ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

ئىزدەش
ئالپ تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ، تىزىملىتىپ كىرىپ مەشغۇلات قىلىڭ
ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

تىزىملىك
كۆرۈش: 869|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئالما icloud خاككېر ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بۇلۇشى مۇمكىن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

391

يازما

498

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2241
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-10-22 17:53:01 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

ئالما iCloud جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى خاككېر ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن

رېيترس تورىنىڭ 21-ئۆكتەبر خەۋىرى: جۇڭگو تور بەتلىرىنى كۆزىتىدىغان Greatfire.org تورى بلوگىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئالما شىركىتىنىڭ iCloud ساقلاش ۋە زاپاسلاش مۇلازىمىتى ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغان خاككېرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ماقالىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدىكى قوللىغۇچى دەپ قارالغان.
Greatfire.org تورى دېيىشىچە، نامەلۇم خاككېر ئاتالمىش «ۋاسىتىچىلار ھۇجۇمى» (MITM) ئۇسۇلى ئارقىلىق ئابونتلار بىلەن ئالما  iCloud ئارىسىغا ئۆزىنىڭ تور بېتىنى قىستۇرغان، ئېھتىمال ئابونتنىڭ مەخپىي نومۇرى، iMessage، سۈرەت ۋە ئالاقىلاشقۇچىلار ئۇچۇرىغا ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن.
جۇڭگو ئىنتېرنېتچىلىقىنى تەتقىق قىلىدىغان Greatfire.org تورى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى خاككېرلىق ھۇجۇمى ھەرىكىتىگە قاتناشتى دەپ قارىدى، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم بىلەن گۇگول، ياخۇ ھەمدە مىكروسوفتنىڭ Hotmail ئىلگىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغىنى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.
رېيترس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئىككى مۇستەقىل بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسدىن ئىگىلىشىچە، Greatfire.org نىڭ دوكلاتى ئىشەنچىلىك ئىكەن.
بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالى ئىشلەش شىركىتى F-Secure نىڭ باش تەتقىقاتچىسى مىككو خۇيپوننېن:«مەن كۆرگەن بارلىق ئىسپاتلار بۇنىڭ ھەقىقىي ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالما مەھسۇلاتىنىڭ جۇڭگولۇق ئابونتلىرىغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلغان» دېدى.
ئالما شىركىتى نەچچە ھەپتە ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگولۇق ئابونتلارنىڭ iCloud سانلىق مەلۇماتىنى جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ مۇلازىمىتېرىدا ساقلاشنى باشلىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
Greatfire.org يەنە بۇ قېتىمقى خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ مۇلازىمىتېرىدا ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ساقلاشنى قارار قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتە خاككېرلارنىڭ يەنىلا جانلىنىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس. رېيترس ئاگېنتلىقى بۇ ۋەقە ھەققىدە ئالما شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشتى، ئۇلار دەرھال باھا بەرمىدى. جۇڭگو تېلېگرافىمۇ دەرھال جاۋاب قايتۇرمىدى.
رېيترس ئاگېنتلىقى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن تېخى ئالاقىلىشالمىدى.
تەرجىمان: ئوكيان
مەنبە: ئوكيان تورى

0

تېما

257

يازما

323

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1659
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-10-22 18:53:03 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن يانچۇق ئوغۇرلىسا....ھازىر  شەخىسنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغۇرلايدىغان بۇپ كىتىپتۇ بۇ خەق...نىمە پايدا ئالا مۇشۇنداق قىلىپ..

4

تېما

115

يازما

48

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
278
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-10-22 19:07:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈڭۈل ئاچىدىغان ئوخشايدۇ!

1

تېما

126

يازما

361

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1368
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-10-22 19:47:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگودەك ئىش قىپتۇ

3

تېما

297

يازما

207

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
801
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-10-22 20:20:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرەققىيات دىگەن شۇ خاككىرلار شۇنداق قىلىپ ئوزىنى كورستىدۇ  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

alip uyghur it web site |

Powered by Discuz! X3.1

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش