- جۇغلانما
- 1998
UID18501
تىزىملاتقان2013-6-13
ئاخىرقى قېتىم2015-3-23
توردا735 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1998
- ئاقچا
- 0
|
ئالما iCloud جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى خاككېر ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن
رېيترس تورىنىڭ 21-ئۆكتەبر خەۋىرى: جۇڭگو تور بەتلىرىنى كۆزىتىدىغان Greatfire.org تورى بلوگىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئالما شىركىتىنىڭ iCloud ساقلاش ۋە زاپاسلاش مۇلازىمىتى ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغان خاككېرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ماقالىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدىكى قوللىغۇچى دەپ قارالغان.
Greatfire.org تورى دېيىشىچە، نامەلۇم خاككېر ئاتالمىش «ۋاسىتىچىلار ھۇجۇمى» (MITM) ئۇسۇلى ئارقىلىق ئابونتلار بىلەن ئالما iCloud ئارىسىغا ئۆزىنىڭ تور بېتىنى قىستۇرغان، ئېھتىمال ئابونتنىڭ مەخپىي نومۇرى، iMessage، سۈرەت ۋە ئالاقىلاشقۇچىلار ئۇچۇرىغا ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن.
جۇڭگو ئىنتېرنېتچىلىقىنى تەتقىق قىلىدىغان Greatfire.org تورى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى خاككېرلىق ھۇجۇمى ھەرىكىتىگە قاتناشتى دەپ قارىدى، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم بىلەن گۇگول، ياخۇ ھەمدە مىكروسوفتنىڭ Hotmail ئىلگىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغىنى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.
رېيترس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئىككى مۇستەقىل بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسدىن ئىگىلىشىچە، Greatfire.org نىڭ دوكلاتى ئىشەنچىلىك ئىكەن.
بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالى ئىشلەش شىركىتى F-Secure نىڭ باش تەتقىقاتچىسى مىككو خۇيپوننېن:«مەن كۆرگەن بارلىق ئىسپاتلار بۇنىڭ ھەقىقىي ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالما مەھسۇلاتىنىڭ جۇڭگولۇق ئابونتلىرىغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلغان» دېدى.
ئالما شىركىتى نەچچە ھەپتە ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگولۇق ئابونتلارنىڭ iCloud سانلىق مەلۇماتىنى جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ مۇلازىمىتېرىدا ساقلاشنى باشلىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
Greatfire.org يەنە بۇ قېتىمقى خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ مۇلازىمىتېرىدا ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ساقلاشنى قارار قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتە خاككېرلارنىڭ يەنىلا جانلىنىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس. رېيترس ئاگېنتلىقى بۇ ۋەقە ھەققىدە ئالما شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشتى، ئۇلار دەرھال باھا بەرمىدى. جۇڭگو تېلېگرافىمۇ دەرھال جاۋاب قايتۇرمىدى.
رېيترس ئاگېنتلىقى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن تېخى ئالاقىلىشالمىدى.
تەرجىمان: ئوكيان
مەنبە: ئوكيان تورى
|
|