : ArscEditor.exe
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يوللاشقا ئامالسىز قالدىم ، بەيدۇ قىلسىڭىز بۇلىدۇ .
چۈشۈرىپ بولغاندىن كىيىن شۇ قۇرال ئارقىلىق resources.arsc نى ئېچىپ خەنچىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىمىز ۋە ساقلايمىز ، ساقلاپ بۇلۇپ winrar بىلەن بۇرۇنقىسىگە ئالماشتۇرىمىز ۋە ئىمزا قۇيىمىز .
ئەمدى قاچىىلىساقلا بۇلىدۇ .
قاچىلاش تا مەغلۇپ بولسا ئۇ مەن ئېنكاستا دەپ ئۆتكەن ئوخشاش ئىمزا ئىشلىتىدىغان كاشىلا تۇسالغۇلۇق قىلغان بۇلىدۇ ، بۇنى ھەل قىلىشنى كىيىن تۇلۇقلاپ ئۆتەي . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lost تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-21 20:44
|